ئىشتان كىسىشتىكى مەنتىقە
قىزچاق بىر ئىشتان سېتىۋېلىپ ئۆيگە قايتىىپ كەلگەندىن كېيىن سىناپ كۆردى. قارىسا بەكلا ئۇزۇن. قىز مومىسىدىن ئازراق كىسىپ بېرىشنى سورىدى. مومىسى مەن بەك ئالدىراش، ئاپاڭنى ئىزدە قىزىم دېدى؛ ئاپىسىنىڭمۇ ۋاقتى يوق بوپ چىقتى؛ ئاچىسىنى ئىزدەپ بارغان ئىدى، ئۇ تېخىمۇ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. قىزچاق قاتتىق ئۈمىتسىزلەنگىنىچە ئۇخلاپ قالدى. مومىسى ئۆي ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن نەۋرىسىنىڭ دېگەن گىپى ئىسىگە كەلدى-دە، ئىشتاننى ئېلىپ ئازراق قىسقارتىپ قويدى؛ ھەدىسىمۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سىڭلىسىنىڭ گېپى ئىسىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئىشتىنى يەنە ئازراق كېسىۋەتتى؛ ئاپىسى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئۇمۇ ئىشتاننى ئازراق كىسىپ قويدى. شۇنداق قىلىپ قىزچاق ئۇ ئىشتاننى كىيەلمىدى.
باشقۇرۇشتا شۇنداق بىر ئىللەت باركى : ياكى ئازراقمۇ باشقۇرماسلىق، ياكى ھەممەيلەن باشقۇرۇپ كىتىش!
خەۋپ تۇيغۇسى
بىر كۈنى يولۋاس بىرنى بۇغىنى تۇتىۋېلىپ ئۇنى يىمەكچى بولۇپتۇ. بۇغا ئېيتىپتۇ:« سەن مېنى يىسەڭ بولمايدۇ!» يولۋاس ھەيران قىلىپ نىمىشقا دەپ سوراپتۇ. بۇغا ئېيتىپتۇ:« چۈنكى مەن دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىغان ھايۋان تۇرسام!» يولۋاس بۇغىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ تاشلاپتۇ: «ھەرقانچە بولسىمۇ ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى دەپ بىرىنچى دەرىجىلىك ھايۋانلارنى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا بولماس؟»
يەكۈن: ھەرۋاقىت خەۋىپ تۇيغىسى ھالىتىدا تۇرۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئۆزىڭىزنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويمىسۇن!
ئاددىي كۆرسەتمە
بىر چىنە ساتىدىغان بوۋاي ئەپكىشىنى كۆتۈرۈپ يولدا كىتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ چىنىلىرى يەرگە چۈشۈپ كېتىپ چېقىلىپ كەتتى. لېكىن ئۇ بوۋاي بۇنىڭغا ئىرەنمۇ قىلماستىن كىتىۋەردى. بۇ يەردىن ئۆتىۋاتقان بىر ئادەم بۇنىڭدىن بەكلا ھەيرانلىق ھىس قىلىپ بوۋايىدىن :» چىنىلىرىڭىز چېقىلىپ كەتسە سىز نىمىشقا قاراپمۇ قويماي ئالدىڭىزغا مېڭىۋىرىسىز؟ » دەپ سوراپىتىكەن، بوۋاي مۇنداق جاۋاپ بىرىپتۇ :» مەن مەيلى قانچىلىك ئىرەن قىلاي، چىنىلەر بەرىبىر چېقىلىپ بولدى-دە.»