بىراۋلار كۆزىدە مەڭگۈ ياخشى ئادەم ئەمەسسەندۇرسەن. ئۇلار ئۈچۈم سەن شۇنچىلىك رەزىلكى، ئۇلار بارلىق رەزىللىكلەرنى سېنى يادىغا ئېلىش بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىپ باقىدۇ؛ سېنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكۈسى كېلىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەقەت خىياللار دۇنياسىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، كۈپكۈندۈزدە چۈش كۆرىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. خىيالىنى كىمدۇر بىرىنىڭ يەتتىنجى قات ئاسماننىڭ تىگىدىن كەلگەن ساداسى بۇزىۋېتىدۇ، قولىدىكى سوۋغاتلىق گۈل پەرۋىشسىز قېلىپ سارغىيىپ ياپراق تاشلاشقا باشلىغاندا چۈشىدىن ئويغىنىدۇ-دە، ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك باغرى تاش بىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، خىياللىرىنىڭ باشقىلار، ھەتتا ئۆزى سۆيگەن كىشىلەر ھەققىدىمۇ شۇنچىلىك رەزىل گۇماندا ئىكەنلكىنى ئۆكۈنىش ئىچىدە بايقاپ قالىدۇ.
بىراۋلار كۆزىدە شۇنچىلىك پاك، سەبىي، كۆڭلنىڭ كىرى يوق بىر ئادەمدۇرسەن، خۇددى بىر بوۋاق كەبىي، ھېچكىمگە، ھەتتا قۇرت-قوڭغۇز، ئۆسۈملۈكلەرگىمۇ يامانلىق ئويلىمايدىغان؛ ئۇلار بارلىق گۈزەل ئىشلارنى سېنى ئەسكە ئېلىش بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىشۇر، سېنى بىر ئۆمۈر ھەمراھ قىلغۇسى كېلۇر، لېكىن ئۇلار سېنىڭ زادى نېمە ئويلايدىغانلىقىڭنى بىلىشكە ئاجىز؛ ئۇلار سېنىڭ قەلبىڭدىمۇ ئاجايىپ قەبىھ خىياللارنىڭ ئەگىپ يۈرىدىيغانلىقنى ئۇنتۇپ كېتىشكەن. مانا بۇ سېنىڭ پۇرسىتىڭ، سەن نىقابىڭنى ئالىسەن-دە، ئىشەنچ دەرىخىگە پالتا سالىسەن.
ۋاھالەنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىلار نەزىدىكى كىملىكىڭدۇر، باشقىلار ئەينىكىدە كۆرگەن ئۆزۈڭنىڭ سىماسىدۇر خالاس. قېرىنداش يەنە بىر قېرىنداشنىڭ ئەينىكىدۇر دەيدۇ، لېكىن ئۆزۈڭ قانداق بولساڭ پاكىزە ئەينەكتە شۇنى كۆرىسەن. ئۆزۈڭنى پاكىزلا، قەلبىڭنى ساپ قىل، ئاندىن ئۆزلۈك ئەينىكىگە باق، ئاندىن ئەتراپىڭدىكى پاكىز كۆرگۈلەرگە باق، بەلكىم ئۆزگىلەر ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ ئۆزلۈك زەنجىرىگە تۇتۇلۇرسەن؛ ئۆزگىلەر ئەينىكىدىكى سىمايىڭدىن ئۆز ئەينىكىڭدىكى سىمايىڭغا بەكراق كۆڭۈل بېرىدىغان بولۇردۇرسەن.