تاقەت ۋە سەبىر

تاقىتىم تاق بولما، تاشما يەنە بىر ئاز قىلغىن سەبىر،
ۋىسال شەربىتى ئۈچۈن مەيلىغۇ تارتساڭ جەبىر.
كۆزلىرىڭ تالسا ئەگەر يار يولىغا ئۇزاق بېقىپ،
قالمىغاي داق يەردە ھەرگىز، مۇھەققەق بولغاي ئەجىر.

تاقىتىم تۆكۈلمە ياپراق كەبى تېخى كۈز كەلمىدى،
ئېقىن سۇ ئەمەسكى ئۇ، ياشلىق باھارىڭ ئۆتمىدى.
باشقىلار ئېيتۇر ساڭا ئاق ساچلىرىڭنى دوق قىلىپ،
سىرت ئالدىتار، ئىچنى كۆرۈشكە كۆزلەرى ھېچ يەتمىدى.

تاقىتىم ۋايسىما، ۋايساش ساڭا بەرمەس شىپا،
رەببىڭگە يۈزلەن، كى ھەر ئىش ئۇنىڭ خاھىشىدا.
ھەر نەرسە ئىستەر كۆڭۈل، بەس! قىلغىن سەۋەبىنى،
بەرمىسە “بول” ئەمرىنى، ئىستەكلىرىڭ تۇرغاي سېنىڭدىن مەڭگۈ جۇدا.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ