سوغۇقنىڭ ھېكايىسى (كېيىن قويۇلغان)

سوغۇق ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ. باھار كېلىدۇ. يازمۇ كېلىدۇ.
قىش كەلگىلىۋاتىدۇ. يىراقلاردىكى بارلىق ئەزىزلىرىمىز ئامان بولسۇن! ھېچكىمنى توڭدۇرماڭ. چۈنكى “ھېسابى بار دۇنيا بۇ” دەيدۇ چوڭلار…

ئىنتايىن سوغۇن بىر ئاخشىمى بىر مىليادىر سىرتتا نامرات بىر بوۋاينى ئۇچرىتىپ قاپتۇ.  مىليادىر بوۋايدىن سوراپتۇ:

بۇنچە سوغۇقتا چاپانمۇ كىيمەپسىز، سىرتتا تۇرۇپ توڭلىمىدىڭىزمۇ؟

” چاپىنىم يوق، ھەم بۇنداق سوغۇققا كۆنۈپمۇ قاپتىمەن.” دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ بوۋاي.

” مېنى بىردەم ساقلاڭ. ئۆيگە كىرىپ سىزگە بىر چاپان ئاچىقىپ بىرەي” دەپتۇ مىليادىر ۋە ئۆيىگە كىرىپ كىتىپتۇ.

بوۋاي بەكلام خوش بولۇپتۇ ۋە ئۇنى ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ سىرتتا قاپتۇ.  مىليادىر بولسا ئۆيىگە كىرىپ كىتىپتۇ ۋە ئالدىراش بوپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سىرتتا قالغان بوۋاي ئىسىدىن كۆتۈرىلىپ كېتىپتۇ.  ئەتىسى ئەتتىگەن مىليادىر ھېلىقى بوۋاينى ئىسىگە ئاپتۇ ۋە ئۇنى ئىزدەپ سىرتقا يۈگىرەپتۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، بوۋاي ئاللىقاچان سوغۇقتىن توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان ئىكەن. بوۋاينىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدا بولسا مۇنداق بىر ئىزاھات تۇرغۇدەك:

ئىسسىق كىيىملىرىم يوق ۋاقتىدا سوغۇققا قارشى تۇرالايتتىم، چۈنكى بۇنداق سوغۇقلارغا كۆنۈپ قالغان ئىدىم. لېكىن سىز ماڭا چاپان ئاچىقىپ بىرىمەن دەپ ۋەدە بەردىڭىز، شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ ۋەدىڭىزگە باغلىنىپ قېلىپتىمەن ۋە بۇ سوغۇققا چىداشچانلىقىمنى يوق قىلىۋېتىپتۇ.

خۇلاسە: ۋەدىڭىزدە تۇرالمىسڭىز، ھېچ ئىش ھەققىدە بىرەرسىگە ۋەدە بەرمەڭ. بەرگەن ۋەدىڭىز سىزگە ئاددىيلا بىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ۋەدىڭىز باشقىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش بولىشى مۇمكىن.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72

ئىنكاسلار

    • بلوگنىڭ سالۇنى يوق ئالۋۇن بەگ.
      بىر ۋاقىتتا بىر دوستمىز بلوگىڭىزدىكى يازمىلارنى سالۇنۇمدا يوللىسام بۇلامدۇ، دەپ سورىغان ئىدى. مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ يوللىسىڭىز بولىدۇ دېگىنىم ئىسىمدە.
      سالۇن ئىسمى بولسا قالدۇرۇپ قويىڭە. ئىزدەپ كۆرۈپ باقاي.

  1. بەزىدە ئۈمۈت، غەيرەتنى بوشاشتۇرۇپ قۇيدۇ ، شۇ سەۋەپلىك باشقىلارغا يۈلنىۋىلىش يوقسۇللۇققا باشلاپ قۇيدۇ خالاس .

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ