خۇشاللىق ئىزدەش

يازنىڭ شوخ سۇلىرىغا قاراپ ئويغا چۆكۈپ كەتتىڭ. سەن ئويلايتتىڭ: ئەجەپ سۇلار-ھە! بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ھارمايدۇ، شىلدىرلاپ زادى ھارمايدۇ. بەزىلەر سېنىڭ دولقۇنلۇشۇڭنى ئۆزىنىڭ غەزەپلىنىشىگە سىموۋۇل قىلسا، سېنىڭ كېمەيگەنلىكىڭنى ئىچ پۇشۇقىغا ئوخشىتىشىدۇ. ئەمما سەن بۇلارغا پەرۋاسىز. لېكىن سەن خۇشاللىقنىڭ سىموۋۇلىسەن. چۈنكى ئۆزۈڭنىڭ ھەربىر تامچىسى ئارقىلىق قاغجىرىغان زىمىننى سۇغۇرىسەن، سۇلاشقان دەرەخلەرنى، گۈل-گىياھلارنى، ئوت-چۆپلەرنى ياشارتىسەن. دېمەك تەبىئەتنى بەھرىمەن قىلدۇرىسەن. شۇڭا …

ئەينەك ۋە سىما

‏بىراۋلار كۆزىدە مەڭگۈ ياخشى ئادەم ئەمەسسەندۇرسەن. ئۇلار ئۈچۈم سەن شۇنچىلىك رەزىلكى، ئۇلار بارلىق رەزىللىكلەرنى سېنى يادىغا ئېلىش بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىپ باقىدۇ؛ سېنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكۈسى كېلىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەقەت خىياللار دۇنياسىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، كۈپكۈندۈزدە چۈش كۆرىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. خىيالىنى كىمدۇر بىرىنىڭ يەتتىنجى قات ئاسماننىڭ تىگىدىن كەلگەن ساداسى بۇزىۋېتىدۇ، قولىدىكى سوۋغاتلىق گۈل پەرۋىشسىز قېلىپ سارغىيىپ ياپراق تاشلاشقا باشلىغاندا …

قايتىش

قايتىش قىپقىزىل گۆش كىچىك قۇش بولۇپ تۇغۇلۇپ قالسام ئىدىم ناۋادا قايتا… مۇمكىن ئەمەس تۇغۇلغان سەن تۈمەن مىڭ يىللار ئىلگىرى زەرىچە تۇغۇلغان ئاشۇ دەقىقىلەردە. ئۆزى تۇرىۋاتقان يەردىن ھەيرەت ئىچرە تۇرۇپ قالمىغان چۈشۈممۇ بۇ دەپ گۇمان ئىسكەنجىسىگە چۈشمىگەن يۈزلىرىدىكى قاپقارا لايلارنى قاپقارا لاي قوللىرى بىلەن ئېرتىۋېتىپ ”نۇر“ نى كۆرۈپ، كۈلۈمسىرىگەن ئادەمنىڭ چىھرىدە. گۆش بولۇپ ئۈسكەن سەن شۇنداق …

ئانا تىلىم جان تىلىم

بۇ نەسىر گەرچە بۇنىڭىدىن 7-6 يىللار ئىلگىرى يېزىلغان بولسىمۇ قايتا قولۇمغا ئېلىپ ئوقۇغىنىمدا ئۆزۈمگە شۇنچىلىك يېقىشلىق بىلىندى. ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ-دە، ئانا تىل مەدىيھلەنگەن تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنداق بولماي تۇرالىسىۇن. بۈگۈنكى خەلىقارالىق ئانا تىل بايرام كۈنىدە چۈچۈك، ئاددىي تىللار ئەمما چىن سەمىمىيەت بىلەن يېزىلغان، پىشمىغان نەسىرنى ئەزىز دوستلۇرۇمغا سۇنغۇم كەلدى. ئانا تىلىغا پۇقتا، باشقا تىلغا ماھىر كىشىلىرىمىز ئامان …

پىخسىق بۇلۇت The greedy cloud

قەدىمقى زاماندا بىر پارچە كىچىك بولۇتچاق بولغان ئىكەن. بۇلۇتچاق ناھايىتى چىرايلىق بىر يېزا ئاسمىنىدا ياشايدىكەن. بىركۈنى بولۇتچاق ئۆزىدىن خېلى چوڭ بىر بۇلۇتنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قاتتىق ھەسەت قىلىپ كېتىپتۇ ۋە ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇنداق چوڭ بولغۇسى كېلىپ كېتىپتۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇلۇتچاق قورسىقىدىكى سۇنى قەتئىي سىرتقا چىقارماسلىققى كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن كىچىك بۇلۇتچاق قورسىقىدىكى سۇنى يامغۇر قىلىپ ياغدۇرماسلىقنى قارار …