سەھىپە خىياللار قەسىرى

يوقلۇق

يوقلۇق ئاجايىپ بىر نەرسە. بەزىدە ئادەمنى شۇنچىلىك خوش قىلىدۇكى، ئادەم ھەممە نەرسىگە ۋاقىرىغۇسى كېلىدۇ: تاغلارغا قاراپ، ئاخىرى يوق بولدى، ئەڭ ئاخىرىدا قۇتۇلدۇق، دەپ توۋلىغۇسى، سۇلارغا قاراپ ،نىمانچە گۈزەل دۇنيا بۇ، دېگىنىچە چىقىرغۇسى كېلىدۇ؛ بەزىدە ئىنساننى شۇنچىلىك ئازاپلايدۇكى، ياشاشنىڭ ھېچبىر لەززىتى ۋە مەنىسى قالمىغىنىدەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ: ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ، ئۆزىنى كاچاتلايدۇ، كىملەرنىدۇ تىللىغۇسى-كۈچى يەتسە يوقلۇققا سەۋەپ بولغان ئاشۇ رەزىل ئادەملەرنى، پەس نەرسىلەرنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ چەيلىگۈسى، شۇ ئارقىلىق يوقلۇقنىڭ ئازابىنى چىقارماقچى بولىدۇ، ۋە ھەتتا ئاشۇ يوقلۇق بىلەن بىرگە مەنمۇ يوق بولسامچۇ، دەپ ئارزۇ قىلىشىدۇ.

سېغىنىش

ئۇيقۇنىڭ ئىچىدە ئۇخلاۋاتاتتىم. جىسمىم ماشىنا ئىچىدە ئۇخلاۋاتاتتى، روھىم نەلەردىدۇ سەيلە قىلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىزلا يەنە شۇ ئۇيقىنىڭ ئىچىدە ئويغۇنۇپ كەتتىم. روھىم جىسمىمغا قايتىپ كېلىۋاتاتتى، ئەمما جەسىتىم ھېلىھەم ئۇيقۇدا ئىدى. كۆزۈمنى ئاچتىم. مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان بىر كىشىنى چالا-پۇچۇق كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي تۇرۇپلا…

ئەقىدەڭنى تاشلىۋەت ئاستا

بۇ قىسقا يازمىنى بۇنىڭدىن 7-6 يىل ئىلگىرى كۈندىلىك خاتىرەمگە يېزىپ قويۇپتىكەنمەن. بۈگۈن شۇ ۋاقىتتىكى كۈنلىرىمنى ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە ئەسلىگەچ  بۇ يازمىنى تورغا يوللاپ قويغۇم كەلدى.  ئەينى ۋاقىتتىمۇ بۇ يازمىغا ھېچقانداق ماۋزۇ قويماپتىكەنمەن. ئۈستىدىكى ماۋزۇ مەجبۇرى قويۇلۇپ قالدى(باشنى چايقىغان چىراي ئىپادىسى). ماۋزۇ مۇۋاپىقمۇ،…

ئامانەت ۋە خىيانەت (ئانا تىل)

بۈگۈن 2017-يىل 21- ھۇد، ھاۋا باشقىچە ئوچۇق ھەم بىر خىل ئىللىق.  بۈگۈن نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈنمۇ ئەمەس. چۈنكى ئۇلار بۇ كۈننى بىر يىلنىڭ باشقا 364 كۈنىگە ئوخشاشلا ئالدىراشچانلىق بىلەن ئۆتكۈزىدۇ: بەزىلىرى ئېتىزلىقلىرىدا ئىشلەش بىلەن؛ بەزىلىرى بازارلاردا  ئالدىراش؛ بەزىلىرى…

يولۇچى Traveler

شاد-شادىمان يۈرۈيدۇ بىرى ھەسرەتا! ئەجەپ يوقمىدۇ غېمى. غەملەر نېمە؟ بىلمەي تۇرۇپ ئىچىڭدىكىنى، «غەملەر» دېمە ئورۇنسىزلا غەملەر يىمە بىلگۈچىدۇر بىرلا خۇدا ئىچىدىكىنى، ئىچىڭدىكىنى. كىم بىلىدۇ قەلب قەسىرى سېغىنىش دېڭىزىنىڭ ئاجىز ئەسىرى نەچچە يېقىلىپ، نەچچە سېلىنىپ تۇرار بەردەم، تاشماس سەبىرى. ئىرادىلەر دولقۇنلىرىدا…