سەھىپە خىياللار قەسىرى

ئىمكانسىزلارنىڭ ھېيتى مۇبارەك بولسۇن

ئۆزۈڭ قايناق بازارلاردا… روھىڭ يىراقلاردىكى مىھرى ئىسسىق توپىلاڭ يوللاردا؛ ئەقىلىڭ يىراقلاردىكى ئۆزى قانچىلىك ئەلەم چەكسىمۇ، ئەمما چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان، ھەر بىر جانلىققا ئادىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان مىھنەتسىز جاپاكەشلەردە… بەدىنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىك داڭلىق شەھەرلەردە سەيلىدە….ئەمما كۆڭۈل ھەر قېتىم قايتقىنىڭدا سېنى بىكەتتىن ئالغىلى…

قۇم يىغىلىپ دۆڭ بولىدۇ

بۇ سۆزنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ مەنچە ئاڭلاپ باققان. لېكىن، مەنىسى ھەققىدە ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بەلكىم ئويلاپ باقتىڭىز. شۇنداقتىمۇ تۆۋەندىكىلەرنى دىققىتىڭىزگە سۇنغۇم كەلدى. كۈندىلىك تۇرمۇشتا- بەزى ئىشلارنى بىر ئازدىن كىيىن ياكى كىيىنراق قىلساممۇ بولىدۇ-غۇ، دەپ تاشلاپ قويىمىز. ئاچچىق ھەقىقەت شۇكى، ھەر ۋاقىتنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق…

مۇساپىرنىڭ ھېيت-ئايەملىرى

جىسمىمىز قايناق شەھەرلەردە، ئەمما روھىمىز ئاشۇ توپىلاڭ كوچىلارنى، يالاڭ ئاياق ئوينايدىغان قۇملۇقلارنى ئەگىپلا يۈرىيدۇ. روھىمىز ئەنە شۇنداق ئايلىنىدۇ، ئايلىنىدۇ قايسى بىر كوچىنىڭ دوقمىشىدىن چىقىدۇ ياكى قايسىدۇر بىر قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە ئولىشىدۇ ياكى قايسىدۇر بىر تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولۇپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ… بولۇپمۇ…

ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنەيلى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بلوگنىڭ قەدىرلىك كونا-يېڭى، چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش… ئوقۇرمەنلىرى.  قانداق ئەھۋالىڭلار؟ بەلەن-ئوبدان تۇرۇشتۇلىمۇ؟ يازمىنىڭ تېمىسىنى كۆردۈڭلار ھەقاچان. نېمە دېمەكچى بولغانىلىقىمنىمۇ بىلىپ بولدۇڭلار. (ئەقىللىق،ھۇششار تور پۇخرالىرى-دە، ھەممىڭلار. ھى..ھى…) گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم، بلوگچىلىققا كىرىپ لاغايلاپ يۈرگىلىمۇ ئۇزۇن يىل بولۇپتۇ (گەرچە پىشقەدەملەر سېپىگە تېخى كىرمىگەن…

رەڭسىز سۈرەت ۋە رەڭدار ئۈمىد

بۈگۈن تۇنجى قېتىم سېنى كۆردۇق. بۇنىڭغا دۇنيادىكى ئەڭ رەڭدار ئاشىق سەۋەپ بولدى. ئاشىق قانداقسىگە رەڭدار بولسۇن دەپ ھەيران قېلىۋاتىسەن ھەقاچان. ئاشىق سەن قانداق ئويلىساڭ شۇنداقتۇر: رەڭسىز ئويلىساڭ، ئاق بىلەن قارا رەڭ گېرەلىشىپ كەتكەن بىر شەكىل كۆز ئوڭۇڭدا زاھىر بولىدۇ؛ رەڭدار…