تىۋىش

تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

تاقەت ۋە سەبىر

تاقىتىم تاق بولما، تاشما يەنە بىر ئاز قىلغىن سەبىر، ۋىسال شەربىتى ئۈچۈن مەيلىغۇ تارتساڭ جەبىر. كۆزلىرىڭ تالسا ئەگەر يار يولىغا ئۇزاق بېقىپ، قالمىغاي داق يەردە ھەرگىز، مۇھەققەق بولغاي ئەجىر. تاقىتىم تۆكۈلمە ياپراق كەبى تېخى كۈز كەلمىدى، ئېقىن سۇ ئەمەسكى ئۇ،…

ئىمكانسىزلارنىڭ ھېيتى مۇبارەك بولسۇن

ئۆزۈڭ قايناق بازارلاردا… روھىڭ يىراقلاردىكى مىھرى ئىسسىق توپىلاڭ يوللاردا؛ ئەقىلىڭ يىراقلاردىكى ئۆزى قانچىلىك ئەلەم چەكسىمۇ، ئەمما چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان، ھەر بىر جانلىققا ئادىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان مىھنەتسىز جاپاكەشلەردە… بەدىنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىك داڭلىق شەھەرلەردە سەيلىدە….ئەمما كۆڭۈل ھەر قېتىم قايتقىنىڭدا سېنى بىكەتتىن ئالغىلى…

كورونا ( يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسى) دىن كېيىنكى دۇنيا

ئىلاۋە: 2020- يىلى كىرگەندىن كېيىن خەۋەرلەردە بالايى-ئاپەتلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ باقمىدى: ھېلى چوڭ كۆلۈملىك ئوت ئاپىتى، ھېلى خېمىيە زاۋۇتىدىكى پارتلاشلار، چىكەتكە ئاپىتى… دېگەندەك. ئەمما ھېچقايسىسى ھازىر پۈتۈن دۇنيا تىركىشىۋاتقان كورونا ۋىروسىدەك دۇنيانى پالاچ قىلىپ قويمىغان ئىدى: دەسلەپتە شەھەرلەر سىرتقا تاقالدى؛ كېينچە…

سوغۇقنىڭ ھېكايىسى (كېيىن قويۇلغان)

ئىنتايىن سوغۇن بىر ئاخشىمى بىر مىليادىر سىرتتا نامرات بىر بوۋاينى ئۇچرىتىپ قاپتۇ.  مىليادىر بوۋايدىن سوراپتۇ: بۇنچە سوغۇقتا چاپانمۇ كىيمەپسىز، سىرتتا تۇرۇپ توڭلىمىدىڭىزمۇ؟ ” چاپىنىم يوق، ھەم بۇنداق سوغۇققا كۆنۈپمۇ قاپتىمەن.” دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ بوۋاي. ” مېنى بىردەم ساقلاڭ. ئۆيگە كىرىپ…

قۇم يىغىلىپ دۆڭ بولىدۇ

بۇ سۆزنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ مەنچە ئاڭلاپ باققان. لېكىن، مەنىسى ھەققىدە ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بەلكىم ئويلاپ باقتىڭىز. شۇنداقتىمۇ تۆۋەندىكىلەرنى دىققىتىڭىزگە سۇنغۇم كەلدى. كۈندىلىك تۇرمۇشتا- بەزى ئىشلارنى بىر ئازدىن كىيىن ياكى كىيىنراق قىلساممۇ بولىدۇ-غۇ، دەپ تاشلاپ قويىمىز. ئاچچىق ھەقىقەت شۇكى، ھەر ۋاقىتنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق…