يېڭىلىش (مۇشۇنىمۇ شىئىر دەمدىمىز؟)

ئالدى بىلەن ماۋزۇدىكى سۇئالغا ئىزاھات بىرىپ ئۆتەي قىسقىغىنا. چوڭلار قاپىيەسى بولمىسا، ھېچبىر مەناسى بولمىسا قانداقسىگە شىئىر بولىدۇ دەيدىكەن؛ يېڭىياچىلار شىئىردا قاپىيە، رېتىم… دەيدىغان بىر نەرسىلەر بولماسلىقى كېرەك دەيدىكەن. ماڭا نىسپەتەن، بەزىدە سۆزلەرنى قاپىيەگە تىزىپ باقىمەن، مەنالاردىن يىراقلاپ كىتىمەن؛ بەزىدە قاپىيە-رېتىم دېگەن نەرسىلەرگە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيمەن، يازغانلىرىمنىڭ تولىسىنى ئۆزۈممۇ چۈشىنەلمەي قالىمەن.  شۇڭا دەيمەنكى، يازغانلىرىم شىئىرمۇ …

سېھىرلىك دەرىزە The Magic Window

ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى بىر كىچىك ئوغۇل بالا بولغان ئىكەن. بىر كۈنلەردە ئۇ قاتتىق ئاغىرىپ قېلىپتۇ.  ئۇ كېسىلى سەۋەبىدىن ماڭالمىغاچقا ھەركۈنى كارۋاتتا يېتىپلا ئۆتىدىكەن. ئەڭ يامىنى باشقا بالىلارنىڭ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشى يول قويۇلمىغاچقا بۇ كىچىك بالىنىڭ كۆڭلى  قاتتىق يېرىم ئىكەن، كۈنلىرىنى قايغۇ-ھەسرەت ۋە مەيۈسلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدىكەن. ئۇنىڭغا دەرىزىدىن سىرتقا قاراشتىن باشقا ئىشنى قىلىشقا ئىمكان بولمايدىكەن. …

قەيسەر ئۇرۇق The Seeds

قەيسەر ئۇرۇق بۇرۇنقى زاماندا تۆت دانە ئۇرۇقچە بولغان ئىكەن. ئۇلار بەك يېقىن دوستلاردىن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بېرىدە شامال ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ  بىر تاقىر دالىغا ئەكىلىپ تاشلاپتۇ. ئۇلار بىخلىنىپ چىرايلىق دەرەخ بولۇشنى ئۈمىد قىلىشىپ تۇپىنىڭ ئاستىدا ئۇزاق يېتىپتۇ. لېكىن بىرىنچى ئورۇق بىخلىنىشقا باشلىغاندا ئۇلار كۆكلەپ دەرەخ بولۇشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى چۈشىنىشكە باشلاپتۇ. بۇ دالىدا بىر توپ مايمانلارمۇ …

دەرەخ كامىرىغا قاپسىلىپ قالغان ئاچكۆز تۈلكە

بۇرۇنقا زاماندا بىر تۈلكە بولغان ئىكەن. بىر كۈنى ئۇنىڭ قورسىقى قاتتىق ئېچىپ كېتىپ يەيدىغان نەرسە ئىزدەپ سىرتقا چىقىپتۇ. تۈلكە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ھەممە يەرنى ئارىلاپ چىققان بولسىمۇ يەيدىغان بېرەر نەرسە تاپالماپتۇ. تۈلكە مۇشۇنداق مېڭىپ يۈرۈپ ئاخىرى بىر ئورمانلىققا يىتىپ كەپتۇ ۋە ئورمانلىقتىن يەيدىغان نەرسە ئىزدەشكە باشلاپتۇ.تۈلكە تۇيۇقسىز كامىرى بار بىر تۈپ چوڭ دەرەخنى كۆرۈپ قاپتۇ. تۈلكە …

بىر كۆزى يوق ئانام My mom only had one eye

بىر كۆزى يوق ئانام  ئانامنىڭ پەقەت بىرلا كۆزى بار  ئىدى.  ئۇ ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارغا تاماق ئىتىدىغان ئىشنى قىلاتتى. ئۇ ماڭا نىسپەتەن شۇنداق بىر تەڭقىسلىق ئىدىكى، ئۇنى بەكلا ئۆچ كۆرەتتىم. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئانام مەندىن ئەھۋال سوراپ سېنىپىمىزغا كەپتۇ.  ئۇ كۈنى شۇنچىلىك ئوڭايسىزلاندىمكى، ئۇ نېمىشقا مېنى بۇنداق ئوڭايسىز ئەھۋالدا قويىدىغاندۇ دەپ ئاچچىقلاپ كەتتىم. …