ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنەيلى

ئىنگىلىز تىلى ھەققىدە كۆپۈنچىلىرىمىز ھەرخىل رىۋايەتلەرنى، يۇمۇرلارنى ئاڭلاپ باققان. ھېچ بولمىغاندىمۇ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىشلەنگەن كېنولارنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى دەسلەپكى بىر نەچچە مىنۇتلۇق ئېلانىنى بولسىمۇ ئىنگىلىزچە كۆرۈپ باققان ۋە “ ۋاھ، نېمىدىگەن پەيزى. لېكىن ئاۋۇ سېرىق چاچلىق سەتەڭ ياكى ئا كۆك كۆز ئاداش نېمە دېۋەتقاندۇ… ئەنگىلىسچە دەيدۇ، بۇ قانداق تىلدۇ…“ دەپ بېشىمىزنى قاشلاپ باققان. ( بۇ ئەڭ يامان بىر گۇمان، كالتەك-توخماقلىرىڭلىنى كۆتۈرۈپ مېنى ئىزدەپ يۈمەڭلە-ھە. ھا..ھا.. ئەسلىدە ئىنگىلىز تىلىنى مەندىن ياخشى بېلىشىڭلارمۇ تامامەن مۇمكىن. )

گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم، چوڭلىرىمىز “ بىكار ئولتۇرغۇچە، بىكارغا ئىشلە “ دەپتىكەن. بۇ ھېكمەتنىڭ روھىغا ئاساسەن ئۆزۈم بىلگەن ئاساستا ئىنگىلىزچىدىن ئازراق ساۋاق بىرىپ باقاي دېدىم. (كۆزەينەكنى قىيساق تاقىۋالغان چىراي ئىپادىسى)

گەپنى سوزماي. ئۆھھۈ، ھە! ئەمىسە ساۋىقىمىزنى باشلىدۇق:

ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن: دەرسىنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن ئوبدان قەلەمدىن بىرنى (سىياھ قەلەم بولسا تېخى ياخشى)، ئوبدان دەپتەردىن (قىممەت بولىشى شەرت ئەمەس…) بىر قانچىنى تەييارلاڭ ۋە بىلىڭىزنى چىڭ باغلاڭ. ئەمسە باشلاپ كېتەمدۇق؟ لەتس گوۋ !!! (let’s go)

ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنەيلى: 1- مەزمۇن: ئىنگىلىز تىلى ئېلىپبەسى

ئىنگىلىز تىلى ئېلىپبەسى

تۆۋەندىكى mp3 ھۆججەتنى جىم ئولتۇرۇپ ئوبدان ئاڭلار-ھە. (بۇنىڭدا ھەم ھەرىپلەرنىڭ ئوقۇلۇشى ۋە تاۋۇش ئورنىدىن چىققاندىكى قىسقا تەلەپپۇزى تەڭ بېرىلگەن. تاۋۇشلارنى كېيىنكى سائەتلىك دەرسىمىزدە تۇنۇشتۇرىمىز. ئۆپكەڭلىنى بېسىۋېلىپ ئوبدان ئۆگۈنىڭلار-ھە ئەمسە) (قويغۇچنىڭ سول تەرىپىدىكى سان ئوقىنىڭ باش تەرىپىگە مائۇسنى ئەكەلسىڭىز “ قويۇش “ دېگەن خەت چىقىدۇ)

شۇندا قىلىپ بىرىنجى دەرس تۈگەپ قالدى مانا. چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا تارتىنماي سوراڭلار-ھە، ساۋاقداشلار. (قول كۆتۈرەپ، ئەدەپ بىلەن سورغايسىزلەر… ھا..ھا.. )

چۈشۈنمىگەن يەرلەر ياكى سوئالللىرىم بار

ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنەيلى: 2- مەزمۇن: كىشىلىك ئالماشلار (باش كىلىش شەكلى)

شۇنداق قىلىپ ھەرىپلەرنى بىر ئۆگەنگەن بولدۇق. ئۆگەنگىنىمىزنى بىر تەكرارلاپ باقامدۇق؟ ئىنگىلىزچىدە قانچە ھەرىپ باركەن، بالىلار؟ ئالىم: 32 ئەمەستەك قىلىدۇ. قارىسام بىر ئاز ئازكەن ئانا تىلىمىزغا قارىغاندا؛ ئائىشە: مەلىم، 20 نەچچە ھەرىپ باركەن؛ ۋاارىس: سېلەر ئۆگەنمەپسىلەر ھە ھەرىپلەرنى… قوياڭلار سېلىنى. 26 ھەرىپ تۇرمامدۇ كۆزلىرىنى پاقىرىتىپ، سۇغا چۈشكەن ياغدەك…

توغرا، ئىنگىلىز تىلىدا 26 ھەرىپ بار. (تاۋۇش باشقا گەپ) ئوقۇلۇشى بىز بىلىدىغان ۋە خاتا ئىشلىتىپ كۆنەپ قالغان لاتىن ھەرىپلىرى ياكى پىنيىنچىدىن پەرقلىق. مەسىلەن، ئا ئەمەس ئېي؛ بې ئەمەس بىي؛ ئە ئەمەس ئىي… دېگەندەك.

ئەمسە بۈگۈنكى دەرسىمىزگە كىرىپ كېتەيلى. دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمدە بولسۇن:

1

يۇقىردىكىmp3 ھۆججەتنى قويۇپ، ئوقۇلىشىنى ئاڭلاڭ ۋە مەشىق قىلىڭ.(قويغۇچنىڭ سول تەرىپىدىكى سان ئوقىنىڭ باش تەرىپىگە  مائۇسنى ئەكەلسىڭىز ” قويۇش ” دېگەن خەت چىقىدۇ)

شۇنداق قىلىپ ئىككىنجى مەزمۇنمۇ تۈگەپ قالدى… ئاددىيلا ئىكەن-ھە. ئەمما ئوڭاي نەرسىلەر ھەردائىم دىققىتىمىزدىن تىز قاچىدۇ ۋە ئەڭ مۇھىم يەردە چاتاق چىقىرىدۇ. شۇڭا “بىنانىڭ ياكى ئۆينىڭ ئۇلۇنى چىڭ تۇتۇشىمىز” كېرەك. 

ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن: قوشۇمچە ئىسىملارنى كۆپلۈككە ئۆزگەرتىشنىڭ بىر خىل ھەم ئاساسلىق ئۇسۇلى جەدىۋەلدە قوشۇمچە بېرىلدى. مىسالدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئوبدان ئۆگۈنىسىلەرغۇ دېمىسەممۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا، ئۆزەڭلا تېپىپ بېقىڭلار، ئوقۇغۇچى نېمە قىلمىسا چوقۇم بولمايدۇ؟

مەكتەپكە ۋاقتىدا كەلمىسە؛ دەرسككە تولۇق كەلمىسە… يەنىچۇ؟ يەنە، كاللا ئىشلەتمىسە؛ دەرسلەرنى ئالدىن كۆرۈپ كەلمىسە ۋە تەكرار قىلمىسا…. 

ئەڭ مۇھىمى ئۈگەنگەن مەزمۇنلارنى يەكۈنلەشكە ۋە سېلىشتۇرما بايقاشقا ماھىر بولمىسا بولمايدۇ ۋە تاپشۇرۇقلىرىنى… خاتا ئاڭلىمىدىڭلار، تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ۋە تولۇق ئىشلەپ ماڭمىسا بولمايدۇ. (ئوقۇش پۇلى تاپشۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ…ھا… ھا…)

تاپشۇرۇق: ھەرىپلەرنىڭ يېزىلىشى ، توغرا ئوقۇلىشىنى ئۆگۈنۈپ كېلىسىلەر ۋە بۈگۈنكى مەزمۇنلارنىڭ ھەر بىرىگە 1 دىن جۈملە تۈزۈپ كېلىسلەر.

چۈشۈنمىگەن يەرلەر ياكى سوئالللىرىم بار