مۇساپىرنىڭ ھېيت-ئايەملىرى

جىسمىمىز قايناق شەھەرلەردە، ئەمما روھىمىز ئاشۇ توپىلاڭ كوچىلارنى، يالاڭ ئاياق ئوينايدىغان قۇملۇقلارنى ئەگىپلا يۈرىيدۇ. روھىمىز ئەنە شۇنداق ئايلىنىدۇ، ئايلىنىدۇ قايسى بىر كوچىنىڭ دوقمىشىدىن چىقىدۇ ياكى قايسىدۇر بىر قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە ئولىشىدۇ ياكى قايسىدۇر بىر تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولۇپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ… بولۇپمۇ ھېيت-ئايەملىرىمىز يېتىپ كەلگىنىدە.

مەسچىتتىن بىر خىل خۇشال كەيپىياتتا ياتاققا قايتىسەن، دوستلار بىلەن بىر قاتار سالاملىشىسەن. 
ئەتراپقا قارايسەن، كىمدۇر بىرى كامدەك. يۈرىكىڭ ئېچىشىدۇ.
چۈنكى ئائىلەڭ كەم ئىدى بۇ يەردە.
سالاملىشىپ، قۇچاقلىشىپ ھېيتلىرىنى مۇبارەكلەيدىغانغا يا ئاتاڭ يوق، يا ئاكاڭ.
ياتاققا قايتىسەن، ئالدىڭغا تەبەسسۇم بىلەن چىقىپ سېنى كۈتىۋالىدىغان سۆيۈملۈك ئاناڭ، قەدىردان ئاچىلىرىڭ، يېڭى كىيىملىرىنى كىيىشىپ ” ئاكا، دادا” دېگىنىچە ئالدىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىپ ساڭا ئېسىلىدىغان ئۇماق ئىنى-سىڭىللىرىڭنىڭ قارىسىنىمۇ تاپالمايسەن.
ياتىقىڭغا كېرىسەن، سېنى كۈتۈپ تۇرىدىغان نە ئىسسىق تاماق، نە ئىسسىق چاي، ئەركىن-ئازادە ئولتۇرۇشۇپ، بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان پاكىز ئۆيلەر تېخىمۇ يوق. 
مانا بۇ مۇساپىرنىڭ ھېيتى. كۆڭۈللىرىنىڭ بىر يەرلىرى يېرىم. سۇنۇقلىقنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق تىرىشسىمۇ، بىريەرلەردە چاندۇرۇپ قويىدۇ.
دوستلىرىڭ بار ئۆز-ئارا ھېيتلارنى تەبرىكلىشىدىغانغا. تېلېفۇنۇڭ تەبرىك ئۇچۇرلىرى بىلەن تولۇپ كېتىدۇ. ياتاق ئۆيۈڭمۇ خېلى ئازادە. ئەمما بىر نەرسەڭ كەم، گېلىڭ بوغۇق. ئاتا-ئاناڭنىڭ، ئاكا-ئۇكىلىرىڭنىڭ، ئاچا-سىڭىللىرىڭنىڭ… يېنىڭدا بولماسلىقى ھېيتنىڭ خۇشاللىقىغا، ھۇزۇرىغا سوغۇق سۇ سېپىدۇ.
شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا خۇشالدەك بولىۋېلىشقا مەجبۇردۇر ياقا يۇرتلاردا ھېيت ئۆتكىزىدىغان بىرى. 
يىراقتىكى ئائىلىسىنىڭ، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-يارەنلىرىنىڭ ھېيتنى ئۈن-تۈنسىزلا تەبرىكلەشكە مەجبۇر مۇساپىر بىرى.

كەپسىز قۇشلار سايراشمىساڭ بولماسمۇ
ئويناق شامال بىر توختىساڭ بولماسمۇ
بەز مارىغان ئەي ئاچ مۈشۈك سەنمۇ بىر
باشقا يەردە شوخ ئوينىساڭ بولماسمۇ.

ئەي لالما ئىت! بۈگۈن ماڭا كۈلۈپ باقما
ئەركىلىمە، بۇلارغا ھېچ رايىم يوق
چىشلىۋالساڭ مەيلى بۈگۈن قاتتىققىنا
سېغىنىشقا مەلھەم بولۇر، ۋايىم يوق.

قاقاقلىما ئەي ئوماق قىز سەنمۇ ھەم
سېغىنىشقا بولدى قاتما ئارتۇق غەم
بىر ئالىيىپ قويساڭ ماڭا نە بولۇر
چاك يېرىلغان قەلبىمگە بىر بەرسە ئەم.

ئەي ناتۇنۇش بوۋا سەنمۇ بولدى قىل
يارىلارغا تۇز سېپىدۇ سۆزلۈرۈڭ
سېنى قانچە ئوخشاتساممۇ ئاتامغا
يالغان دەيدۇ نۇر چاقنىغان كۆزلۈرۈڭ.

ئەي پەرىشتە سۈپەت موما ئەپۇ قىل
ساڭا ھەرگىز قاتتىق تەككۈم يوق ئىدى
مۇساپىرنىڭ، ۋەتەنسىزنىڭ ھېيتلىرى
بىلسەڭ، قايغۇ، سېغىنشقا لىق ئىدى.

ئەي مەن قوپال باققان، تەككەن ھەر نەرسە
كەچۈرۋەتكىن، دەرتمەن گۈدەك بىرىنى
ئۈنۈڭ يەتمەس بىر يەردە قالغىنىدا ئائىلە
چۈشىنەرسەن، تەلۋىلەرچە سېغىنىشنىڭ سىرىنى.

چۈشىنەرسەن، تىرىك يىتىم نە دېمەك
يارسىز ھايات نە مەنىلىك نە تىرەك
ۋەتەنسىزنىڭ ئاھى مەڭگۈ تۈگىمەس
تىرىك ئۆلۈك ئەسلى بولسا بۇ كېرەك..

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72

ئىنكاسلار

  1. بالىلىق ۋاقتىمىزدىكى ھېيت خۇشاللىقلىرى شۇنچىلىك تاتلىق ئىدىكى، ئۇنىڭ تاتلىقلىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن. ئاتا-ئانىمىز، ئۇرۇق تۇققانلىرىمىز بەرگەن بىر موچەن، ئىككى موچەنلىك پۇللارنى نەچچە پۈكلەپ قاتلاپ يىغىپ خەجلەيىتتۇق. يەنە قاخشىساق يەنە شۇ كونا گەپ. ھازىرقى بالىلار بىز ھېس قىلغان شۇ خۇشاللىقلارنىڭ ئوننىڭ بىرىنى ھېس قىلالىغان بولسىدى نەقەدەر خۇشال بولاتتىم. ئەپسۇس، ئەشۇ غەمسىز ۋاقىتلاردىكى خۇشاللىقلار ئەسلىمە پېتى كېتىپ قالدى.

    • ھەئە، شۇنداق. دادام ماڭىمۇ بەزىدە بىر موچەن، بەزىدە ئىككى موچەن پۇل بىرەتتى ھېيتلىق دەپ. چىرايىق يىغىپ مەكتەپكا بارغاندا سەندەل كەمپۈتى ئېلىپ يەيتتىم.
      ھېيت كۈنى ئەتتىگەندە كىچىك بولىشىمىزغا قارىماي دادام ياكى ئاكامنى خاپقىلاتتىم، ەنمۇ بىرگە بارىمەن ھېيت نامىزىغا دەپ جىدەل قىلاتتىم. ئۇلار چىرايلىق گەپ قىلىپ نامازغا كېتەتتى، بىز كىچىكلەر ھېيتلىق كىيىملىرىمىزنى كىيىپ ئۇلارنىڭ قايتىپ كىلىشىنى ساقلايتتۇق. ئانىلىرىمىز سەھەردىلا ھويلا-ئاراملارنى سىرىپ سۈپۈرۈپ بولۇپ چاي تەييارلايتتى. بەزىدە داداملارنى ساقلاپ تاقەت قىلالمىسام، غىپپىدە تاقىنىڭ ئالدىغا يۈگىرەيتتىم. تاقىنىڭ ئالدى ھېيت نامىزىدىن يانغان، سودا-سېتىق قىلىۋاتقان، توخۇس چېقىشتۇرىۋاتقان… ئادەملەر بىلەن ئاۋات بوپ كىتەتتى…
      ئۆيىمىزدىكى ئاشۇ كىچىك نەۋرىلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر ھېيت ئۆتكۈزىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىمەن ۋە بىر كۈنى ئۇلارنىڭمۇ مېنى ” دادام، تاغام كەلمەيدىغۇ..” دېگىنىچە ھاياجاندا ساقلاپ تۇرۇشىنى كۆرۈشنى بەكلا ئارزۇ قىلىمەن.
      ئەمما ئۇلاردىن شۇنچىلىك يىراقتىمەنكى، پەقەت سالام سىلەرگە سۆيۈملۈك بەگباشلار، دەپ ئۆزۈمگە پىچىرلىيالايمەن…

جۇلالىق ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇشCancel Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ