ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنەيلى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بلوگنىڭ قەدىرلىك كونا-يېڭى، چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش… ئوقۇرمەنلىرى.  قانداق ئەھۋالىڭلار؟ بەلەن-ئوبدان تۇرۇشتۇلىمۇ؟

يازمىنىڭ تېمىسىنى كۆردۈڭلار ھەقاچان. نېمە دېمەكچى بولغانىلىقىمنىمۇ بىلىپ بولدۇڭلار. (ئەقىللىق،ھۇششار تور پۇخرالىرى-دە، ھەممىڭلار. ھى..ھى…) گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم، بلوگچىلىققا كىرىپ لاغايلاپ يۈرگىلىمۇ ئۇزۇن يىل بولۇپتۇ (گەرچە پىشقەدەملەر سېپىگە تېخى كىرمىگەن بولساممۇ). ئۇنى-بۇنى يېزىپ دوستلار بىلەن ئورتاقلاشقان بولدۇم. بلوگ يېزىپ يۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئۆرلەپ ئوقۇش ئۈچۈن تىرمىشىپ يۈرۈپتىمەن. مۇشۇ جەرياندا مەن ئەپسۇسلىنىدىغان بىر ئىش بولسا، تور پۇخرالىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئازىيىپ، بۇرۇنقى پىشقەدەم بلوگلارنىڭ بىر-بىردىن غايىپ بولۇپ كېتىشى ۋە ماڭا ئوخشاش يېڭىياچىلارنىڭمۇ يا بلوگنى تاشلىيالماي، يا قاملاشتۇرۇپ بېرەر نەرسە يازالماي ( ئاچچىقىڭلارغا ھاي بېرىڭلار..ئۆزۈمنىلا دەۋاتىمەن جۇمۇ بۇ يەردە… كۆز قىسقان چىراي ئىپادىسى) ئارىسالدىلىقتا يۈرىشىمىز. شۇنداق بولىشىغا قارىماي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە چىرماشقان بۇ تور ۋە يېزىقچىلىق ئىشتىياقىنىڭ تۈرتكىسىدە بلوگنىمۇ تاشلىماي، ئايدا-يىلدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۇ يەر- بۇ يەرلىرىنى ئۆزگەرتىپ بېقىپ، بەزىدە بىر نەرسىلەرنى يېزىپ بېقىپ تور دۇنياسىدا لاغايلاپ يۈرىۋاتىمەن.

ئالىي مەكتەپتە ئىنگىلىز تىلىنى كەسىپ قىلىپ ئۆگەنگەن بوپتىمەن. (گەرچە ماڭا مەجبۇرىي تېڭىلغان بىر كەسىپ بولسىمۇ. ئەمما لېكىن، خېلى ئوبدان ئۈگەنگەن جۇما… ماختىنىۋالاي ئازراق بولسىمۇ… ھا..ھا..) بۇرۇن تولۇق ئوتتۇرىنى ئۇيغۇرچە (شۇنچىلىك سېغىنىمەن ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئاڭلاشنى. بۇ مەزگىل مەن ئەڭ سۆيۈنۈپ ۋە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان بىر گۈزەل ئەسلىمەم ۋە كەلگۈسىدە قايتىدىن بەرپا قىلماقچى بولغان بىر غايەم) ئوقۇغان ئىدىم. ئۇ چاغلاردا بىزگە ئىنگىلىزچە دەرس يوق ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئالىي مەكتەپتە ھەممىنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كەلدى ۋە خېلى (ئۈچ-تۆت قېتىم تەكرار ئوقۇڭ بۇ خەتنى) قىينالدىم. ئەمما ئاخىرىدا نەتىجىسى چىقتى ۋە ئىككى يىلنىڭ ياقى مۇشۇ كەسىپنىڭ سۈيىدە ئېقىپ، ئوتىدا كۆيۈپ (ئېقىپ كەتمەي، كۆيۈپ كۈل بولماي، ھى…ھى..) ئۆز نېنىمنى تېپىپ يەپ كېلىۋاتىمەن. ئەجەپ ھېكايە سۆزلەپ كېتىپتىمىنا… نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كېلەي:

شۇ ئۈگەنگەن نەرسىلەرنى تور پۇخرالىرىغا ئازراق بولسىمۇ يەتكۈزەي دېگەن بىر تەمەننادا بلوگدا ” ئىنگىلىزچە ئۆگۈنەيلى ” سەھىپىسىنى ئاچتىم. قۇربۇمنىڭ يېتىشىچە، ئاز ۋە ساز بىر شەكىلدە ئىنگىلىز تىلىدىن دەرس بىرىشكە ئورۇنۇپ باقماقچىمەن. ئەگەر سىز ئىنگىلىز تىلىنى ياخشى بىلسىڭىز، بىلگەنلىرىڭىزنى بىزلەردىن ئايىماڭ؛ ئەگەر بىلمىسىڭىز ۋە ئۆگۈنۈشكە قىززىقسىڭىز ياكى ئۆگەنسەم بولۇتتى مىنە دەيدىغان دوستلىرىڭىز بولسا “ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنەيلى” سەھىپىمىز سىزلەرنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ.

قېنى مەرھەممەت


ئەرسكەرتمە: بۇنىڭدىن كېيىن ئىنگىلىز تىلى دەرسلىكىمىز ھەققىدە چۈشەنمىگەن يەر بولسا مۇشۇ يازمىغا ئىنكاس يېزىش شەكلىدە سورىسىڭىز بولىدۇ. دېمەك، بۇ بىر سۇئال-جاۋاپ ۋە بىلگەنلىرىمىزنى ئورتاقلىشىدىغان بىر يازما. 

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72

ئىنكاسلار

تىۋىش ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇشCancel Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ