قۇرىغان توغراق

ئەنە،

چوقچىيىپ تۇرىدۇ قۇملار دۆۋىسىدە،

ئادەم سۆڭىكى.

ئىدى ئۇ ئىنساننىڭ سۆڭەك-يىلىكى

قوغداپ كەلگەن ئۆلۈمدىن ئۇنى.

لېكىن ئىنسان

كېسىۋەتتى، قۇرۇتتى ئۇنى.

ئەنە،

قۇپقۇرۇق سۆڭەك

خۇددى بىر قاقشال

تەكلىماكاندىكى.

ئازغۇن شاماللار توختىماي يالماپ

قالدۇرۇپ قويغان ئۇستۇخۇنىنى…

يەتمىدى يەنە.

ئوتۇنچى بوۋاي

تېرىۋېلىپ جاڭگالدىن ئۇنى

ئوت قالىدى، سورىۋەتتى كۈلىنى، ئۇنى…

شۇندىلا

ئوتمۇ ئۆچتى بىر بۇران بىلەن

ئىنسان كۆمۈلدى قۇمنىڭ ئاستىغا…

 

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72

One comment

  1. ئەشۇ قۇرىغان توغراقتەك، بۇ ھاياتىمنىڭ ھېچ بىر ئىزناسى قالماي جىمجىتلا يوقاپ كېتىشتىن بەكلا قورقىمەن، بىر ئىشلارنى قىلىپ ھاياتىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزگۈم، كېيىنكىلەرگە خۇش ھىدىنى چاچسۇن ئۈچۈن گۈللەرنى تىكىپ قويغۇم بار، قىلالمايۋاتىمەن، ئەمما مەن ئۈمۈدۋارمەن، ئۈمۈدسىزلىك ئىنساننى ھالاكەت گىرداۋىغا باشلايدۇ، ئۈمۈد ھامان نۇرلۇق يولنى ساڭا كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.

Comments are closed.