دۇنيادا مۇنداق ئىنسانلارمۇ بار

قاچانلا قارىسىڭىز ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان خەۋەرلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن  بىر دۇنيا بار، ئۇ بولسىمۇ تور دۇنياسىدۇر. تور دۇنياسى، بولۇپمۇ خەۋەر تورلىرى، تىز تاراتقۇ ۋە ھەر خىل كىچىك ئىجتىمائىي ئالاقە قۇراللىرى دەل ئاشۇنداق پاسسىپ نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن دۇنيادىن، ئىنسانلاردىن قاتتىق يىرگىنىدىغان، ئۆچمەنلىك قىلىدىغان كىشىلەرمۇ خېلى كۆپىيىپ قالدى. ئەمما دۇنيادا مۇنداق ئىنسانلارمۇ بار. ئۇلار يىراقلاردا، تەكلىماكاننىڭ گىرۋەكلىرىدە،قايسى بىر ئوكياننىڭ ئۇ چېتىدا، قايسى بىر تاغنىڭ باغرىلىدا ياشايدۇ، قىلغانلىرىنى داۋراڭ قىلمايدۇ، ئەمگەكلىرىدىن مىنەت قىلمايدۇ. تۆۋەندىكىسى تور پۇخرالىرىنىڭ كۆزىدىن بەك يىراقتا بولغان مۇشۇنداق مىھنەتسىز، پۈتۈن ئۆمرىنى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىگە ئاتىغان كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر.

Abdul_Sattar_Eidhi

ئابدۇلساتتار ئەدھى ھىندىستاندا (ھىندىستان پارچىلىنىشتىن ئىلگىرى) توغۇلغان ۋە كېيىنچە پاكىستانغا كۆچۈپ كەلگەن.  ئۇ ئىلگىرى ۋاكالىتەن كېيىم سېتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە كىشىلەردىن ئىنانە توپلاش ئارقىلىق نامراتلارغا ياردەم بېرىش ئىشىنى باشلىغان.  ئۇ ئۆزىنىڭ  خەيرى-ساخاۋەت پاراۋانلىق  ئىشلىرىنى پەقەت 50 دوللار بىلەنلا باشلىغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ بۇ خەيرى-ساخاۋەت فوندى پاكىستاندىكى ئەڭ چوڭ پاراۋانلىق فوندى ھېسابلىنىدۇ.

تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ ھاياتىدا قىلغان پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ بىر قىسمى:

20 مىڭدىن ئارتۇق تاشلىۋېتىلگەن بوۋاققا ئىگە چىقىپ، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغان;

50 مىڭدىن ئارتۇق يىتىمنى يىمەك-ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىگەن؛

يېنىدىن ئىقتىساد چىقىرىپ 40 مىڭدىن ئارتۇق سېستىرانى  يىتىشتۈرۈپ چىققان؛

پاكىستاندا 330 خەيرى-ساخاۋەت ئورنىنى تەسىس قىلغان؛

Abdul-Sattar-Edhi-5

 

پۈتۈن ھەپتە، ھەر كۈنى 24 سائەت ئىشلەيدىغان، 1500 دىن ئارتۇق جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا ئىگە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمەت ئورنىنى قۇرۇپ چىققان؛

نۇرغۇن ئاشخانا ۋە قايتا ئولتۇراقلىشىشتا قوللىنىلىدىغان ئۆيلەرنى سالغان ۋە ئىگە-چاقسىز ئاياللار، بالىلار ۋە مېيىپ كىشىلەر ئۈچۈن تۇرالغۇلارنى سالغان؛

نۇرغۇن قېتىم ئافرىقا، ئاسىيا، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى ياردەمگە ئىھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بارغان. شۇنداق بولسىمۇ نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشمىگەن ھەم ئۆزىمۇ بۇ مۇكاپاتنى تەلەپ قىلىپ باقمىغان;

Abdul-Sattar-Edhi-1-600x429

ھەتتا ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدىمۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن بەدەن ئەزالىرىنى ئىھتىياجلىق كىشىلەرگە تەقدىم قىلغان.

” دۆلىتىمىزدىكى نامرات كىشىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭلار. ” ئۇنىڭ ھاياتانىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرى ئىدى.

ئادەمنى تېخىمۇ قايىل قىلىدىغان بىر ئىش شۇكى، ئۆمرىدە ئۆزىنىڭ شەخسى ماشىنىسى ھەتتا ئۆيىمۇ يوق ئىدى.

ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا تەۋە بولغان نەرسە پەقەت بىر ئورۇندۇق، بومازى (قۇرۇلمىسى ياغاچتىن، ئۈستى قىسمى بىر خىل يىپلەرنى ئۆرەش ئارقىلىق ياسالغان كارۋات) ۋە  ئىلگىرى دوستى سوۋغا قىلغان بىر ئۈستەللا  ئىدى ھەم ئۇنىڭدىن قېلىپ قالغان مىراس 0 دوللار ئىدى.

Abdul-Sattar-Edhi-6

داڭلىق سۆزى:

مېنىڭ ئەقىدەم-ئېتىقادىم ھەممە دىنلارنىڭ ئاساسى بولغان ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر;

مەن رەسمىي مائارىپ يۈزى كۆرۈپ باقمىدىم. ئىنساندارچىلىقىمىزدىن يىراقلاشتۇرىدىغان مائارىپنىڭ نېمە پايدىسى بار دەيسىز؟ مېنىڭ تۇتقان يولۇم ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىدۇر;

قىسقا تەرجىمھالى

ئىسمى: ئابدۇلساتتار ئەدھى

توغۇلغان يېرى: ھىندىستان (پارچىلىنىشتىن ئىلگىرىكى)

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1928- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى: 2016- يىلى 7- ئاينىڭ 8- كۈنى

 ئەدھى پاراۋانلىق فوندىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئىنانە يىغىشنى 19 يېشىدىلا باشلىغان. ھازىر ئەدھى فوندى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پىدائىلار تورىنى تەشكىل قىلغان بىر پاراۋانلىق ئورنىدۇر.

توردىن رەتلەپ ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72