جۇڭگودا ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بۇ يەتتە خىل يىمەكلىكتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ

پەن-تېخنىكىنىڭ سايىسىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىدىمۇ زور يۈكسىلىش ۋە ئىلگىرىلىشلەر روياپقا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە جەمئىيەتتە يىمەكلىك بىخەتەرلىكى دەيدىغان بىر ئوقۇممۇ بارلىققا كەلدى. چۈنكى پەن-تېخنىكا دېھقانچىلىق ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن خىمىيەلىك دورىلارنىمۇ بىزگە سوۋغا قىلغان ئىدى. مەنپەئەتنىڭ پېيىغا چۈشكەن ئىنسانلار ئۈچۈن بۇنداق خىمىيەلىك دورىلار ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاسان ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا كۆپ پۇل تېپىشىدىكى ئالتۇن ئاچقۇچى بولۇپ قالدى. ھەرخىل سەۋەپلەرگە كۆرە ئەرزان نەرسىلەرگە كۆنگەن ئىستىمالچىلار بۇ يىمەكلىكلەرگە تازا كۆنگەن ئىدى. نەتىجىدە دوختۇرخانىلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپەيدى، تېخنىكا سۈپىتىمۇ بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئاشتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ دوختۇرخانىلارغا قاترايدىغان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ ئېشىپ، ئۇلار دوختۇرخانىلارغا پاتماي قالدى. ھەر خىل يېڭى كىسەللىكلەر ئوتتۇرغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن يىمەكلىك بىخەتەرلىكى دېگەن بىر ئاتالغۇمۇ ئوتتۇرغا چىقتى.


تۆۋەندىكىسى ئىنگىلىزچە بىر ساغلاملىق تورىغا يوللانغان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەرنىڭ خەتىرى ھەققىدىكى بىر قىسقىغىنە يازما. گەرچە بۇ قىسقا ئاگاھلاندۇرۇش خارەكتىرىدىكى يازمىدا دەلىل-ئىسپاتلار يىتەرلىك بولمىسىمۇ، لېكىن دۆلىتىمىزدىكى يىمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىنى خېلى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن بولغاچقا، ساغلاملىقىغا كۆڭۈك بۆلىدىغان ھەر بىر كىشى ئۈچۈن بىر ئويلىنىش بولسۇن دېگەن ئۈمىتتە تەرجىمە قىلىپ بلوگىمغا يوللاپ قويدۇم.

جۇڭگودا ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بۇ يەتتە خىل يىمەكلىكتىن (يالتىراق ۋە راك پەيدا قىلغۇچى خىمىيىلىك بۇيۇملار بىلەن تولغان) ئۆزىڭىزنى تارتىڭ.
يېقىنقى كۈنلەردە تېخىمۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىلۋاتقان نۇرغۇن يىمەكلىكلەرنىڭ جۇڭگودىن كىرگۈزىلىدىغانلىقىنى (ئىمپروت) تونۇپ يەتتى. ئەمما ھەيران قالارلىق ئىش شۇكى، ئۆزىمىزنىڭ شۇنداق كۆپ دېھقانچىلىق يەرلىرىمىز تۇرسا ، بۇ يىمەكلىكلەرنى نېمىشقا يەنە سىرتتىن كىرگۈزىمىز ؟ بۇنىڭ سەۋەبى،يەنى ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا سالامەتلىككە زىيانلىق سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلاتلارنى ئىستىمال قىلىشمىزنىڭ سەۋەبى ئەرزان باھا ئىكەنلىكى ئېنىق.
تۆۋەندىكىلىرى بىز كۈندە ئىستىمال قىلىپ كېلىۋاتقان جوڭگودىن كىرگۈزۈلگەن ئەڭ خەتەرلىك يىمەك- ئىچىملىكلەر:
    1. ئالما شەربىتى
جۇڭگو يىمەك-ئىچمەك سانائىتىدە خەتەرلىك ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسىنى، ھەتتا چەكلەنگەن ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىلىنى ئىشلىتىدىغانلىقى بىلەن نامى بار دۆلەت. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئامىرىكىدا سېتىلىۋاتقان 50% گە يېقىن ئالما شەربەتلىرى يەنىلا جۇڭگودىن كىرگۈزىلىدۇ.
    2. سانائەت تۇزى
جۇڭگولۇقلار سانائەتكە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىشلىنىلگەن تۇزنى ھەمىشە ئاش تۇزى ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەپتىن بىزنىڭمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىۋاتقان ئاش تۇزىنىڭ سانائەت تۇزى بولۇش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. سانائەت تۇزىنى ئىستىمال قىلىش مېڭە قان تومۇر يېرىلىش، يۈرەك كېسەللىكلىرى، يۇقىرى قان بېسىم ۋە دائىملىق يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    3. كاد بىلىقى (دېڭىزنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشايدىغان بىلىق)
ئامىرىكىدىكى 50% كاد بىلىقى جۇڭگودىن كىرگۈزىلىدۇ. جۇڭگودىكى سۇ بۇلغىنىش مەسىلى ۋە ئۇلارنىڭ بىلىقلارنى قانداق باقىدىغانلىقى ھەققىدىكى گەپلەرنى سىز ئاللىقاچان ئاڭلىغان بولىشڭىز مۇمكىن.
    4. توخۇ گۆشى
جۇڭگودا قۇش زۇكىمى ۋە باشقا يىمەكلىكتىن كىلىپ چىققان كېسەللىكلەر دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. گەرچە 2013- يىلى ئامىرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى جۇڭگودىن كىرگۈزىلگەن توخۇلارنى ئامىرىكىدا سېتىشقا ئىجازەت بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما تەتقىقاتلار جۇڭگودا توخۇلارنىڭ ئىنتايىن ناچار شارائىتتا ۋە ناچار يىمەكلىكلەر بىلەن باقىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ.
    5. جۇڭگو سامسىقى
بىز ئىشلىتىۋاتقان سامساقنىڭ 31% تى جۇڭگودىن كىرگۈزىلىدۇ. خەتەرلىك يىرى شۇكى، جۇڭگولۇقلار بۇنىڭغا ئوخشاش كۆكتاتلارغا سالامەتلىككە زىيانلىق ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسىنى، بولۇپمۇ مېتىل برومىد(بىر خىل دېھقانچىلىق دورىسى) نى يەتكۈچە ئىشلىتىدۇ.
    6. تىلافىيا بىلىقى (ئىسسىق بەلۋاغلاردا ياشايدىغان بىلىقلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، تىيىز ئېقىن، كۆلچەك، دەريا ۋە كۆللەردە ياشايدۇ)
ئامىرىكىدا سېتىلىۋاتقان 80% تىلافىيا بىلىقلىرى يەنىلا جۇڭگودىن كىرگۈزىلىدۇ. تىلافىيا بىلىقى ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ ئەڭ تۆۋىنىدىكى بىر ھايۋان بولۇپ، تاپقانلىكى نەرسىنى يەيدۇ. جۇڭگودىكى سۇ بۇلغىنىش مەسىلىنى ئويلاپ كۆرەيلى. بۇ بىلىقلار ئاشۇ بۇلغان سۇدىكى ھەممە نەرسىنى يەيدىغان تۇرسا، بۇنداق بىلىقلارنى ئىستىمال قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك ئەمەسمۇ.
    7. يالتىراق گۈرۈچ
يېقىندا جۇڭگودا ساختا گۈرۈچ، يەنى يالتىراق گۈرۈچ ئىشلەپ چىقىرىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بىرىلدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ خىلدىكى ساختا گۈرۈچ دىۋىرقاي ۋە ياڭيۇدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، قاينىتىلغاندا قاتتىق ھالەتتە تۇرىۋىرىدىكەن.
يۇقىردىكى تاققۇ-تۇققۇ خەۋەرنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى ئويلاندۇرغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئىسىمىزدە بولسۇنكى، ھەمىشە ساغلام تەرەپتە تۇرۇپ، يەرلىك ئورگانىك يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ ئىشلىتىشىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. سالامەتلكىڭىزگە ئۆزىڭىز كۆڭۈل بۆلمىسڭىز باشقا بىرى كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. مەن تېخى ياش، يىۋالاي، ئىچىۋالايچۇ، دەپ يۈرۈپ خالىغانچە ئىچىپ-چىكىپ، نېمە كەلسە يەپ ئىچىۋەرسىڭىز يېشىڭىز ئوتتۇزدىن ئاشقاندىن كېىين ئېنىقكى دوختۇرخانىلارنى ئاۋات قىلىسىز. 

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72