ئامانەت ۋە خىيانەت (ئانا تىل)

بۈگۈن 2017-يىل 21- ھۇد، ھاۋا باشقىچە ئوچۇق ھەم بىر خىل ئىللىق.  بۈگۈن نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈنمۇ ئەمەس. چۈنكى ئۇلار بۇ كۈننى بىر يىلنىڭ باشقا 364 كۈنىگە ئوخشاشلا ئالدىراشچانلىق بىلەن ئۆتكۈزىدۇ: بەزىلىرى ئېتىزلىقلىرىدا ئىشلەش بىلەن؛ بەزىلىرى بازارلاردا  ئالدىراش؛ بەزىلىرى بولسا بىرەر يىغىن ياكى يىغىلىشلاردا؛ يەنە بەزىلىرى چىراقلىرى بار قاراڭغۇ ئۆيلەرگە بىكىنگەن، ھاياتتىن، خىزمىتىدىن، ھەر نەرسىدىن زىرىككەن؛ يەنە بەزىلىرى بىر بۇردا نانغا، بىر پاچە يېڭى كىيىمگە، ئازراق يورۇقلۇققا ۋە شۇنداقلا بىر تىنىق ساپ ھاۋاغا زار؛يەنە بەزىلىرى ئۇيغۇر تىلىدا بىر نەرسە يېزىۋاتقان ياكى ئۇيغۇر تىلىنى بۈگۈنكىدەك پەن-تېخنىكىنىڭ قەدىمىگە يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كومپيۇتېر ئالدىدا كود يېزىۋاتقان؛ يەنە كىمدۇر بىرلىرى مۇساپىرچىلىقتا ۋەتەن ئىشتىياقى قەلبىنى چىرمىغان، يۇرت سېغىنىشى يۈرەكلىرىنى ئۆرتىگەن ھالدا؛ يەنە كىملەردۇر بىرى غېرىبسىنىپ قالغان مەسچىتلەردە ياكى ئۆيلىرىدە دۇئا قىلىۋاتقان ھالدا…. ئەمما ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى، پەزىلىتى بار: ئۇلار ئېتىزلىقلاردا ئۇيغۇرچە ناخشا توۋلايدۇ؛ بازارلاردا ساپ يەرلىك تىلدا باھا تالىشىدۇ، كىملەر بىلەندۇ باھادا كېلىشەلمەي ۋاقىرىشىدۇ، ھەتتا ئۇرۇشۇپمۇ قالىدۇ؛ يىغىنلاردا ياكى يىغىلىشلاردا ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلىشىدۇ، تەنقىد ئاڭلايدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ، كىمدۇر بىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىدۇ؛ نىكاھ ئىشىدىكى كىلىشمەسلىك، ئاشىقىدىن ئايرىلىپ قېلىش، پۇت-قوللىرى بوغۇلۇش ۋە ھەرخىل بېسىملار سەۋەبىدىن ئۆزىنى دۇنيادا ئارتۇقچە ھىس قىلىپ قالغان كىشىلەرمۇ پۈتۈن ئۆلۈم خىياللىرىنى ئۇيغۇرچە قىلىدۇ؛يازغۇچىمۇ كاللىسىدا ئۇيغۇرچە بىر بىرنەرسىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ، ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر ئارقىلىق تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى ۋە تارىخنى خاتىرىلىمەكچى، ھەتتا كەلگۈسىنى قىياس قىلماقچى بولىدۇ؛  كوچىلاردا پارچە-پۇرات نەرسىلەرنى سېتىۋاتقان ئاشۇ سەبىيلەر، ئوتتۇا ياش مەزلۇملار، ھەتتا چاچ-ساقىلىغا ئاق كىرگەن بوۋايلارمۇ كىشىلەرگە ئۇيغۇرچە خىتاپ قىلىدۇ؛ ياراتقۇچىسىغا ئۇيغۇر تىلىدا دۇئا قىلىپ يىلىنىدۇ… بىرلا ئالاھىدىلىك ئۇلارنىڭ خىياللىرىمۇ، سۆزلىرىمۇ، ئىش-ھەرىكەتلىرىمۇ ئۇيغۇرچە.

يۇقاردىكى قۇرلارنى ئوقۇغان ئوقۇرمەن بەلكىم بۇ بىر ئالاھىدىك ئەمەس بەلكى ئورتاقلىق، ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۇيغۇرچە سۆزلەيدۇ-دە، دېيىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرچە بولغانلىقى ئۈچۈن مەۋجۇداتلىقىمىز ئۇيغۇر تىلى بىلەن باغلىنىپ كەتكەن، ئۇيغۇر تىلىسىز ئۇيغۇرلۇقنىڭ بىر يەرلىرى كەم، تۇسسىز بولىدۇ. ئەمما بۈگۈنكىدەك ئارلىقلار قىسقىرىۋاتقان، يەرشارىلىشىۋاتقان زامانىۋىي جەمئىيەتتە كۈچلۈكلەرنىڭ، كۆپ سانلىقلارنىڭ تىلى قوللانغۇچىلىرى نىسپەتەن ئاز بولغان باشقا تىللارغا يوقۇلۇش كىرزىسى ئەكىلىۋاتقان بىر كۈندە ئاشۇ يىراق قىرلاردا، يېزىلاردا ياشاۋاتقان سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزنىڭ ئەتراپىدىكىلەر، دوست-يېقىنلىرى، ئورۇق-تۇققان ۋە بالا-چاقا نەۋرىلىرى بىلەن ھېلىھەم ئانا تىلىدا دەرت ئېيتىشىپ، بىر-بىرىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشىپ ئۈمىدۋارلىق بىلەن تىرىكچىلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلەلىشى بىر قەدەر چوڭ شەھەرلەردە ياكى سىرتلاردا ياشاۋاتقان ياش بىر ئەۋلادلارغا نىسپەتەن ئۇلارنىڭ پەزىلىتى ۋە ئالاھىدىلىكىدۇر.  ئۇلارنىڭ بۇ پەزىلىتى بولمىسا ئىدى، يەنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقىرىدەك بوۋىلىرىمىز ئەسەرلىرىنى ساپ خاقانىيە تىلى بىلەن يېزىپ قالدۇرمىغان بولسا ئىدى، ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىرىنى پارىس تىلى بىلەن يازغان بولسا ئىدى… ۋە شۇنداقلا يىراقلاردا دۇنيانىڭ چوڭ ئىشلىرىدىن خەۋەرسىز ياشاۋاتقان، مائارىپ يۈزىمۇ كۆرمىگەن “جاھىل” ئاتا-بوۋىلىرىمىز بولمىسا ئىدى بۇ تىل بىزگە يېتىپ كىلەلمىگەن بۇلاتتى.

مىڭ  مەرتىۋە شۈكرىكى، بۇ تىل ماڭا يەتتى، توققۇز يىل ئۇيغۇرچە ئوقۇدۇم. ئالى مەكتەپنى دۆلەت تىلى، يەنى خەنزۇچە ئوقۇدۇم، خەنزۇ تىلىدا ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگەندىم.  ئۇنى-بۇنى دەپ مۇشۇ يېشىمغىچە 4-3 خىل تىل ئۆگىنىپ باققان بولدۇم، ئۇيغۇرچە ھېچ قوللانمايدىغان شەھەرلەدە، دۆلەتلەردە ياشاپ باقتىم، باشقا كىشىلەر بىلەن ئۆگەنگەن باشقا بىر تىلدا ئۇچۇر ئالماشتۇردۇم، كۈلۈپ چاقچاقلاشتىم، ھەتتا سوقۇشۇپمۇ باقتىم. ئەمما ھېچبىرىدە، مەيلى خەنزۇچە- ئىنگىلىسچىدە، مەيلى ئەرەپچە-تۈرۈكچىدە بولسۇن قەلبىمنى، ئىچىمدىكى ئويلارنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلىگەندەك راۋان ۋە راھەت ئىپادىلەشكە قادىر بولالمىدىم ۋە بولالماي كەلدىم. بەلكىم ئاشۇ تىللارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگەنمەپسە، دەيدىغانلار چىقىشى مۇمكىن. راست، ھېچقايسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگۈنەلمىدىم، ھەم ماڭا كۆرە بىر چەتئەل تىلىنى ئاشۇ تىل بىلەن توغۇلمۇش ۋە ئاشۇ تىل مۇھىتىدا ئۆسۈپ يىتىلگەن كىشىلەردەك ئۆگىنەلىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش. ئەمما شۇ ھەقىقەتكى، مەن ئۇيغۇر تىلى بىلەن توغۇلدۇم، ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم . دەل مۇشۇ سەۋەپتىن  بارلىق خۇشاللىق-قايغۇلىرىمنى، غەزەپ-نەپرەتلىرىمنى، سۆيگۈلىرىمنى،دۇئا-ئىلتىجالىرىمنى پەقەتلا پەقەت ئۇيغۇر تىلى بىلەنلا ئەڭ راۋان، ئەەڭ راھەت بىر ھالدا ئىپادىلەلىشىم مۇمكىن، باشقا بىر تىلدا ھەرقانچە  بىر نەرسىلەنى يېزىپ كېتەي، قانچىلىك كوتۇلداپ كېتەي گەپلىرىمنىڭ بىر يەرلىرى قاملاشمىغان، بىر يەرلىرىدە كەمتۈكلۈك بارلىقى بار.

بۈگۈن 2017-يىل 21- ھۇد. ھەر يىلى ھۇد ئېينىڭ 21- كۈنى خەلقارا ئانا تىل كۈنى (خەلقارا ئانا تىل بايرىمى). مۇشۇ دەملەردە بۇ كۈننى توردا بولسىمۇ خاتىرلەي دەپ ئولتۇرىۋاتىمەن،  ئۇيغۇر تىلى ئىگىسى ۋە ۋارىسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ھىسياتلىرىمنى، سۆيۈنۈشلىرىمنى ئانا تىلىمدا يېزىپ باقاي دەپ كومپيۇتېرىمغا تىكىلىپ ئولتۇرۇۋاتىمەن. ئۆزۈم كىچىككىنە ياتاقتا، ئەمما خىياللىرىم يىراقتىكى كەڭرى دالىلادا، ئۆيلەردە، ئوماق ئىنى-سىڭىللىرىمدا. ئۆكىنىۋاتىمەن: بىر پارچە قىسقا يازمىنى ئانا تىلىمدا قاملاشتۇرۇپ يازالمايۋاتقانلىقىمدىن ئۆكىنىۋاتىمەن.  ئانا تىلىمىزنى ئازراقمۇ مىنەت قىلماي، ھەتتا ئۆزىنىڭ بۇ تىلنى قوغداۋاتقانلىقىمۇ كاللىسىغا كىرىپ چىقىمايدىغان يىراقلاردىكى ئاشۇ “جاھىل” سۆيۈملۈك كىشىلەرگە باھارنىڭ قارلىغاچلىرى، مەيىن شاماللىرى ئارقىلىق ئوتلۇق سالاملىرىمنى، سېغىنىشلىرىمنى يوللاۋاتىمەن: ھەردائىم ئامان بولۇڭلار، خاتىرجەم بولۇڭلار ئەزىلىرىم!  چۈنكى دەل سىزلەر  ئامانەتكە ئۆلسىمۇ خىيانەت قىلمايدىغان بىر ئەۋلاد ياشلارنى يېتىشتۈردىڭلار.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72

ئىنكاسلار

  1. ئۇھ دىمەكتىن باشقىنى دىيەلمىدىم …

    قايسى زاماندىكى ماقالە بۇ؟

    بىر يەرلىرىگە قارسام 2017 دەپ تۇدۇ بىگىمنىڭ پىكرىنىمۇ ئۇقۇدۇم؟

    • ھەئە، 2017- يىلى ئانا تىل كۈنىدە، پەخىرلىنىش، قايغۇرۇش، ئەنسىرەش… ئىرماچ-چىرماچ بىر تۇيغۇ بىلەن يېزىلغان نەسىرى ئەسەر ئىدى.
      3 يىل ئۆتەپ كىتىپتۇ بىردەمدەئ
      لېكىن ئۆزگەرمىگەن بىرلا نەرسە بۇ تىلنىڭ شۇنچىلىك سۆيۈملۈكلىكى ۋە كۈچى. گەرچە نۇرغۇن بىز كۈتمىگەن، كۈچىمىز يەتمەيدىغان ۋاقىئەلەر يۈز بەرگەن ۋە بىرىۋاتقان بولسىمۇ…

    • تۈنۈگۈن بېگىم كىلىشنىڭ ئالدىدا ما ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈشنى باشلىغان ئىدىم. ھازىرغىچە ھەپلىشىپ يۈرىيمە.ئۆزەم بىر قىلىپ باقاي دەپ.

Comments are closed.