14- باب: ئاخىرقى كېلىشىم

14- باب: ئاخىرقى كېلىشىم

ھەپتە ئاخىرىدا نېيت شەھەردىن يېنىپ چىقتى. ئۇ ڧىلەننىڭ مىراسخورلىدىن 9 كۈنىدىن بۇيان سوئال سوراپ يۈرۈپ چارچاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىر خىل خىجىللىق ھېس قىلاتتى ۋە ڧىلەننىڭ بالىلىرىغا ئېچىناتتى، ئوبدانراق ياشاشنى ئويلىغان بىچارە سىنىيدقا ئىچ ئاغرىتاتتى.
ئىككى كۈندىن كېيىن نېيت سىيلېمغا كەلدى. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئايالى كرىستىدىن بولغان بالىسى ئاپىسى ۋە يېڭى دادىسى سىيو بىلەن مۇشۇ يەردە تۇراتتى. نېيت ئۇلارنى ئەڭ ئاخىرقى كېتىم كۆرگەن ۋاقتى ئەسلىدى: ئۇ ۋاقىتتا نېيت مەست بولۇپ قالغان بولۇپ ئايالى بىلەن ئالدى ھويلىدا بالىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىلا سوقۇشۇپ قالغان، سىيو ئۇنىڭغا پىچاق تەڭلەپ تەھدىت سالغان ئىدى. كېيىن نېيت ئويغان ۋاقىتتا ئۇ ماشىنىسىدا ياتقان بولۇپ، ماشىنىسى بىر مەكدانولز دۇكىنىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قويۇلغان، يېنىدىكى ئورۇندۇقتا 6 دانە قۇرۇق پىۋا قۇتىسى چېچىلىپ ياتاتتى.
نېيت ئۇلارنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىشتىن 4 سائەت بۇرۇن كرىستىغا تېلېڧۇن قىلدى.
” كىرىستى، بۇ مەن، نېيت. ” دېدى ئۇ. ” مەن ھازىر ئارىگوندا، بۈگۈن كەچ ياكى ئەتە بالىلار بىلەن كۆرىشەيمىكىن دەپ ئويلىغانتىم. ”
” ئەلۋەتتە، بولىدۇ. بۇنىڭ ئامالىنى قىلاي. لېكىن ئۆزىڭىز بىلىسىز، بالىلار مەكتەپ، ئۇسۇل ئۆگىنىش، دەرس، پۇتبول ئويناش دېگەن ئىشلار بىلەن بەك ئالدىراش.”
” ئۇلار قانداقراق تۇرۇۋاتىدۇ؟ ”
” ئىنتايىن ياخشى. بىز ئارىگونغا كۆنۈپلا كەتتۇق. ”
ئۇلار ئەتە كەچتە بىرگە تاماق يەيدىغان كېلىشى. بۇنداق بولغاندا كىرىستى بالىلارنى بىمالال تەييار قىلالايتى. سىيو ئۇ كۈنى كەچرەك ئىشتىن چۈشىدىغان بولدى.
نېيت ئوستىن بىلەن قول ئېلىشىپلا كۆرۈشتى. ئەنجىلانى بولسا سۆيۈپ قويدى. كرسىتى نېيت بالىلىرى بىلەن قايتا تونۇشۇپ چىققان ئارىلىقتا ياتاق ئۆيىدە تۇرۇپ تۇرغان ئىدى.
ئۇلار بىر سائەتچە كەچلىك تاماق يىيىشتى. سائەت 7 بولغاندا نېيت ئۆزىنىڭ ماڭمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ” دادا، ئەتە بىر پۇتبول مۇسابىقەم بار. ” دېدى ئوستىن. نېيتنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ قالايلا دېگەن ئىدى. ئۇ ئوستىننىڭ ئاخىرقى قېتىم دادا دەپ چاقىرغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيتتى.
” مۇسابىقە مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ” دېدى ئەنجىلا. ” سىزمۇ بېرىڭ، بولامدۇ؟ ”
نېيت نېمە دېيىشىنى بىلەلمەيلا قالغان بولۇپ، كىرىستى بۇ گەپنى بۇرىدى. ” مەن سىلەر بىلەن بارىمەن. بۇنى كېيىن دېيىشەيلى. ” دېدى ئۇ.
” ئەلۋەتتە، مەن بارىمەن،” دېدى نېيت. بالىلار ئۇنى سۆيۈپ قويدى. نېيت كېتىش ئالدىدا كرىستنىڭ ئۇنى ئىككى كۈندىن كېيىن مەكتەپتە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ كۆزىنى قىسىپ قويدى. كىرىستى بۇ بەلگىنى چۈشىنەتتى.
نېيت سىيلېمدا ئۈچ كۈن تۇردى. ئۇ ئوغلىنىڭ پۇتبول ئوينىغانلىقىنى كۆردى ۋە ئوغلىدىن ناھايىتى پەخىرلەنگەن ئىدى. كەچتە كىرىستى ئۇنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدى. نېيت سىيود قوشۇلغان ئەھۋالدا ئاندىن بارالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ قىزى ئەنجىلا ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن چۈشلۈك تاماق يېدى.
بىر ئادەم مۇشۇنداق ئىسسىق ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا قانداقمۇ چىدىيالايدۇ دەيسىز؟ نېيت بالىلىرىنىڭ تېخى مەكتەپ بارمىغان كىچىك چاغلىرىنى، روجىستۇۋا بايرىمى كۈنلىرىدىكى ئەتىگەنلىكلەرنى، بالىلىرى بىلەن مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن بارغان ۋاقىتلىرىنى ئەسلىيەلمەيتتى. مانا ھازىر ئۇلار چوڭ بولۇپ كەتكەن، باشقا بىر ئادەم ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ئىدى. نېيت سىيلېمدىن يۈرەكلىرىنى تىتىلغان ھالدا ئايرىلدى.

نېيت مونتەنېغا كەتكەن ۋاقىتتا خاك گەدىيس تېخىمۇ كۆپ ھۆججەتلەرنى سوت كوللېگىيەسىگە ئەۋەتكەن ئىدى. رىچېل لېيندىن ھېچقانداق خەۋەر يوق ئىدى. ئېنىقكى، ئۇ بۇ دەۋاغا ئازراقمۇ قىزىقمايتتى. ئۇنىڭ بۇ پۇللارنى ئالغۇسى يوقمىدۇ؟ بۇنداق قىلىشقۇ ئەقلىدىن ئازغانلىق. لېكىن نېمىشقا سوت كوللېگىيەسىگە پەيدا بولمايدىغاندۇ ؟
ئۇلار بىر سەۋەب تېپىپ چىقىپ ھازىرقى ئەھۋالنى ئوڭشىمىسا بۇ دەۋادا ئۇتۇپ چىقالمايتتى. رىچېل لېيننىڭ بۇ پۇللارغا قىزىقماسلىقى بولسا ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى سەۋەب ئىدى.

نېيتنىڭ چوڭ بالىسى دەنىيال ئۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ يېنىدىكى بىر قاۋاقخانىدا كۆرۈشتى. دانىيال بىر قىزچاق بىلەن نېيتنى ساقلاۋاتقان بولۇپ، ئىككىلىسى تاماكا چېكىۋاتقان، قوللىرىدا بوتۇلكا كۆتۈرۈۋالغان ئىدى.
” بۇ ستەڧ بولىدۇ، ” دېدى دەنىيال. ” ئۇ بىر مودېل. ”
نېيت تۇنجى بولۇپ ستەڧنىڭ كۈل رەڭدە قېنىق گىرىم قىلىۋالغان قېلىن لەۋلىرىگە دىققەت قىلدى. ئۇ مودېل بولالىغۇدەك دەرىجە ئۇرۇق ئىدى. نېيت ئۇنى دەماللىققا ياقتۇرمىغان ئىدى.
” پىۋا كەلتۈرسۈنمۇ؟ ” سورىدى دەنىيال.
” سۇ بولسىلا بولدى، ” دېدى نېيت. دەنىيال مۇلازىمغا ۋارقىرىدى.
” ئوقۇشلۇرۇڭ قانداقراق؟ ” سورىدى نېيت.
” مەكتەپتىن چىقىپ كەتتىم. ” دەنيال جىددىيلىشىپ قالغان ۋە ئاچچىقى كەلگەن ئىدى. ئادەتتە قىزلار ئوغۇللار بىلەن ئىككى سەۋەب بىلەن بۇنداق يەرلەرگە كېلەتتى، بىرى قىزلار بولسا يىگىتلەر ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن گەپ قىلمايتتى ھەم ئوغۇللارنىڭ بىرەرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايتتى. نېيت ئوغلىدا يېتەرلىك پۇل يوقلىقىنى چۈشەندى، مانا ھازىر ئۇ دادىسىنىڭ ئۇنى قوللىمىغانلىقى ئۈچۈن قىينىماقچى بولغان ئىدى. نېيت روھى جەھەتتىن ئاجىز ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ كونا خۇيلىرىنى تېپىۋېلىشىدىن قورقاتتى. ستەڧ دەنيالنىڭ ئاچچىقىنى بېسىقتۇرۇپ ئۇنى ناچار سۆزلەرنى قىلىشتىن توسۇپ قالدى.
ئىككىنچى سەۋەبى بولسا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇچرىشىشلارنى ئامال با تىز ئاياغلىشىشىغا پايدىسى بار ئىدى.
” نېمىشقا مەكتەپتىن چىقىپ كەتتىڭ؟ ” سورىدى نېيت.
” ھېچقانداق مەنىسى بولمىسا مەكتەپ ئوقۇغاننىڭ. ”
نېيت چەك دەپتىرىنى چىقىرىپ ئوغلىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىۋەتمەكچى بولدى. بۇ ئەسلىدىنلا ئۇنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ئىدى. لېكىن دەنىيال ھازىر 23 ياش كىرىپ قالغان، بۇنداق ۋاقىت دېگەن ئۆز پۇت-قولىغا تايىنىپ يا ئۆزۈپ چىقىدىغان، يا بولمىسا مەغلۇپ بولىدىغان ۋاقىتلىرى ئىدى.
” بۇمۇ ياخشى بوپتۇ، ” دېدى نېيت. ” بىر مەزگىل ئىشلەپ كۆرسەڭ، ئاندىن مەكتەپ ھاياتىغا زوقلىنىپ كېتىسەن. ”
4 سائەتتىن كېيىن ستەڧ مەست بولۇپ قالغان ئىدى. نېيت بىلەن دەنيالنىڭمۇ دېيىشكىدەك گەپلىرى قالمىغان ئىدى. نېيت مىخائىل كوچىسىدىكى ئۆينىڭ نومۇرىنى يېزىپ دەنيالغا ئۇزاتتى. ” كېيىنكى بىر نەچچە ئايلاردا مۇشۇ ئۆيدە تۇرىمەن. بېرەر نەرسە لازىم بولسا ماڭا تېلېڧۇن قىلارسەن. ”
” خەيرى خوش، ” دېدى دەنىيال.
” ئۆزۈڭنى ئاسرا ”

ئىككى كۈندىن كېيىن نېيت ئۆزىنىڭ ئۈچۈنچى ۋە ئەڭ ئاخىرقى پىلانى- بالىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن پىتىسبېرگگە كەلگەن ئىدى. لېكىن بالىلىرى بىلەن كۆرۈشەلمىدى. ئۇ كېيتلېنىغا ئىككى قېتىم تېلېڧۇن قىلىپ بالىلىرى ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈردى. كېيتلېن نېيت چۈشكەن مېھمانخانىدىكى تاماقخانىغا سائەت 7 يېرىمدا كەچلىك تاماققا كېلىدىغان بولدى. لېكىن سائەت 8 يېرىم بولغاندا ئۇ نېيتقا بىر دوستىنىڭ كۈتۈلمىگەن ھادىسىگە ئۇچىرىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ھازىر دوختۇرخانىغا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تېلېڧۇن قىلغان ئىدى.
نېيت ئەتە چۈشلۈك تاماقنى بىرگە يېيىش تەكلىپنى بەردى، ئەمما كېيتلېن دوستىنىڭ باش قىسمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەھۋالى مۇقىملاشقۇچە يېنىدا تۇرۇشنى ئويلاشقانلىقىنى، ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى دەپ چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى.
ئايالى ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئۆچمىدۇ؟ ناتونۇش بىر شەھەردە، مېھمانخانا ياتىقىغا يېتىپ ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتىش ئەڭ ئاسان ئىدى. نېيت تېلېڧۇننى قولىغا ئېلىپ تېلېڧۇن قىلىشقا باشلىدى. ئۇ سىرجىيوغا تېلېڧۇن قىلدى. ئۇ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئۆزىنى كونترول قىلالمايۋاتاتتى. ئۈ چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ كىچىك بىر قاۋاقخانىسى بار ئىدى، لېكىن ئۇ قاۋاقخانا تەرەپكە يولىمىدى.
ئۇ جوشقا تېلېڧۇن قىلدى. ” نېيت، ئۆيگە قايتىپ كېلىڭ ئەمدى. ” دېدى جوش. ” مېنىڭ بىر پىلانىم بار. ”

نېيت تىنچلىق سۆھبىتىگە تەكلىپ قىلىنمىغان ئىدى. جوش ڧىلەن ئائىلىسىدىكىلەر ئادۇكاتلىرىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشمەكچى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ پىلانى، ئالدى بىلەن خاك ۋە باشقا ئادۇكاتلار بىلەن كۆرۈشۈش، ئاندىن نېيت بىلەن پاراڭلىشىش، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئىدى. ڧىلەن ئائىلىسىدىكلەر ئادۇكاتلىرىمۇ بۇ دەۋانىڭ تېزراق ھەل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشاتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىليونېر بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
جوش ئادۇكاتلارغا ئۇلارنىڭ بۇ دەۋادا ئۇتۇپ چىقالمايدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بەرگىلى تۇرغان ئىدى. ئۇ ئادۇكاتلارغا تروي ڧىلەننىڭ ۋەسىيەتنامىسى قانۇنلۇق ۋەسىيەتنامە، ئەينى چاغدا ڧىلەننىڭ بالىلىرى ۋە ئاياللىرى مۇتەخەسسىسلەرنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تاللىغان دېگەن گەپلەرنى قىلدى. جوش رىچېل توغرىلىق خۇددى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىلى ئۇزۇن بولغان ئادەمدەكلا ” ئۇ باشقا بىر دۆلەتتە ئاددىي-ساددا ياشاۋاتقان قالتىس ئايال، قانۇنىي جەريانلارنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىگەچكە بۇ جەڭگى-جېدەلنى قىلغۇسى كەلمىدى. ئۇ ترويغا تروي تونۇيدىغان كۆپىنچە ئادەملەردىنمۇ بەكرەك يېقىن ئىدى، ” دەپ يۈرۈپ ئۇلارنى كۆندۈرمەكچى ئىدى.
” رىچېل لېينى بۇ پۇللارنى نېمىگە ئىشلىتىشنى ئويلاپتۇ؟ ” ئادۇكاتلارنىڭ بىرى سورىدى.
” مەنمۇ بىر نېمە دېيەلمەيمەن، ” دېدى جوش ئۇ خۇددى بۇ ئىشنى رىچېل بىلەن ھەركۈنى مۇلاھىزە قىلىدىغاندەكلا. ” بەلكىم ئاز بىر قىسمىنى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ، قالغان قىسمىنى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېرىۋېتەر. مېنىڭ ئويۇمچە، ترويمۇ دەل مۇشۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان. تروي ئەگەر باشقا مىراسخورلار بۇ پۇللارغا ئېرىشىپ قالسا، 90 كۈنگە قالماي بۇ پۇللارنى خەجلەپ بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. . ئەكسىچە، ئۇنى رىچېلغا مىراس قالدۇرسا، ئۇ پۇللىرىنىڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى.”
” بۇ دەۋانى ئەڭ يۇقىرى سوتقا يوللاپ بەرسەك بولىدۇ، ” دېدى لەڭھورن. ” رىچېل بۇنىڭ بىرنەچچە يىلغا سوزۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ؟ ”
” بىلىدۇ، ” دېدى جوش. ” شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەل قىلىش چارىسى توغرىلىق سۆزلىشىنى خالايدىكەن. ”
” ئۇنداقتا ئىشنى قەيەردىن باشلىساق بولاركىن؟ ” سورىدى ۋولىي بىرايت.
ئۇلار خېلى ئۇزۇن ئۇنى-بۇنى ھېسابلاپ كۆرۈشتى. ئاندىن دېدى جوش، ” نېيت ئوۋرايلى رىچېل بىلەن ئالاقىلىشىپتۇ. رىچېل مىراسخورلارنىڭ ھەر بىرىگە 10 مىليون دوللار بېرىدىغان بوپتۇ. ”
ئادۇكاتلار دەرھال ھېسابقا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. خاكنىڭ 3 مۇئامىلىدارى بار، ئۇنىڭغا5 مىليون 250 مىڭ دوللار، يەنى 17.5 پىرسەنت ئىش ھەققىنى بېرىدۇ؛ ۋولىي برايتقا لايبىيجېل ۋە سپايكلار بىلەن توختام بويىچە 5 مىليون تېگىدۇ؛ باشقا ئادۇكاتلار 2 مىليوندىن ئالىدۇ.
ۋولىي بىرايت ئالدى بىلەن ئېغىز ئاچتى. ” مېنىڭ مۇئامىلەدارىم ئەڭ ئاز دېگەندە 50 مىليونغا رازى بولىدۇ. ” باشقا ئادۇكاتلارمۇ باشلىرىنى چايقاشتى ۋە جوشنىڭ پىكىرىنى ياقتۇرمايدىغاندەك كۆرۈنۈشكە تىرىشتى.
ئۇلار يەنە بىردەم سان-پانلارنى تالاش-تارتىش قىلىشقاندىن كېيىن جوش دېدى، ” رىچېل لېين ئۇنداق ئاچكۆز ئايال ئەمەس. مېنىڭ ئويۇمچە ئۇ ھەر بىر مىراسخورغا 20 مىليون دوللاردىن بېرىشكە قوشۇلۇشى مۇمكىن. ”
بۇنداق بولغاندا ئادۇكاتلارنىڭ ئىش ھەققى يەنە بىر قاتلىناتتى. خاكقىلا 10 مىليوندىن كۆپرەك پۇل تېگەتتى. بىچارە ۋولىي بولسا 10 مىليونغا سەل ئاچچىقى كەلگەن ئىدى. ئۇ يىغىندىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى.

جوش تېلېڧۇن قىلغاندا نېيت پوپ ڧىلغا ياردەملىشىۋاتقان ئىدى.
“بۇنىڭدىن ياخشى ئامال بولمىدى. مەن 20 مىليوندا توختىۋالدىم. ئۇلار 50 مىليون دەپ تۇرۇۋالدى. ”
” 50 مىليون؟ ” سورىدى نېيت ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەي.
” ھەئە. لېكىن ئۇلار بۇ پۇللارنى ھازىردىن باشلاپلا خەجلىگىلى تۇردى. دېسەم دېمىسەم ئۇلارنىڭ ئىككىسى ھازىر بېنىز (Mercedes ) ماشىنا بازىرىدا. بۇ ئىشنى چارشەنبە كۈنى پۈتتۈرىشىمىز كېرەك. ”
” بولسا ھازىرلا تۈگەتسەك بەك ياخشى بولاتتى، ” دېدى نېيت.
قەھۋە ئىچىدىغان ۋاقىت بولغان ئىدى. ” چارشەنبە كۈنى باش سوتچى بىلەن كۆرۈشىدىغان بولدۇق، ” دېدى نېيت ڧىلغا. ” بۇ ئىش تۈگىگەندىن كېيىن مەن پەنتەنېلغا بېرىپ بولغان ئىشلارنى رىچېلغا خەۋەر قىلايمىكىن دەيمەن. ”
” خۇشال بولۇۋاتامسىز؟ ”
” بىلمەيمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىستەيمەن. ئەمما ئۇ مېنى كۆرۈشنى خالىمامدىكىن دەيمەن. ئۇ ئاشۇ يەرلەردە ناھايىتى كۆڭۈللۈك ياشاۋاتىدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلى بۇنداق دۇنيانىڭ ھېچنېمىسىنى خالىمايدۇ. ”
” ئەمىسە يەنە نېمىشقا ئۇنى ئىزدەپ بارىسىز؟ ”
” چۈنكى ئۇ يەنە بۇ پۇللارنى رەت قىلسا، باشقىلار ھەممە نەرسىگە ئېرىشىدۇ. ”
” رىچېلنىڭ بۇ پۇللارنى ئالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ قارارنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى دېگەن ئىدىڭىزغۇ. ” دېدى ڧىل.
” شۇنداق، ئۇ بۇ پۇللارنى ھەرگىز ئالمايدۇ. ”
” شۇنداق ئىكەن، ئۇ يەرگە قايتا بېرىشىڭىز ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئەمەسمۇ؟ ”
” توغرا. لېكىن ھېچ بولمىغاندا تىرىشىپ باقىمىز ئەمەسمۇ. ”

رەمبېلدىن باشقا ڧىلەننىڭ مىراسخورلىرى سوت زالىغا يىغىلىشقان ئىدى. باش سوتچى ۋىكىلىڧ يىغىلىشنىڭ ھەممەيلەننىڭ دەۋا توغرىلىق ئورتاق ھەل قىلىش چارىسىغا كېلىشى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى ۋە ئۆزىنىڭ ڧىلەن ئائىلىسىدىكىلەر ئادۇكاتلىرىنىڭ بۇ دەۋا توغرىلىق ئىسپاتلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. ۋىكىلىڧ جوشتىن دۈشەنبە كۈنىدىكى ئۇچرىشىشتا بىرلىككە كەلگەن ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئېيتىپ ئۆتۈشنى سورىدى.
” مېنىڭ بۇ دەۋانى ئىشلەپ زادى قەيەرگە كەلگەنلىكىمىزنى بىلگۈم بار. ”
جوش مىراسخورلار ھەر بىرى 50 مىليون دوللار ئالىمىز دېگەنلىكىنى، رچېلنىڭ 20 مىليون بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى قىسقىچە ئېيتىپ ئۆتتى.
نېيت بۇ ئىشلار مەنىسىزدەك بىلىنىۋاتاتتى. ئەگەر ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپلا ئۇلارغا رىچېلنىڭ ھېچقاچان بۇنداق پۇل بەرسەم مەيلى دېمىگەنلىكىنى ئېيتسا، ئاندىن زالدىن يۈگۈرگىنىچە چىقىپ كەتكەن بولسا بۇ ئىشلار تېخىمۇ قىزىيتى. ئۇلار نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي بىردەم ئولتۇرۇپ قالاتتى، ئاندىن نېيتنىڭ ئارقىسىدىن قورسىقى ئېچىپ كەتكەن ئىتتەك قوغلىغان بۇلاتتى.
جوش گېپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن سۆزلەش نۆۋىتى خاك ئالدى. ئۇ ڧىلەننىڭ بالىلىرى، ئۇلارنىڭ باش ئاغرىقلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلگىرى باي ئىكەنلىكى، لېكىن ھازىر ۋەيران بولۇشقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ ئارىلىقتا ڧىلەننىڭ ئۇلارغا ياخشى قارىمىغانلىقىنى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ياخشى تەربىيەگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلار 21- قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىدە ئاشۇ 5 مىليوننى تاپشۇرۇپ ئالغاندا نۇرغۇن خاتا ئىشلارنى قىلغانلىقى، لېكىن ھازىر ئۆزلىرىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلگەنلىكىنى قىستۇرۇپ ئۆتتى. خاك ياخشى سۆزلىگەن ئىدى. ئۇ گېپىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئولتۇرغاندا سوتخانا زالى جىمىپلا كەتكەن ئىدى.
ئادۇكاتلار نېيت بۇ پۇللارنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى دەپ ئويلايتتى. نېيت ئۇلار بىلەن يەنە بىر-ئىككى سائەت ئېتىشىپ يۈرۈپ، ئۇلارنى 50 مىليوننى خېلى تۆۋەنلىتەلەيتتى. لېكىن ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ئىدى.
” ھاۋالە قىلغۇچۇم 50 مىليون بېرىشكە قوشۇلىدۇ، ” دېدى ئۇ.
” خوش، ” دېدى ۋىكىلڧ ” بۇ دەۋانى مۇشۇنداق ھەل قىلساق، سىلەرنىڭ باشقا پىكىرىڭلار بارمۇ؟ ”
ڧىلەن ئائىلىسىدىكىلەر ئادۇكاتلىرى ئادەتلەنگىنى بويىچە باشلىرىنى بىر يەرگە ئەكېلىشتى.
ئۇلار خاكنىڭ ئەتىراپنى ئورىۋالغان بولۇپ، ناھايىتى پەس گەپ قىلماقچى بولۇشاتتى، لېكىن ھاياجانلانغانلىقىدىن ئاۋازلىرى ئۈنلۈك چىقىپ كىتىۋاتاتتى.
” مۇشۇنداق پۈتۈشتۇق، ” 26 مىليونغا ئىگە بولغان، ئۇلارنىڭ ئەڭ بېيى بولۇپ قالىدىغان خاك دېدى ئۈنلۈك قىلىپ.
بۇ كېلىشىم رىچېل ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولاتتى. نېيت بىر نەچچە كۈن ئىچىدە رىچېل بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇنىڭغا ئىمزا قويغۇزۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72