داپشاقلار1

بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى باشقىچە: كۆپكۈك ئاسماننى كۆرىۋالغانلىقدىن ئۆزگىچىلا روھلىنىپ ئەڭ تۆۋەن سەپلىمىك قول تېلڧۇنىدا بولسىمۇ ئۇچۇرغانكى كۆك رەڭلىك مەنزىرىلەرنى رەسىمگە تارتىۋاتقان كىشىلەر كۆزگە چېلىقپلا تۇرىدۇ؛ ئاسمىنىدا كۈن پاقىراپ تۇرسىمۇ كۆزۈڭگە بىر خىل چاڭ-تۇزانلار كۆرۈنگىنى كۆرۈنگەن. پىژغىرىم ئاپتىپى ئادەمنى مۇزدەك سوغۇچ شامال پۈركۈپ تۇرغان ھاۋا تەڭشۈگۈچنىڭ ئاستىغا قىستىغىنى قىستىغان؛ بەزىدە بېرەر ھەپتىگىچە قوياشنىڭ چىھرىنى كۆرەلمەيدىغان ۋاقىتلارمۇ بولىدۇ. ئەڭ قىزىقارلىقى بۇنداق چاڭلاش ھاۋانىڭ ئادەمنىڭ بۇرۇن-گاللىرىنى بۇزەك قىلىشى يەتمىگەندەك، ماشىنىلىق، پىيادىلىق… قىستىلىشىپ كىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىن كىلىۋاتقان سېسىق پۇراق مىڭەڭنى يەپ كىتىدۇ. بەزىدە بۇيەرنىڭ كىشىلىرىنى يۇيۇنمايدىغان، دۇنيادا “ خۇشپۇراق “ دەيدىغان بىر ماددىنىڭ بارلىقىنى بىلمەمدىكىن دەپ ئويلاپمۇ قالىسەن. لېكىن شۇنداق ئالدىراشچانلىقتا يۈرسىمۇ،بەزىلىرىنىڭ قىشمۇ-ياز ئىسسىق سۇلاردا سائەتلەپ يۇيۇنۇپ كىتىدىدىغانلىقىنى بىلسەڭ “ توۋا “ دېگەنچە ياقاڭنى چىشلەيسەن. مەسىلە يۇيىنىدىغان سۇدىمۇ ياكى بۇلارنىڭ تىنىگە كىچىكىدىن سىڭىپ كەتكەن “ يىمىشلىك “ پۇراقلىرىمۇ، بۇلار بولغانغان ھاۋاغا يەنە سېسىقچىلىك قاتقىنى قاتقان. ھاجەتخانىدا ئۇزاق ئولتۇرساڭ، بۇرنىڭغا ھېچنىمە پۇرىمايدۇ، دەيدىكەن چوڭلار. لېكىن نىمىشكىقىن، بۇ يەرنىڭ سېسىقچىلىقىغا بۇرنۇڭ زۇكام تىگىپ قالغان ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتتا كۆنەلمەيدۇ.

بۈگۈنمۇ باشقا كۈنلەرگە ئوخشاشلا كۈن شەرىقتىن پاقىراپ چىققان ئىدى. گۈزەل ھەم ساپ نەرسىلەر ھامان يۇشۇرۇنلۇقنى ئۆزىگە راۋا كۆرەمدۇ قانداق قۇياشمۇ بۈگۈن چىھرىنى ئازراق يۇشۇرۋالغان ئىدى. لېكىن بىر نەرسە بار، ئېتەك بىلەن- قاتمۇ-قات پەردە بىلەن توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان، قۇياش نۇرى ئاشۇ قېلىن پەردىلەردىن ئۆتۈپ 30 نەچچە ئادەم ئولتۇرىۋالغان كىچىك كوچا ئاپتۇۋىزىنىڭ دەرىزىسىدىن ئۇيقۇچان گەۋدىلەگە سانچىلىپ، پەردىلەر بىلەن توسۇلغان كۆزلەرنى ئىللىق نۇرلىرى بىلەن  ئاچىقىلىۋاتاتتى. چۈنكى ئاپتۇبۇسقا قېرى-ياشانغان كىشىلەر، بالا كۆتۈرۋالغان ئانىلار چىقىپ-چۈشۈپ تۇراتتى. چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش-ئاسىراش ئىنسانىيلىكنىڭ ئەڭ ئەقەللىي تەلىپىغۇ.  لېكىن بۇ يەرنىڭ كىشىلىرى ئاجايىپ ئاڭقاۋ، كۆرمەسكە سېلىۋېلىشقا، قەستەنگە بىچارە كۆرۈنۈشكە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئۇستا.

ئوماق بالا كۆتۈرىۋالغان بىر ئايال ئاپتۇبىسقا چىقىپ كەلدى. 6-5 ئاينىڭ قارىسىنى ئالغان بۇدرۇق بالا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ماشىنا ئىچىدە بىر-بىرىگە قىستىلىشىپ تۇرغان كىشىلەرگە تويماي قارايتتى. قارشى تەرەپتىن بىلەتچىنىڭ “ بالا كۆتۈرۋالغان ئايالغا ئورۇن بۇشىتىپ بەرگەن بولساڭلار، رەخمەت! “ دېگەن ئاۋازى ئۈزۈلمەي كىلىۋاتاتتى. ئايالنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغان، گىرىمنى يەتكۈچە قىلغان سەتەڭ بالا كۆتۈرۋالغان ئايالنىڭ ماشىنىغا چىققىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىلا قۇلىقىغا تىڭشىغۇچنى سېلىپ، دەرىزدىن سىرتقا قاراپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. ئايالنىڭ ئەتراپىدا ئۈرە تۇرىۋاتقان بىر نەچچە كىشى  ئايالنىڭ بالىسىغا زوقمەنلىك بىلەن قاراۋاتقان ئىدى، لېكىن بىرەرسىنىڭ كۆڭلىگە كۆتى ئۇرۇندۇقلارغا يەملەپ قويۇلغاندەك بىپەرۋا ئولتۇرغان داپشاقلارغا “ بۇ ئايالغا ئورۇن بوشۇتۇپ بەرگەن  بولسىڭىز، “ دېيىش كىرىپ چىقمايتتى.

ئاپتۇبۇس ئۆز يولىغا مېڭىۋەرسۇن. نەزىرىمىزنى باشقا بىر كۆرۈنۈشكە يۆتكەپ تۇرلى ۋاقتىنچە.

چىڭقى چۈش ۋاقتى. كىشىلەر چۈشلۈك دەم ئېلىش ئۈچۈن خىزمەت، ئوقۇش ئورنىدىن ئۆيلىرىگە، تاماقخانىلارغا ئۇزاق ۋاقىت ئاچ قالغان بۆرىلەردەك ئالدىراپ چېپىۋاتاتتى. قورساق ئاچلىقى ئادەمنى زادى بىر يەردە جىم تۇرغۇزمايدىغۇ ئاخىز. بەزىلەر ئاشۇ كىچىككىنە قورساق غېمىدا بەزىلەرنى ھۆل قىشقا دەسسىتىدۇ؛ بەزىلەر ئاياللىرىنى، ھەدە-سىڭىللىرىنى، ھەتتا ئاتا-ئانىلىرىنى پۇتلاشقا ئورىنىدۇ؛ يەنە بەزىلەر بىر كاپام ھۇزۇرلۇق تائام ئۈچۈن جانلىرىنى، روھلىرىنى، قېرىنداشلىرىنى سېتىۋېتىشنى راۋا كۆرىدۇ. لېكىن كۆزىنىڭ ئاچلىقى باغلانغان قورسىقىنى بىر ئۆمۈر بېقىپ بولالماي ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ. نېمە دېگەن داپشاپلىق-ھە! چۈشلۈك ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ كىشىلەر مىترو، ئاپتۇبۇسلارغا ئولتۇرۇپ ئۆيلىرىگە، تىزتاماقخانىلارغا بارمىسا بولمايتتى. لىققىدە ئادەم چىقىۋالغان، ئېچىپ قالغان پاگىدەك ھىد كىلىپ تۇرىدىغان مىتروغا يەنە بىر توپ كىشىلەر بىر-بىرىنى ئىتتىرگىنىچە چىقىپ كىلىشتى. بىكەت خىزمەتچىسىنىڭ ياردىمىدە ئۇلار بىر-بىرنى ئىتتىرگىنىچە مىتورغا چىقىۋالدى. مىترو ئىچى بەك تىقىلىپ كەتكەن ئىدى.

مېيىپلار، ھامىلدار ئاياللار، ۋە ياشانغانلار ئۈچۈن مەخسۇس بىكىتىلگەن ئورۇندۇقلارنى چىرايلىرى ئادەمگە جەسەتنى ئەسلىتىدىغان ياش يىگىتلەر، ئەمدى قېرانلىقىغا قەدەم ئالغان كىشىلەر ئىگەللەپ بولغان ئىدى. قارىماققا 45 نىڭ قارىسىنى ئالغان، چېچىغا  ئاق كىرگەن بىر ئايال تومپىيىپ تۇرغان بىر سىمىز قوساقنىڭ قىستىشىدىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىدى. كۆز ئالىدا ھامىلدار بىر ئايال كىشىلەر ئارىسىدا قىستىلغىنىچە تۇتقۇچقا ئاران ئېسلىپ تۇرىۋاتاتتى. ئاق چاق ئايال ئەتراپىدا تۇرغان، تىلڧۇنلىرىنى ئويناپ ئولتۇرىۋاتقان كىشىلەرگە بىر نېمىلەرنى دەپ قاقشىغىنىچە ئالدىدا ئولتۇرغان ئەرنى نۇقىدى:

– ئورنىڭىزنى بۇ ئايالغا بوشىتىپ بەرسىڭىز بولمامدۇ؟

– مەنمۇ تازا ياخشى ئولتۇرىۋاتىمەنغۇ مانا.

– بۇ سىڭلىمىز ئېغىر ئاياقكەن. ئولتۇرۋالغىنىڭىز ھامىلدارلار مەخسۇس ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقكەن تېخى.

– ھە. مۇنداق دەڭ. مەن ئۇنىڭ ئىرى بولمىسام، قورسىقىدا بارلىقىنى نەدىن بىلەي.

– ھۇ….

خېلى رەتلىك كىيىنىۋالغان، چىرايى تورخۇندەك ئىسلىشىپ كەتكەن بۇ داپشاق ئەر ئۆز-ئۆزى بىلەن گەپ تالاشقىنىچە قوڭىنى چېقىپ ئورنىدىن تۇردى. ئاق چاچ ئايال ئېغىرئاياق ئايالنى ئاۋايلاپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدى. ئىككى تەرەپتە ئولتۇرىۋاتقان جىنلارنىڭ چىرايلىرى ئىشىك قىسىۋالغان كالاشتەك پۇرلۇشۇپ كەتكەن ئىدى. ئېغىرئاياق ئايال ئاممىۋىي سورۇندا نۇمۇسسۇزلارچە ئېيتىلغان سۆزگە چىدىمىغان ئىدى،كۈچلۈك قورالى بولغان كۆزلىرىدىن ياش تامچىلاۋاتتى، لېكىن كۆز يېشىنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالغان ئىدى. قارشى تەرەپتىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغا 70-60 ياشلار ئەتراپىدىكى موماي بۇ ئىككى ئايالغا قاراپ  ئۈمىدۋارلىق ۋە رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرەۋاتاتتى.

ئەمدى ئاپتۇبۇسقا قايتىپ كىلەيلى. بەلكىم بالا كۆتۈرۋالغان ئايالغا ئىنسانىيلىقى ئۆلمىگەن بىرەرسى ئورۇن بوشۇتۇپ بەرگەندۇ، بەلكىم ئايال مەنزىلىگە يېتىپ، ماشىنىدىن ئېغىر پۇتلىرىنى ئۈمىدلىك ھالدا يۆتكەپ چۈشۈپ كەتكەندۇ.

ئاپتۇبۇستا ئۇ ئايال كۆرۈنمەيتتى. باشقا كىشىلەر ئاۋۋالقىدەكلا نېمىلەرگىدۇ ھاڭۋىقېپ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرۇشاتتى. ماشىنا كىيىنكى بىكەتكە كىرىپ كەلدى. يەنە بىر نەچچە ئادەم ئىلدام ماشىنىغا چىقىشتى. ئاپتۇبۇس ماشىنا دەستىدىن قىستىلىپ كەتكەن يولدىن تاشپاقىدەك ئاستا سۈرەتتە ئۆتۈپ بىر قىزىل چىراقتا ئازراق سىلكىنىپ توختىدى.

“ ئەجەپ تۇرمۇزلىدى ماشىنىسىنى، “ دېدى قارىماققا تۇنۇش كۆرىنىدىغان غەلىتە ئادەم. ئۇ ئارقىسىدا نەۋرىسىنى كىچىك ھارۋىسىنى تۇتقىنىچە ئۆرە تۇرغان ياشانغان كىشىگە سوقۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ كەچۈرۈم سورىدى، لېكىن ھېلىقى كىشى ئۇنىڭ گىپىنى چۈشەنمىگەن بولسا كېرەك نەۋرىسىگە قاراپ تۇرىۋەردى. ماشىنا قوزغالدى. غەلىتە ئادەمنىڭ كۆزلىرى ئۇيەر-بۇيەرلىرىنى ئوچۇق قويىۋېلىپ بىخارامان ئولتۇرۇشقان ياش قىزلارغا تاشلانغان بولۇپ، ئۇ كۆزلىرىنى ئەپقاچماقچى بولۇپ باشقا يەرلەرگە قارىۋالاتتى. كۆڭلىدە بولسا كەسكىن تالاش-تارتىش باشلانغان ئىدى.

– يامان بولىدۇ. يېشى بىريەرگە بېرىپ قالغاندا نەپسىگە يۈگەن سالغۇلۇق.

– قانداق يۈگەن سالىمەن؟ ئۆزۈممۇ تۇنىمايدىغان بىرى قولاپ تۈۋىمدە ‘ تازا قارا، كۆزۈڭنىڭ يېغى بارىدا ئوتلىۋال’ دەپ پىسسىرلاۋاتىدۇ.

– مەنمۇ پىچىرلاۋاتىمەنغۇ مانا. ياراتقۇچىدىن قورق. پۇتۇڭ گۆرگە ساڭگىلىغانلىقىنى ئۇنۇتما.

– ۋاي، ئەجەپ كوسىلداپ كەتتىڭلا ما ئىككىڭلا. بولدى قىلىڭلا. ئۆلۈپ كىتىدىغان دۇنياغا، نېمەنچە قىلىسىلەر.

– سول قۇلۇقۇمدىكى، نېمە دېگەنتىڭ ھازىر؟

– قاراۋەر، ھېچقىسى يوق. نۇرغۇن يامان ئىشلارنىمۇ قىلدىڭ. بۇ كىچىكىنە ئىشقۇ.

– ھىم.

ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭ ئىختىيارلىقىسىز چوڭ-كىچىك ئاياللارنىڭ ئوچۇق يەرلىدە ئۇچۇپ يۈرەتتى. ئۇدىلىدا ئولتۇرغان ياشانغان ئايالنىڭ ئورنىدىن تۇرىشى قېلىن كۆزلىرىنى ئورنىغا قايتۇرۇپ كەلدى. غەلىتە ئادەم ئارقىسىدا نەۋرىسىنىڭ ھارۋىسىنى تۇتۇپ ئۆرە تۇرىۋاتقان كىشىگە ئۆزىگە قالماقچى بولغان ئورۇننى بىرىشىنى ئويلاۋاتاتتى. ئاپتۇبۇس بىكەتكە كىرىپ، ياشانغان ئايال ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى. غەلىتە ئادەم ھېلىقى كىشىنى چاقىرماقچى بولۇپ ئارقىسىغا بۇرۇلدى-يۇ، بېقىنى نوقۇپ ئۆتۈپ كەتكەن چىشى ئادىمىزاتقا قاراپ تۇرۇپ قالدى. پۇزۇر كىيىنىۋالغان،يۈزىگە ئۆزىنىڭ قارىلىقنى يۇشۇرماقچى بولۇپ يەتكۇچە ماي سۈركىۋالغان بىر ئوتتۇرا ياش ئايال بوش ئورۇننى  ئىگەللەپ بولغان ئىدى. غەلىتە ئادەم يۈزى قېلىن ئايالنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قارىدى.

“ ئەجەپ داپشاق نېمىكىنا، “ دېدى ئۇ ئۈنلۈك قىلىپ. ئۇنىڭ گىپىنى بۇلارنىڭ بىرەرسىمۇ چۈشەنمىگەن ئىدى. ئۇ تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ گىپىگە پۇشايمان قىلىۋاتاتتى. پۇشايمىنى بۇلارنىڭ ئۇنىڭ گىپىنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزىنىڭ گەپ-سۆز، قىلىقلىرى ئۈچۈنمۇ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. ھېلىقى ئايال بولسا ‘سۇ كالىسىدەك مىسىلداپ قاراپ تۇرساڭ، ھە نېمەڭنى يامان كىشىلەر ئىگەللىۋالىدۇ، ‘ دەۋاتقاندەك مەغرۇر ئولتۇراتتى.