قەبرە كولاش 1

سودىگەرلەر قايناق بازارنى بېشىغا كىرىپ خېرىدار توۋلاۋاتاتتى. بۇ بازار ئاجايىپ بازار، يىڭنە-يىپ دەمسىز، ياكى ئىسىل ئىگىنلەر دەمسىز، كۈمۈش-ئالتۇن ئۈزۈك دەمىسىز…. ھەممىسى تېپىدىلىدۇ.  گاھىدا ئەمدى 13-12 نىڭ قارىسسىنى ئالغان بالىلارنىڭ ” تازلىق قەغىزى سېتىۋاللى. چىش كولىغۇچ سېتۋاللى، ئەزانچىلىق دېگەن مانا مۇشۇ، ” دەپ توۋلاشلىرى ئادەمنى ئۆزىگە رام قىلسا، گاھىدا چاچلىرىغا ئاق چۈشكەن مومايلار، ياغلىقىنى چىڭ چىگىۋالغان چوكانلار، ھەتتا ئەمدى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىغا كىرگەن ئۇماق قىزلار ئوسمىنى قېنىق قويۇپ، ئالدىغا بارى-يوقى چوڭ بىر باغلام ئوسمىنى تىزىۋېلىپ بازاردىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ھارغىن يىگىتلەرگە، قاشلىرىنى يۇلۇپ-تىرىپ دېگەندەك باششقىچە قىلىۋالغان قىز-چوكانلار غا…. بازاردىن ئۆتىۋاتقان-كىچىۋاتقانلارغا بىر باغلام ئوسما ئالامدىكىن دەپ تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇشلىرى، كىچىك ئوماق قىزلارنىڭ بازارچىلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ  ئازراق بولسىمۇ سودا قىلىۋېلىشنى ئىستەشلىرى تۇرۇپ ئادەمنى ئېغىر خىياللار دېڭىزغا غەرىق قىلماقچى بولىدۇ، كىچىكى كىچىك دېمەي، قېرىلىرى قېرىپ قالدىم دىمەي بازارنى ئاۋات قىلىشلىرى ئادەمنى ” مانا ھاياتقا بولغان قىزغىنلىق،  نېمە دېگەن ئۈمىدۋار مومىلار-بوۋىلار، نېمە دېگەن بىغۇبار يېڭى مايسىلار ” دېگۈزىدۇ.

راست، قايسى كۈنى بۇ بازاردىن ئۆتۈپ قالدىم. ” بالام، ئوسما ئېلىۋېلىڭ. ئانىڭىزغا، ئاچا-سىڭىللىرىڭىزغا، ئايالىڭىزغا بىر باغلام ئالغاش كىتىڭ. بارىدا ئۇلارنى خۇشال قىىۋېلىڭ.” دېگەن ئاۋاز قولىقىمغا كىرىپ قالدى. كۆزۈم چىھرىدە سەدەپتەك كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان پەرىشتە سۈپەت بىر مومايغا تاشلاندى. موماي چاچىلىرىنى ھەرخىل رەڭدە بويىۋالغان، ئۇرۇقلاپ ئاپتاپقا تاشلىۋېتىلگەن تاۋۇز شاپاقىدىكەك بوپ قالغان بىر يىگىتكە گەپ قىلىۋاتاتتى.

” نېمە قىلىدۇ دەيمە بۇ خەخ يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىۋېلىپ، قەلەندەرلەردەك ھەممە ئادەمگە پۇتلىشىپلا يۈرۈپ. ئۆتەپ بېرىڭە بىر ياقىغا. ”

موماي يىگىتكە ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ” نېمانچە قوپال تىگىدۇ ئانىسىدەك ئادەمگە؟ نەدە چوڭ بولغان نېمە بۇ؟ ” دەپ ئويلاۋاتاتتى ياندا قاراپ تۇرغان بىر سايە. موماي سايىنىڭ كۆڭلىدىكىنى تۇيۇپ قالدى بولغاي، كۈلۈمسىرگىنىچە ئۆزىگە سۆزلەپ قويدى : ” نېمقوق، كىچىك بالا ئەمەسمۇ. چوڭ بولغاندا چۈشىنەر. يوقىدا قەدرىگە يىتەر. ياراتقۇچى راھمان تائالا ئۆزى ياش ئوغۇلچاقلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن. ”

” موما، ئوسمىنى قانچە پۇل ساتىڭىز؟ ” كىمدۇر بىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاۋاز شۇنچىلىك پەس ئىدىكى، ئادەمنىڭ ئىختىيارسسىز” كىم ئۇ ئەرشى-ئالادا تۇرۇپ سۆزلەۋاتقان؟ ” دېگۈسى كىلەتتى تېخىمۇ پەس ئاۋازدا. موماينىڭ يېرىق-يېرىق قورۇق چۈشكەن، ئەمما نۇر تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان يۈزى پەستە قاراپ تۇرغان مۆلدۈردەك كۆزلەر بىلەن ئۇچراشتى.

” ۋۇدان، ۋۇدان تاتلىقلىقىنى. بىر باغلىمىنى بىر كوي بەردىم.سىزدىن پۇل ئالمايمەن بولدى، موندىكىم. ھە راست،  كىمنىڭ قىزى سىز؟ ”

” تاتلىق ئاتام بىلەن ئانامنىڭ. ”

” ئانىڭىز كۆرەنمەيدۇ، يالغۇز كەلگەن ئوخشىمامسىز؟ ”

” ئانام ئۆيدە ئالدىراش. ھەدىلىرىم، دوستلىرىمغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىدۇ.”

” ئوسمىنى ئانىڭىزغا سېتىۋالىسىز دەڭە. قىزىم، مەڭ ئېلىڭ. بۇ ئوسمىلارنى ھەممىسىنى ئانىڭىزغا ئېلىپ كىتىڭ. ”

” موما، بۇنداق قىلسام بولمايدۇ. ئانام خاپا بولۇپ قالىدۇ. ”

” خاپا بوپ قالمايدۇ قىزىم، ئېلىڭ. ئانىڭىزغا سېغىنىپ سالام دەڭ. ”

قارىماققا 14 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان، بېشىغا ئەتلەس ياغلىق، ئۇچىسىغا ئەتلەس كۆينەك كىيىۋالغان، ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولغان بۇ قىز مومايغا رەھمەت ئېيتىپ، ئوسمىنى ھىدلىغىنىچە بازاردىن ئايرىلدى. موماي بىر يىللىق سودىسىنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرگەن چوڭ سودىگەردەك يەرگە سېلىنغان يايمىسى- كىچىك ياغلىقىنى يىغۇشتۇردى.

موماي ئۆيى تامام كىتىۋاتاتتى. نىمىشقىدۇر يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە شامالدا ئازراق لەپىلدەپ تۇرغان ئاق خەسە ئۇنىڭ دىققىتى تارتتى. تۆمۈر جانىۋارلار يولنى بىر ئالغان بولۇپ، موماي بىر ئالدىغا، بىر كەينىگە مېڭىپ يۈرۈپ مىڭ بىر جاپادا يولنىڭ قارشىسىغا ئۆتتى. ” نېمىگە ئالدىرايدىغان بولغۇيتتى بۇ كىشىلەر. قائىدە-تۈزۈم ئىنسانىيلىق ۋە ئەخلاقنىڭ ئورنىنى ئېلىپ بولالمىدىغۇ ئاخىر ” دەپ كايىپ قويدى موماي ئۆزىگە.

سايىدا كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرغان خېزىر سۈپەت بوۋاي موماينىڭ خەسىلەرنى كۆرىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.

“ئۆلۈمنىڭ ھىدى كىلىۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟ ”

” ئۆلۈپ كىتىمىزغۇ ئاخىر. ” موماي ناھايىتى تىمەن كۆرىنەتتى.

” راست دەيلا. تۇغىلىشىمىزدىلا ئۆلۈمنىڭ تىۋىشى بار. ئەمما ئۆلمەيدىغاندەك ياشاپ كېلىۋاتىمىز. ”

” ئۇنى بىر دىمىسلە. بۇنى قانچە پۇلغا ساتتىلا؟ ”

” 50 كويلا بەسىلە بولىدۇ.”

” ئالسىلا ما 100 كوينى. ئاشقىنىنى ياندۇرمىسىلا. ” موماي ئۆزىگە توغرا كەلگۈدەك بىر كېپەنلىك سېتىۋالغان ئىدى. موماي باشقىچە خۇشال كۆرىنەتتى.

” ئارتۇق ئالسام بولمايدۇ. ئاشقىنىنى ئالسىلا. ” بوۋاي ئوڭايسىزلانغىنىچە پۇلنى تۇتۇپ قاراپ قالغان ئىدى.

” بۇ مېنىڭ كۆڭلۈم، كەمپىرلىرىگە ياخشىراق ياغلىق ئېلىپ بىرەلا. ” موماي شۇنداق دىگىنىچە كېينگە ئۆرۈلۈپ كىتىپ قالدى.

بوۋاينىڭ يېقىندىن بۇيان سودىسى ناھايىتى كاسات ئىدى.كىشىلەر بوۋاينىڭ يايمىسى يېنىدىن مەنسىتمەسلىك بىلەن ئۆتۈپ كىتەتتى. مانا ئەمدى بولسا بىر پەرشىتە سۈپەت موماي ئۇنىڭغا شۇنداق سېخىيلىك قىلىۋاتاتتى. ئۆلۈمى ئۇنى سېخى-مەرد بولۇشقا ئۈندەۋاتقان بولسا كېرەك.

” ئانا قايتىپ كەلدىلىما؟ ” بىر نەچچە بالا  ئىشىكتىن  روھلۇق كىرىپ كەلگەن ئانىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى.

” ئانا بۇ نېمە؟ كىپەنلىك سېتىۋاپلىغۇ؟ ” قارىماققا 18 ياش ئەتراپىدا كۆرىنىدىغان چوڭ ئوغلىدى سورىدى خاپا بولغان تەلەپپۇزدا.

” ھەئە، بالام. بۈگۈن قەبرەمنى شۇنداق كەڭرى كولىۋالدىم. شۇڭا سېتىۋالدىم. ” موماي باللىرى ئەكەلگەن سۇدا تەرەت ئېلىشقا تەمشىلىۋاتاتتى.

” ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلمىسىلا ئانا. ئەمدى 45 نىڭ قارىسىنى ئالغان تۇرسىلا سېلى. نەدە يوق ئىشىنى قىلىپ ئولتۇرىدىكەنلا. ”

” قوزىلىرىم، ئۆلۈم ھەممە ئادەمگە بار. قاچان كىلىشىنى بىلەلمەيمىز. شۇڭا ھەر ۋاقىت قەبرە كولاشقا، كېپەنلىك تەييارلاپ تۇرۇشقا مەجبۇرمىز. ھەممە ئادەم قەبرە قازغۇچى. ھەر ئادەم ئۆز جەسىتى ئۈچۈن قەبرە كولايدۇ. پەقەت ھەر بىرىنىڭ قېزىپ چىققان قەبرىسىلا ئوخشىمايدۇ.”

“سېلى ئادەم ئۆلۈپ كەتسە جەسەت كىرەكسىز، ئۇ ئاخىر بىر ئۇچۇم تۇپراق دەيتتىلىغۇ دائىم. ”

” شۇنداق بالام. جان تەندىن ئاجرىسا تەن پەقەت بىر كېرەكسىز جەسەت.  تېخىمۇ ياخشى ياشىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزگە ھەركۈنى قەبرە قېزىشقا مەجبۇرمىز. ئۆلۈمگە ئورۇن يوق قەلىبنى كىر باسىدۇ،ئۇنىڭدىكى ئىنسانىيلىك ئۆلىدۇ. جاننىڭ تەندىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان، لېكىن يەرلىككە جەسەت بىلەن قويۇلمايدىغاننى ئويلىمايدىغان ئىنساننى غەپلەت باسىدۇ. غەپلەت ئىچىدە يەتكۈچە ياشىدۇق، باللىرىم. ” موماي بالىلىرىغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ بىردەم چۈشەندۈردى ۋە چۆگۈننى كۆتۈرگىنىچە تەرەت ئېلىش ئۈچۈن ماڭدى.

بازار شۇنچىلىك قايناپ كەتتىكى، قەبرىسىز قالغان جەسەتلەر گۆر سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا كىرىپ قالامدىكىن، جېنى چىقىپ كەتكەن قۇرۇق ئۇستىخانلار كېپەنلىك ئىزدەپ كىرىپ قالامدىكىن دەپ قالىدۇ ئادەم.

لېكىن بازاردا شۇنداق سۆيۈملىك كىشىلىرىمىز بار. ئۇلار ئوسما ساتىدۇ، ئوسما سېتىۋالىدۇ، كېپەنلىك ساتىدۇ. ئۆزى ئۈچۈن قەبرە كولايدۇ. تەندىن قاچقان جانلارنى ئەسلى ئورنىغا قايتۇرماقچى بولىدۇ. ئۇلار شۇنچىلىك ئەپۇچان، ئاجايىپ ئاقكۆڭۈل. ئەمما ئۆزى ئۈچۈن قەبرە كولاشنى، تەندىن راھەتلىنىپ ئايرىلىدىغان جانلىرى ئۈچۈن چەكسىز بىر دۇينا بەرپا قىلىشنى ھەر ۋاقىت ئەسلەپ تۇرىدۇ.

 

تاققۇ-تۇققىدا: تىۋىش بلوگى يازغۇچىسى

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72