9- باب: ئۆلۈم

 

9- باب: ئۆلۈم

 

ئەتىسى ئەتىگەن. ئېيياش تاپىنىنىڭ ئاستىدا مىدىرلاۋاتقان يىلاننى سەزگەن ۋاقىتتا يالاڭ ئاياق ئانىسىنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان ئىدى.  ئېيياش ۋارقىراپ كەتتى. يىلان ئۇنىڭ ئوشۇقىنى چېقىۋالغان ئىدى. دادىسى ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن ۋاقىتتا ئېيياش ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، پۇتلىرى ئىششىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار قەبىلىدىكى ئەڭ تىز يۈگۈرەيدىغان 14 ياشلىق بىر يىگىتنى  رىچېلنى چاقىرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى.

پەنتەنېلنىڭ بۇلار تۇرۇۋاتقان يەردە 4 خىل زاھەرلىك يىلان بار بولۇپ، رىچېل يىلان چېقىۋالغانغا ئىشلىتىدىغان دورىلارنى يېنىدا ئېلىپ يۈرەتتى. ئاخىرقى قېتىم كورۇمباغا بارغاندا رىچېل بۇ قىزنى چېقىۋالغان يىلاننىڭ زەھىرىنى داۋالايدىغان دورىنى تاپالمىغان ئىدى.

ئېيياش ئۇرۇق ھەم ۋىجىكلا كەلگەن بىر قىز ئىدى. دورا بولمىسا ئۇ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ يىگىتلەرگە ئەگىشىپ ئېيياش تەرەپكە ماڭغاچ خۇداغا دۇئا قىلدى.

 

بىر توپ ئىندىيانلار نېيت بىلەن جەۋىينى كەنتكە ئېلىپ كەلدى. ئىندىيانلار باشلىقى ئۇ ئىككىسى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان ئىدى. ئۇلار كەنتكە يېتىپ كەلگەندە قەبىلە باشلىقىنىڭ ئايالى ئەتىگەنلىك ناشتا تەييارلاۋاتقان ئىدى. ئۇلار ئەتىگەنلىك تاماق يېگەن ۋاقىتتا جەۋىي بىلەن قەبىلە باشلىقى بىرنېمىلەرنى دېيىشتى. بىر نەچچە ئېغىز گەپتىن كىيىن جەۋىي ئارىدا بولۇنۇپ ئۆتكەن پاراڭلارنى ئىنگلىزچىگە ئۆرىدى.

نېيت رىچېل تۇرۇۋاتقان بۇ كەنتكە نەزەر تاشلىغاچ جەۋىينىڭ گېپىنى تىڭشاۋاتاتتى.

قەبىلە باشلىقى رىچېلنىڭ ھازىر كەنتتە ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ قوشنا كەنتكە يىلان چېقىۋالغان بىر بالىغا قاراش ئۈچۈن كەتكەنلىكىنى، قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇقمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

” ئۇ بىزنى بۈگۈن كەچتە كەنتتە قونۇپ قېلىڭلار دەۋاتىدۇ، ” دېدى جەۋىي.

نېيت سۈنئىي ھەمراھ تېلېڧۇنىنى ئېلىۋالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. ئۇ جوش بىلەن بىر ھەپتىدەك كۆرۈشمىگەن ئىدى. جوش ئۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

 

ئادۇكات ۋالدېر سىتەڧورد ئەپەندىدىن كەلگەن تېلېڧۇننى ئالدى.

” بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان نېيت ئوۋرايلىي ئەپەندى تېلېڧۇن قىلمىدى، ”  دېدى سىتەڧورد.

” بىز تەرەپتە بۇ بىر نەچچە كۈندىن قاتتىق بوران چىقتى، شۇڭىمىكىن. “

” سىز تاپقان بالا سىزگە تېلېڧۇن قىلمىدىمۇ؟ “

” ياق تېلېڧۇن قىلمىدى. يول باشلىغۇچى ناھايىتى قابىل بالا، كىمىمۇ بەك ياخشى. مېنىڭچە ئۇلار ھازىر بىرگە. ئۇلارغا چوقۇم ھېچ ئىش بولمايدۇ. “

ئۇلار ۋالدېر كىمىدىن بىرەر خەۋەر كەلگەن ھامانلا سىتەڧوردقا تېلېڧۇن قىلىدىغان بولۇپ تېلېڧۇننى قويۇشتى. ۋالدېر دېرىزە قېشىغا كېلىپ كورۇمبانىڭ قايناق كوچىلىرىغا قارىدى. پەنتەنېلغا بارغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قايتا قايتىپ چىقمىغانلىقى ھەققىدە كۆپ ھېكايىلەر بار ئىدى. جەۋىينىڭ دادىسى 30 يىل پاراخوت باشلىقى بولغان، لېكىن ئۇ تالاپەتكە ئۇچۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتىمۇ تېپىلمىغان ئىدى.

ۋېلىي بىر سائەتتىن كېيىن ۋالدېرنىڭ ئىشخانىسى تاپتى. ۋالدېر ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان ئىدى.

” سىز كىم بولىسىز؟ ” سورىدى ۋالدېر.

” ئىسمىم ۋېلىي. جەۋىي سەنتا لورانى ھەيدەشكە ياللىغان بالا بولىمەن. “

” جەۋىي ئۆزى نەدە؟ “

” ئۇ ھېلىغىچە پەنتەنېلدا. . جەۋىي بىلەن ئوۋرايلىي كىچىك قولۋاقتا ئىندىيانلارنى تېپىش ئۈچۈن كەتكەن. سەنتا لورا چۆكۈپ كەتتى. “

” بۇ قاچانقى ئىش؟ “

” بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىكى ئىش. مەن سەنتا لورانىڭ يېنىدا قېپقالغان. بەك قاتتىق بوران چىقىپ كېمە يېرىم كېچە بولغاندا ئۆرىلىپ كەتتى. مېنى كېيىنرەك بىر كىچىك قولۋاقتىكىلەر سۈزىۋالدى. “

” جەۋىي بوران چىققان ۋاقىتتا نەدە ئىدى؟ ” سورىدى ۋالدېر.

” كابىسكا دەرياسىدا مېڭىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. مەن ئۇلاردىن ئەنسىرەۋاتىمەن. “

ۋالدېر ئىشخانىسىغا قايتىپ ئىشىكنى ياپتى ۋە دېرىزىنىڭ يېنىغا كەلدى. سىتەڧورد ئەپەندى بۇ يەردىن 3 مىڭ كىلومېتىر يىراقتا. جەۋىي كىچىك قولۋاقتا ئامان-ئېسەن بولۇشى مۇمكىن، يەنە ئازراق ساقلاپ باقاي، بەلكىم جەۋىي كورۇمباغا قايتىپ كېلەر. ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ سىتەڧورد ئەپەندىگە بىر نەچچە كۈن تېلېڧۇن قىلماي تۇرۇشنى قارار قىلدى.

 

كەچلىك تاماق ۋاقتىدا نېيت يىلان چېقىۋالغان ھېلىقى قىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتى. بىر كىشى بۇ خەۋەرنى قەبىلە باشلىقىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. بۇ خەۋەر كەنتكە تىزلا تارقالغان ئىدى.

رىچېل ئىندىيان ياردەمچىسى لاكو بىلەن كەنتكە كىرىپ كەلدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇشۇپ ئۇلارغا قارىشىپ تۇرغان ئىدى. ئۇ كەپىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇلار باشلىرىنى ئىگىشەتتى . رىچېل قەبىلە باشلىقىغا بىر نېمە دېمەكچى بولۇپ كۈلۈمسىرىگىنىچە خېلى ئۇزۇن قاراپ تۇردى، ئاندىن كەپىسىگە كىرىپ كەتتى. ئۇ ھەم چارچىغان، ھەم ئازابلانغان بولۇپ، ئۆيىگە قايتقۇسى كەلگەن ئىدى.

لاكو نېيت بىلەن جەۋىينى كۈن ئولتۇراي دېگەندە ئىزدەپ كەلدى ۋە نېيتنى ئېلىپ رىچېلنىڭ كەپىسىگە قاراپ ماڭدى. رىچېل ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.

” ئۇ كىچىك قىزنىڭ ئىشىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، ” دېدى نېيت.

” ئۇ ياراتقۇچىنىڭ يېنىغا كەتتى. ”  رىچېل سىرتتا ئولتۇردى. لاكو دەرەخ ئاستىدا قاراپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، قاراڭغۇدا ئۇنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى. ” مەن سىزنى ئۆينىڭ ئىچىگە تەكلىپ قىلالمايمەن. ھازىرقىدەك كەچ بوپ قالغان ۋاقىتتا توي قىلىپ بولغان كىشىلەرلا ئۆيىدە تۇرسا بولىدۇ. “

” بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشىغا قانچىلىك ۋاقىتتا كۆندىڭىز؟ ” سورىدى نېيت.

” بىر نەچچە يىل كەتتى.  ئالدىنقى ئۈچ يىل ئۆينى شۇنداق سېغىنغان ئىدىم. ئۆيدە بولسام ماشىنا ھەيدىيەلەيتتىم؛ پىسا قاتلىمىسى يېگىلى، كىنو كۆرگىلى بارالايتتىم. لېكىن نېمىلا بولمىسۇن بۇنداق مۇھىتقىمۇ كۆنۈپ قالىدىكەنسىز. مەن 14 ياش ۋاقتىمدا خىرىستىيان مۇرتى بولدۇم، ھەم خۇدانىڭ مېنىڭ بىر مىسسىيونېر بولۇشۇمنى خالايدىغانلىقىنى بىلەتتىم.  مەن خۇداغا تولۇق ئىشىنەتتىم. “

” تروي توغرىلىق پاراڭلاشساق بۇلامدۇ؟ ” ئۇلارنىڭ سايىلىرى كىچىكلەۋاتاتتى. ئۇلار بىر-بىرىدىن 3 مېتىر يىراقلىقتا ئولتۇرغان بولۇپ، بىر-بىرىنى كۆرەلەيتتى. لېكىن چۈشۈۋاتقان كېچە ئۇلارنى تىزلا ئايرىپ تاشلايتتى.

” ئەگەر پاراڭلاشمىساق بولمايدۇ دېسىڭىز، ” دېدى رىچېل. ئۇنىڭ ئاۋازىدىن بىر خىل ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى.

” تروينىڭ بىز بىلسەك 3 ئايالى ۋە 6 بالىسى بار ئىدى. سىزنى بىلگەن ۋاقتىمىزدا ئەلۋەتتە ھەيران قېلىشتۇق. تروي باشقا 6 بالىسىنى ياخشى كۆرمەيتتى. ئۇلارغا  قەرزلىرىنى تۆلەشكە يەتكۈدەك مىراس قالدۇرۇپ قويدى.  باشقا ھەممە نەرسىلىرىنى سىزگە قالدۇردى. “

” 20 يىلدىن بۇيان تروينى كۆرۈپ باقمىغان تۇرسام. “

” بۇ مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى ئۇ بىساتىنىڭ ھەممىنى سىزگە قالدۇردى. مانا بۇ ۋەسىيەتنامە. “

” بۇنى كۆرگۈم يوق. “

” بۇ يەردە باشقا بىر نەچچە پارچە سىز ئىمزا قويىدىغان ھۆججەتلەرمۇ بار. ئەتە ئەتىگەن قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن مەن قايتىپ كېلتەلەيمەن. “

” قانداق ھۆججەت ئۇ؟ “

” قانۇنىي ھۆججەتلەر، ھەممىسى سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىزنى چىقىش قىلغان. “

” سىز مېنىڭ مەنپەئەتىمنى ئويلاشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ” ئۇنىڭ ئاۋازى جىددىي تۈسكە كىردى،” ماڭا نېمە لازىم، مەن نېمە ئويلايمەن، سىز بۇلارنى چۈشەنمەيسىز. سىز مېنى ئازراقمۇ چۈشەنمىسىڭىز، نېيت، بۇنىڭ ماڭا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىسىز؟ “

” توغرا دېدىڭىز. ئەمما بۇ ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ چىقىشىڭىز ۋە ئىمازا قويۇپ بېرىشىڭىز كېرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم.  مىراسخورلارنىڭ ھەممىسى سوتخانىدا ياكى ئۆزى، ۋەياكى خەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋەسىيەتامىنىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتمىسا بولمايدۇ. بۇ قانۇندا تەلەپ قىلىنغان. “

” ئەگەر مەن رەت قىلسامچۇ؟ “

” راست گەپ قىلسام، بۇ ئىشلار بىر قائىدە، ھەممە كىشى بۇنىڭغا ماسلىشىپ بىرىدۇ.  مەن سىزنى بۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلاپ باقمىدىم. “

 رىچېل بىر دەم جىم تۇرغاندىن كېيىن گەپنى باشقا ياققا بۇيرىدى، ” سىز توي قىلغانمۇ؟ ” سورىدى ئۇ.

” ئىككى قېتىم توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن. تۆت بالام بار. ھازىر ئۆزۈم يالغۇز تۇرىمەن. “

” ئاجرىشىش شۇندق ئوڭاي، شۇنداقمۇ؟ توي قىلىمىز، ئارقىدىنلا ئاجرىشىمىز؛ يەنە بىرەرسىنى تېپىپ توي قىلىمىز، ئارقىدىن يەنە ئاجرىشىمىز. يەنە باشقا بىرىنى تاپىمىز… ئىندىيانلار توي قىلغاندىن كېيىن ھەرگىز ئاجرىشىپ كەتمەيدۇ. “

” سىز ھازىرغىچە توي قىلماپسىز-دە؟ ” سورىدى نېيت.

” ياق. ئىلگىرى ئالى مەكتەپتەپتىكى ۋاقتىمدا بىر قېتىم بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ باققان. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغۇم بار ئىدى، لېكىن ياراتقۇچى مېنى ئۇ يەردىن ئېلىپ كەتتى. ياراتقۇچى مېنىڭ بۇيەرگە كېلىشىمنى ئىستىگەن ئىكەن. مەن ياخشى كۆرۈپ قالغان يىگىت ئىخلاسمەن خىرىستىيان ئىدى، ئەمما تىنى بەك ئاجىز ئىدى. ناۋادا ئۇ بۇيەرگە مىسسىيونېر بولۇپ كەلگەن بولسا ئەسلا ھايات قالالمايتتى. “

” بۇ يەردە قانچىلىك تۇرۇشنى ئويلاۋاتىسىز؟ “

” بۇ يەردىن كېتىشنى ئويلىشىپ باقمىدىم. “

” ئىندىيانلار سىزنى مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىۋېتىدىكەن-دە، ئۇنداقتا؟ “

” دۇنيا قەبىلىلەر مىسسىيونېرلار ئۆمىكىنىڭ كۆپىنچە كىشىلىرى پېنسىيەگە چىقىپ ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قايتقۇدەك ئائىلىسى بار. “

” سىز قايتىپ كەتسىڭىزلا نۇرغۇن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز ۋە دوستلىرىڭىز بولىدۇ. سىزنى ئۇلار ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. “

” ئاشۇنداق بولغاچقا مەن بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشنى ئىستەيمەن. پۇل مەن ئۈچۈن بەرىبىر. سىز ياشاۋاتقان يەرلەردە ھەممە نەرسىنىڭ قىممىتى پۇل بىلەن ئۆلچىلىنىدۇ. كىشىلەر قاچانلا قارىسىڭىز نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىشىدۇ، باشقىلارنى قايىل قىلماقچى بولىشىدۇ. بۇلار نېمە دېگەن ئازابلىنارلىق كۆرۈنۈشلەر-ھە! ھېس قىلىپ تۇرۇۋاتىمەن، نىيت، سىز ناھايىتى يالغۇزلۇق ھېس قىلىسىز. سىز ياراتقۇچىنى بىلمەيسىز. “

” مەن ياراتقۇچىغا ئىشىنىمەن،” دېدى نېيت، ” راست ئىشىنىمەن، ئەمما بۇ ئىشەنچىم ناھايىتى ئاجىز. “

” ئېغىزدا دېمەك ھەقىقەت ئاسان، ” دېدى رىچېل. ئۇنىڭ گەپلىرى يەنىلا بىر خىل سىلىق-سىپايە ۋە ئاستا ئىدى،” ئىمان ئېيتتىم دېيىش باشقا ئىش. ئۆزى ئىمان ئېيتقان ئەقىدە ئىچرە ياشاش باشقا بىر ئىش. دەرەخنىڭ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان يىگىت لاكونى مىسالغا ئالسام، ئۆزى كىچىكتەك كۆرۈنگەن بىلەن 17 ياشقا كىردى، ئۇ دائىم ئاغرىپ قالاتتى. لېكىن ئۆزىنى ئازراقمۇ ئاسىرمايتتى. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇ خىرىستىيان بولغاندىن بۇيان ھەر كۈنى ياراتقۇچىغا دۇئا قىلىدۇ. مانا ھازىر ئۇنىڭ ئەنسىرەيدىغان، قورقىدىغان ھېچنېمىسى يوق. ئەگەر ئۇ بىرەر مەسىلىگە يولۇقسا ئۇدۇللا  ياراتقۇچىغا يۈزلىنىدۇ، ھەممىنى خۇداغا قويىدۇ. بۇ كىچىك ئىندىياننىڭ دۇنيادا ھېچنېمىسى يوق، لېكىن ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. لاكو روھىيتى ئىنتايىن باي بىر بالا. “

رىچېل نېيتنىڭ بىلىكىنى ئاستا تۇتتى ۋە دېدى، ” سىز ياخشى بىر ئادەم ئىكەنسىز، شۇنداقمۇ نېيت؟ “

” ياق. مەن ياخشى ئادەم ئەمەس. نۇرغۇن يامان ئىشلارنى قىلغان مەن. مەن بەك ئاجىز ئادەم، بۇ توغرىلىق پاراڭلاشقۇم يوق.  مەن بۇ يەرگە تەڭرىنى ئىزدەپ كەلمىگەن. سىزنى تاپماقمۇ ناھايىتى تەسكە توختىدى. قانۇن مەندىن بۇ ھۆججەتلەرنى سىزگە بىرىشىمنى تەلەپ قىلغاچقا بۇيەرگە كەلگەن مەن. “

” ماڭا ئۇ پۇللارنىڭ لازىمى يوق. مەن بۇ نەرسىلەرگە ئىمزا قويمايمەن. بۇ يەرگە بىكارغا كەلدىڭىز، ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ قويغانلىقىمنى كەچۈرۈڭ. “

لاكو بىرنېمىلەرنى دېدى.

” ئۇ كەپىسىگە قايتماقچىكەن، ” دېدى رىچېل ئورنىدىن تۇرغاچ، ” ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىڭ. “

نېيت ئاستا ئورنىدىن تۇردى. ” مەن ئەتە ماڭايمىكىن دەيمەن، ” دېدى ئۇ.

” بولىدۇ. مەن قەبىلە باشلىقى بىلەن سۆزلىشىپ باقاي. “

” يېرىم سائەت ۋاقتىڭىزنى چىقارسىڭىز، ۋەسىيەتنامىنىڭ كۆپەيتمىسىنى كۆرۈپ چىقسىڭىز بۇلاتتى.”

” خەيرىلىك كەچ. بۇنى ئەتە دېيىشەيلى. “

 

 

جوش باش سوتچى ۋىكىلىڧ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا تروي ڧىلەن ۋەسىيەتنامىگە ئىمزا قويغاندىكى سىنئالغۇ لېنتىسىنى كۆرسەتتى. لېنتىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئۇلار گەپ قىلماي كۆرۈشتى. سىنئالغۇ لېنتا قېرى تروينىڭ چاقلىق ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ،  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇنى تەكشۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشتىن تارتىپ باشلاندى. تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇتەخەسسىسلەر ڧىلەن ئەپەندىنىڭ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدىغانلىقىغا قوشۇلدى. ۋىكىلىڧ كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى.

ئۆيدىكى ئادەملەر چىقىپ كېتىشتى. ترويغا توغرىلانغان كامېرا ئۇچۇق ئىدى. تروي ئىككىنچى ۋەسىيەتنامىنى چىقاردى ۋە تەكشۈرۈپ ئاخىرلىشىپ 4 مىنۇتتىن كېيىن ئىمزا قويدى.

” بۇ دەۋانى قانداق ھەل قىلىمىز؟ ” سورىدى ۋىكىلىڧ. بۇ بىر جاۋابى يوق سوئال ئىدى. رەكس بىلەن لايبىجېيىل ۋەسىيەتنامە توغرىلىق تالاش-تارتىشقا چۈشكەن ئىدى. باشقا مىراسخورلارمۇ تىزلا لېنتىسىدىن قىلاتتى.

” ئۇ بىرىنچى قېتىم بىر  ۋەسىيەتنامىگە ئىمزا قويغانغۇ” ” دېدى ۋىكىلىڧ.

” توري بۇنىڭغا ئىمزا قويمىغان. “

” لېكىن بۇ سىنئالغۇ لېنتىسىدىن ئۇنىڭ ئىمزا قويغانلىقىنى كۆردۈم. “

” ئۇ ئىمزا قويمىغان. بەلكى كىچىك چاچقان (Mickey Mouse) نىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويغان. 1982- يىلىدىن 1996- يىلغىچە مەن ئۇنىڭغا جەمئىي 11 پارچە ۋەسىيەتنامە تەييارلاپ بەردىم. قانۇندا ‘ ھەرقانداق يېڭى ۋەسىيەتنامە بىلەن باشقا كونا ۋەسىيەتنامىلەر كۈچتىن قالىدۇ. ‘ دېيىلگەن.

ئۇ ھەر قېتىم يېڭى ۋەسىيەتنامىگە ئىمزا قويغاندا، مەن ۋە ڧىلەن ئەپەندى كونىسى كۆيدۈرۈپ ماڭاتتۇق. ئۇ بۇنداق قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى. بىرنەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن بالىلىرى ئۇنىڭ ئاچقىنىنى كەلتۈرۈپ قوياتتى-دە، باشقا ۋەسىيەتنامە يېزىش توغرىلىق سۆزلەشكە باشلايتتى. ئەگەر مىراسخورلار قولدا يېزىلغان بۇ ۋەسىيەتنامە ئۇ روھىي تەرەپتىن بىنورمال ۋاقىتتا ئىمزا قويغان دەپ ئىسپاتلىيالىسا، ئۇ ۋاقىتتا باشقا ھەرقانداق ۋەسىيەتنامە كۈچتىن قالىدۇ. تروينىڭ مىراسى ھەممە بالىلىرىغا تەڭ بۆلۈپ بېرىلىدۇ. “

” ئۇ نېمىشقا 1 مىليارد بىر يۈز مىليون پۇلنى نىكاھسىز بولغان بىر مىسسىيونېرغا قالدۇرىدىغاندۇ؟ بۇ ماڭا بەك غەلىتە بىلىنىۋاتىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ سىز ڧىلەننى ئالجىغان ساراڭ دەپ ئويلامسىز؟ “

” ھەرگىز ئۇنداق دەپ قارىمايمەن. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. “

” ئاشۇ قىزنى تېپىپ چىقىڭلار، جوش.”

” ئىزدەۋاتىمىز. “

 

ئەتىسى ئەتىگەن رىچېل قەبىلە باشلىقى بىلەن سۆزلەشتى.

” ئۇ قاتتىق يامغۇر يامغۇر ياغىدىغاندەك قىلىدۇ دەيدۇ، ”  ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رىچېل نېيتقا دېدى،” سىز كەتسىڭىز بولىدىكەن. لېكىن قەبىلە باشلىقى يول باشلىغۇچى ئەۋەتمەيدىكەن. بۇنداق قىلىش بەك خەتەرلىك دەيدۇ. “

” يول باشلىغۇچى بولمىسا بىز قايتالارمىزمۇ؟ “

” بۇنداق قىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. ئېقىنلار ھەممىسى قوشۇلۇپ كەتكەن، ئاسانلا ئېزىپ قالىسىلەر. يامغۇرلۇق مەزگىللەردە ھەتتا ئايپىكىسلارمۇ (Ipicas) ئادەملىرىنى يوقىتىپ قويىدۇ.”

” مەن كەتمىسەم بولمايدۇ. ” دېدى نېيت،” ھېلىمۇ شۇنداق ئۇزاق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. بىز پاراڭلاشمىساق بولمايدۇ. “

” مەن قوشنا كەنتكە ھېلىقى قىزنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا بېرىشىم كېرەك. خالىسىڭىز مەن بىلەن بىرگە بېرىڭ. يولدا ماڭغاچ پاراڭلىشايلى.”

لاكو يول باشلاپ ماڭدى. رىچېل ۋە نىيت ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. نېيت رىچېلنى پۇلنى ئېلىشقا كۆندۈرمەكچى ئىدى.

” كۆپ پۇلىڭىز بولسا كۆپلىگەن دورا سېتىۋالالايسىز، ئىشكاپلىرىڭىزدا قانداق دورا خالىسىڭىز شۇ دورا بار بولىدۇ؛ كورۇمباغا بارىدىغانغا ياخشىراق كىچىك بىر كېمە سېتىۋالالايسىز. بۇ پۇللار بىلەن بىر مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا قۇرۇپ پۈتۈن پەنتەنېلغا خىرىستىيان دىنىنى تارقىتالايسىز. “

رىچېل تاققىدە توختاپ ئارقىسىغا بۇرۇلدى، ” بۇ پۇللارنى مەن تاپمىغان، ھەم بۇ پۇللارنى تاپقان ئادەمنىمۇ تونۇمايمەن. ئەمدى بۇ گەپلەرنى قىلمىسىڭىز، بولامدۇ؟ “

” پۇللارنى باشقىلارغا بېرىۋەتسىڭىز، ھەممىسىنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. “

” بۇنداق قىلىدىغانغا بۇ مېنىڭ پۇللىرىم ئەمەس. “

” بۇ پۇللار بىكارغا كېتىدۇ. بىر نەچچە مىليوننى ئادۇكاتلار ئالىدۇ. قالغانلىرىنى سىزنىڭ ئاچا-سىڭىل، ئاكا-ئۇكىلىرىڭىز ئالىدۇ. ماڭا ئىشىنىڭ، ئۇ كىشىلەر بۇ مىراسقا ئېرىشسە نۇرغۇنلىغان بەختسىزلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. سىز بۇنداق بولۇشىنى خالىمايسىز. “

رىچېل ئۇنىڭ قولىدىن تۇتتى ۋە ئاستا دېدى، ” مېنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن كارىم يوق. مەن ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويىمەن. “

ئۇلار كىچىك بىر ئېقىننىڭ بويىدا دەم ئېلىش ئۈچۈن بىر نەچچە مىنۇت توختىدى.

” تۈنۈگۈن ئاخشام مەن بەك ئاجىز ئادەم دېگەنتىڭىز، ” دېدى رىچېل،” بۇنى تازا چۈشىنەلمىگەنتىم. “

” مەن بىر ھاراقكەش، ” دېدى نېيت، ” تۆت قېتىم ھاراق تاشلىماقچى بولدۇم. مېنىڭ پۇلۇممۇ يوق. باج تاپشۇرمىغاچقا ھۆكۈمەتمۇ مېنى ئىزدەپ تۇرىدۇ، بەلكىم تۈرمىدە يېتىشىم، شوپۇرلۇق كىنىشكەمدىن قۇرۇق قېلىشىم ھەم قانۇنغا رىئايە قىلالمايدىغان بولۇپ قېلىشىممۇ مۇمكىن. سىزگە ئىككى قېتىم ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىمنى دەپ بەرگەن. ئىككىلى ئايالىم مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئۇلار بالىلىرىمغىمۇ مېنى يامان كۆرسىتىپ بولۇشتى. ئۆزۈمگە ئۆزۈم قىلغان ئادەممەن. “

” بۇنىڭدىن باشقىچۇ؟ ” سورىدى رىچېل.

” يەنە بار، مەن ئاز دېگەندىمۇ ئىككى قېتىم ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان. بىر قېتىم 8- ئايدا. يەنە بىر قېتىم بولسا بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى كورۇمبادا ئەرزان باھالىق ۋوتكا ئىچىپ مەست بولۇپ ئۆلگىلى تاسلا قالدىم. “

” ھەي بەك بىچارىكەنسىز. “

” توغرا، مەندە مۇشۇنداق كېسەل بار. مەن بىر گۇناھكار ئادەم، بۇنىڭغا تەن ئالىمەن. “

” ئىلگىرى بېرەر قېتىم بولسىمۇ ياراتقۇچى ئالدىدا گۇناھلىرىڭىزغا توۋا قىلىپ باققانمىدىڭىز؟ سىز ياراتقۇچىدىن تىلىمىسىڭىز، ياراتقۇچى سىزگە ياردەم بەرمەيدۇ. دۇئا قىلىپ ياراتقۇچىدىن كەچۈرۈم سوراڭ. ئۇ بارلىق گۇناھلىرىڭىزنى كەچۈرۋېتىدۇ. ئاندىن سىز قايتىدىن يېڭى خىرىستىيان مۇرتى بولىسىز. “

” مەن قانداق دۇئا قىلىشنى بىلمەيمەن. ” دېدى نېيت.

رىچېل ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى، ” كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ، نېيت. ئاندىن ماڭا ئەگىشىپ بۇ گەپلەرنى دەڭ:

سۆيۈملۈك ياراتقۇچى، مېنىڭ سەۋەنلىكلىرىمنى ئەپۇ قىلغايلا. ماڭا يامانلىق قىلغان ئاشۇ كىشىلەرنى ئەپۇ قىلالىشىمغا ياردەم بەرگەيلا. ھاۋايى-ھەۋەس ۋە يامان خۇمارلاردىن ئۆزۈمنى تارتىشىم ئۈچۈن ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەرسىلە. “

نېيت رىچېلنىڭ سۆزلىرىنى تەكرارلىدى. لېكىن قايمۇقۇپ قالغان ئىدى. دۇئا قىلىش رىچېل ئۈچۈن ئاسانلا بىر ئىش ئىدى.، چۈنكى ئۇ دائىم دۇئا قىلىپ تۇراتتى. ئەمما نېيت ئۈچۈن دۇئا قىلىش ناھايىتى غەيرى بىر ئىش ئىدى.

ئۇلار كۆزىنى ئاچتى، ئەمما بىر-بىرنىڭ قولىنى تۇتۇشىۋالغان ئىدى.  نېيتنىڭ دۇلى يېنىكلەپ قالغان، كاللىسى بىر خىل ئوچۇقلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇ زىممىسىدىكى ئېغىر يۈكلەر يوقاپ كەتكەندەك غەلىتە تۇيغۇغا كەپ قالغان ئىدى. لېكىن ئۇ نۇرغۇن يامان ئىشلارنى قىلغان بولغاچقا، قايسىلىرىنىڭ يوقۇلۇپ، قايسىلىرىنىڭ قېپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتى.  ئۇ ھېلىمۇ رېئال دۇنيادىن بىر خىل ئەندىكىپلا تۇراتتى. پەنتەنېلنىڭ بۇ يىراق يەرلىرىدە  ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدىغان ئانچە كۆپ دۇنيا مەئىشەتلىرى يوق، بۇ يەردە قەيسەر بولماق ناھايىتى ئاسان ئىدى. ئەمما نېيت قايتقاندىن كېيىن ئۇنى نېمىلەر كۈتۈۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلەتتى.

” گۇناھلىرىڭىز ئەپۇ قىلىندى، نېيت، ” دېدى رىچېل، ” بۈگۈن كەچتە يەنە بىر دۇئا قىلايلى. “

” باشقىلارغا قارىغاندا مېنىڭ گۇناھلىرىم كۆپ، كۆپراق دۇئا قىلمىساق بولمامدىكىن. “

” ماڭا ئىشنىڭ، نيېت. ياراتقۇچىغا ئىشىنىڭ، ئۇ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. “

” سىزگە ئىشىنىمەن. لېكىن ياراتقۇچىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن مەن. “

رىچېل ئۇنىڭ قولىنى تېخىمۇ چىڭراق سىقتى. ئۇلار خېلى ئۇزاققىچە سۇغا قاراپ تۇرۇشتى.

” بايامدىن بۇيان دەپنە مۇراسىمى قانداق بۇلار دەپ ئويلاۋاتىمەن، ” دېدى نېيت، ” مېنىڭ ئۆلۈپ قالغان بالىنىڭ جەسىتىنى كۆرگۈم يوق. مەن جەۋىي بىلەن كەنتكە قايتىپ كەتكەچ تۇراي. “

” بولىدۇ. مەن چۈشىنىمەن. “

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72