8- باب: مىسسىيونېرلار ئۆمىكىدە

ئەسكەرتىش: ئەسلى بۇ تەرجىمە كىتاپ ئىزدىنىش مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللانغان ئىدى. لېكىن نېمە سەۋەپتىنكىن ئىزدىنىشتىكى باشقۇرغۇچىلار ماڭا ئۇچۇرمۇ قىلماي ھەم سەۋەبىنىمۇ ئەسكەرتمەي تىمىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپتۇ. ئاخىرى بلوگىمدا داۋاملىق يوللىنىدۇ. ئاخىرىغا قىززىقىدىغانلار بلوگىمغا دىققەت قىلىپ قويغايسىزلەر. بۇ  تەرجىمە كىتاپ  تىۋىش بلوگى يازغۇچىسى، يەنى كەمىنىنىڭ مۇستەققىل تەرجىمە ئەمگىكى. باشقا ھەرقانداق توربەتلەرگە، ئۈندىدار سالۇنلىرىغا كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ. (ئەگەر يوللىماقچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن كەمىنە بىلەن ئالاقە قىلىشىڭىزنى سورايمەن.) 

 

 

8- باب: مىسسىيونېرلار ئۆمىكىدە

 

تروي ڧىلەننى تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ڧلوۋ، زەدېل، سېيشېن قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر ئىشتىن بوشۇتۇلۇپ، يېڭى مۇتەخەسسىسلەر ياللانغان ئىدى. خاك گەدىيس بىرىنچىسىنى بىر سائىتىگە 300 دوللار بېرىدىغان بولۇپ ياللىغان ئىدى.

مىراسخولار ئادۇكاتلارغا بۇنداق يۇقىرى پۇل تۆلىيەلمىگەچكە ئادۇكاتلارمۇ ئۇلارغا ئاخىرى تېگىدىغان مىراستىن پىرسەنت ئالىدىغان بولۇپ كېلىشتى. خاك 40 پىرسەنت ئالىمەن دېدى، لېكىن رەكس گەپ قىلىپ يۈرۈپ ئۇ 25 پىرسەنت ئالىدىغانغا قوشۇلدى. گرىتمۇ مەۋرىي روۋز ڧىلمەن جەكمەننىڭ مىراسىدىن 25  پىرسەن ئالدىغان بولدى.

ۋولىي بىرايت لايبىجېينىڭ مىراسىنىڭ يېرىمىنى ئالىمەن دەپ چىڭ تۇرۇپ يۈرۈپ ھەممىدىن يۇقىرى پىرسەنت ئالىدىغان بولغان ئىدى. مىراسخورلاردىن بىرىمۇ ئادۇكاتلارنىڭ توغرا ئىش قىلىۋاتقان ياكى قىلمايۋاتقانلىقىنى سوراپ قويمىدى. ئۇلار ئادۇكاتلىرىغا ئىشىنەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىراستىن ۋاز كىچىشنى خالىمايتتى.

 

مىراسخورلارنىڭ ئادۇكاتلىرى ئىچىدە خاك ئەڭ يامىنى ئىدى. شۇڭا ئۇ سىنىيدنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. تروي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندىن بۇيان ھېچكىم سىنىيقا دىققەت قىلىپ قويمىغان ئىدى. ۋەسىيەتنامە ئوقۇلغاندا ئۇمۇ سوت زالىدا بولۇپ  كۆزئەينەك تاقىۋالغان، بېشىغا شەپكە كىيىۋالغان ھالدا ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى.

تروي  بالىلىرىنى ياخشى كۆرمىگەچكە سىنىيدمۇ ئۇلارنى  ياخشى كۆرمەيتتى. شۇنچە يىلدىن بۇيان سىنىيد تروينى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەسكىلىكلىرىدىن قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن يامان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ۋاپاغا جاپا دېگەندەك ڧىلەن ئەپەندى ئۇنىڭغا بىر سىنىتمۇ قالدۇرمىغان ئىدى.

ئۆتۈپ كەتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ڧىلەن سىنيدقا سەندىن ئۆزۈم خەۋەر ئالىمەن دەپ تالاي قېتىم ۋەدىلەرنى بەرگەن، لېكىن سىنىيد تروينىڭ بايلىقلىرىنى بىر ئادەمگىلا مىراس قىلىپ قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ۋەسىيەتنامە ھۆجىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىدى. ڧىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ۋاقىتتا ئۆزىگە 1 مىليون دوللار تىگىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا ڧىلەن ئەپەندىدە 3 مىليارد دوللار بار بولۇپ، ئۇ شۇ ۋاقىتتا بىر مىليوننىڭ قانچىلىك كىچىك سان ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.

سىنىيد پات-پات ڧىلەن ئەپەندىدىن مۇشۇ توغرىلىق سوراپ قوياتتى. ئەمما ڧىلەن سىنىيدنى تىللىغىنىچە ئۇنىڭغا ئىشتىن قوغلايدىغانلىقى بىلەن پوپوزا قىلاتتى.

” سەن بالىلىرىمغا ئوخشاشلا يامان نېمىسەن، ” دەيتتى ئۇ بىچارە سىنيدقا.

نېمە ئۈچۈندۇركى مانا ھازىر ئۇنىڭ بىر مىليون دوللىرى نۆل دوللار بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ مۇشۇنىڭغا ئىچى ئاچچىق بولاتتى. ئۇ مۇشۇ سەۋەبتىنلا ئامالسىزلىقتىن دۈشمەن تەرەپكە قېتىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.

سىنىيد خاكنىڭ ئىشخانىسىغا كەلدى. ئىشىك ئالدىدىكى مۇلازىم ئۇنىڭغا گەدىيس ئەپەندىنىڭ بەك ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

” مەنمۇ بەك ئالدىرايمەن، ” دېدى سنىيد قوپال قىلىپ،” بۇ لىپاپىنى ئۇنىڭغا بىرىڭ. بۇ بەك جىددىي. 10 مىنۇت ساقلاپ تۇراي. يەنە ئالدىراش بولسا كېيىنكى ئادۇكاتلار ئىشخانىسىغا بارسام بولىدۇ. “

لىپاپىغا مۇنداق خەت يېزىلغان بىر ۋاراقچە سېلىنغان ئىدى :” مەن تروي ڧىلەننىڭ 30 يىل خىزمىتىدە بولدۇم. مەن ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلىمەن. مالكېم سنىيد. “

خاك بىردەمدىلا ئىشخانىسىدىن چىقىپ، سىنىيدنى چوڭ بىر ئىشخانىغا باشلىدى، ھەم ئىشىكنى چىڭ ياپتى.

” ڧىلەنگە 30 يىل خىزمەتتە بوپسىز، ” سورىدى خاك، ” ئۇ بىنادىن سەكرىۋالغان چاغدا سىزمۇ بارمىدىڭىز؟ سىز ئۇنىڭ ۋەسىيەتنامىگە، مەن دېمەكچى ئاخىرى ۋەسىيەتنامىگە ئىمزا قويغىنىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەنمىدىڭىز؟ “

راست گەپ قىلسا بەرىبىر پايدىسى يوق ئىدى. شۇڭا يالغان سۆزلىسە ئۇنىڭغا نېمە زىيان؟ سىنىيد يالغان ئېيتماقچى بولدى.

” مەن جىق ئىشلارنى كۆرگەن، ” دېدى ئۇ،” ھەم جىق ئىشلارنى بىلىمەن. مەن بۇيەرگە پۇل ئۈچۈنلا كەلدىم. ڧىلەن ئەينى چاغدا مەندىن خەۋەر ئالىدىغانلىقى ۋە ماڭا مىراس قالدۇرۇدىغانلىقى ھەققىدە تالاي ۋەدىلەرنى بەرگەن. لېكىن ۋەدىسىدە تۇرمىدى. “

” تروي تازا نورمال ئەمەسكەندە ئۇنداقتا؟ “

” شۇنداق دېسەكمۇ، دېمىسەكمۇ بولىدۇ. مەن ئۈچۈن بۇ مۇھىم ئەمەس. مېنىڭ بىلىدىغىنىم، تروينىڭ باللىرىنىڭ يەتكۈچە قەرزلىرى بولغاچقا بىر-بىرىدىن مىراس تالىشۋاتىدۇ. شۇڭا بىرەر سوتچى ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بۇ بالىلار كونتروللۇقىنى يوقاتقان بىر توپ ئاچكۆزلەر. ئۇلار بۇ دەۋادا ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىدۇ. سىز ۋە باشقا ئادۇكاتلارمۇ  ۋەسىيەتنامىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن كۈچەيسىلەر، شۇنىڭ بىلەن گېزىتلەرگە بېسىلىدىغان چوڭ بىر دەۋا شەكىللىنىدۇ. سىزدە ھازىرچە جىق ئىسپات يوق، شۇنداقتىمۇ سوتقا چىقىشتىن بۇرۇن بۇ دەۋادا ئۇتۇپ چىقسامكەن دەپ ئويلايسىز. لېكىن سىزنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىڭىز مېنىڭ ڧىلەننىڭ روھىي ئالامىتى ھەققىدە بەرگەن ئۇچۇرۇمغا باغلىق. “

” سىزگە نېمە كېرەك؟ “

” پۇل كېرەك، 5 مىليون. “

” بۇ بەك جىق پۇل، سىنىيد ئەپەندى. “

” بۇ ھېچقانچە پۇل ئەمەس. سىز بەرمىسىڭىز باشقىلار بىرىدۇ. بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەتمەيمەن. “

” خوش، باشقا گۇۋاھچىلارمۇ بارمىدى؟ ” سورىدى خاك.

” ھەئە، بىر ئايال بار، ڧىلەننىڭ ئاخىرقى كاتىپى نىكلەت. ئۇنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. “

” سىز ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشپ كۆردىڭىزمۇ؟ “

” ھەر كۈنى پاراڭلىشىمەن. ھەممىمىز بىر قېيىقتىكى ئادەملەر ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ ئېغىزىنى 5 مىليون دوللار بىلەن ياپقىلى بولىدۇ. “

خاك كۆزىنى يۇمغىنىچە پېشانىسىغا ئۇردى. ” سىزنىڭ 5 مىليون دېگىنىڭىزگە مېنىڭ پىكىرىم يوق. لېكىن مەسىلە بۇ پۇلنى سىزگە قانداق ئېلىپ بېرىش. بۇ ئىشىنى ياخشىراق ئويلىۋالاي. “

” مەن بەك ئالدىراش، ” دېدى سىنىيد، ” سىزگە بىر ھەپتە ۋاقىت بېرەي، شۇچاغدا يەنە بولمايدۇ دېسىڭىز، مەن باشقىلارنى ئىزدەيمەن. “

” بۇ يەردە باشقىلار دېگەن گەپ مەۋجۇت ئەمەس. “

“بۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. “

” رىچېل لېيىن توغرىلىق  خېلى بىلىدىغان ئوخشىمامسىز؟ “

” ئۈجۈرىدىن-بۈجۈرىگىچە بىلىمەن. ” سنىيد شۇنداق دېگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن ئايرىلدى.

 

 

تاڭ يورۇشىغا يېقىن ئېقىننىڭ سۈيى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتىدىغان بولغاچقا  ئۇلار كۈن چىققاندا ئاندىن يولغا چىقتى. ئەتراپتا سۇنىڭ تىز-تىز ئاققان ئاۋازىدىن باشقا ھېچقانداق ئاۋاز يوق ئىدى.

” پەرىزىمچە يولدىن ئادىشىپ قالدۇق، شۇنداقمۇ؟ ” دېدى نېيت.

” ياقەي، قەيەردە ئىكەنلىكىمىزنى ياخشى بىلىمەن مەن. “

” نەدە؟ “

” پەنتەنېلنىڭ ئىچىدە بىز. بۇ ئېقىنلار پارگوراي تەرەپكە ئاقىدۇ. “

جەۋىي ماتورنى ئوت ئالدۇرماقچى بولۇپ ماتورنىڭ تانىسىنى تارتىشقا باشلىدى. بەشىنچى قېتىم تارتقاندا ماتور بىر ئوت ئېلىپ يەنە ئۆچۈپ قالدى.

” مۇشۇ يەردە ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن، ” دېدى نىيت ئۆزىگە، ” يا سۇدا تۇنجۇقۇپ، يا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىدىغان ئوخشايمەن مەن. يا بولمىسا تىمىساھلارنىڭ يەمچۈكى بولۇپ كەتكۈدەكمەن. “

بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئۇلارنى ھەيران قالدۇردى. 14 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر بالا  كىچىك بىر قېيىقتا ئۇلارغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلار ناھايىتى ئۇزۇن پاراڭلاشتى.

” ئۇ نېمە دەيدۇ؟ ” سورىدى نېيت جەۋىيدىن.

” ئۇ ئىندىيانلار بۇيەردىن يىراق بولمىغان جايلاردا تۇرىدۇ دەيدۇ. “

” قانچىلىك يىراقلىقتىكەن؟ “

” بىر ياكى ئىككى سائەتلىك يول ئوخشايدۇ. “

” ئۇ بىزنى ئۇيەرگە ئاپىرىپ قويالامدىكەن؟ “

” بەلكىم ئاز-پاز پۇل بەرسەك ئاپىرىپ قويار. “

” بولىدۇ. ” ڧىلەننىڭ ئۇنچە كۆپ بايلىقى ئالدىدا بۇ كىچىك بالىغا بېرىدىغان پۇل ھېچنېمە ئەمەس ئىدى.

” 10 دوللار،” دېدى جەۋىي بىردەملىك تالاش-تارتىشتىن كېيىن.

” چاتاق يوق. ” 10 دوللار بىلەن ئۇلار رىچېل لېينىڭ قېشىغا ئىلىپ بېرىلاتتى.

ئۇلار ھېلىقى بالىغا 20 مىنۇت ئەگىشىپ ماڭغاندىن كېيىن تىز ئاقىدىغان بىر ئېقىنغا كىرىپ كەلدى. ئۇلار ئېگىزرەك يەرگە يېتىپ كەلگەندە سائەت 1 بولاي دېگەن ئىدى.

بالا يەنىمۇ ئىچكىرلەپ مېڭىشتىن قورقۇپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. ” مۇشۇ يەرنىڭ ئۈستى تەرىپىدىلا. ” دېدى ئۇ جەۋىيگە.

 نېيت ئۇنىڭ 10 دوللارنى بېرىپ رەھمەت ئېيتتى. بالا بايام كەلگەن ئېقىنغا چۈشۈپ بىردەمدىلا كۆزدىن غايىب بولدى.

ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئېقىن دەرەخلىرى سۇ يۈزىگە ساڭگىلىشىپ كەتكەن بىر ئورمانلىققا ئېقىپ كىرىپ كېتەتتى. نېيت ئۆزلىرىنى بىرەرسى كۆزىتىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتاتتى. ئۇ دالا كىيىملىرى كىيىۋالغان، ھەم ھەرقانداق ئادەمنى كۆزىنى يۇممايلا ئۆلتۈرۈشكە مەشىقلەندۈرگەن ئىندىيانلارنىڭ زەھەرلىك ئوقيالىرى قايسى تەرەپتىن كەپ قالاركىن دەپ ئەنسىرەۋاتاتتى.

لېكىن ئۇلار تۇنجى بولۇپ سۇ چېچىشىپ ئويناۋاتقان قوڭۇر تېرىلىك كىچىك بالىلارنى كۆردى. ئۇلارنىڭ ئانىلىرىمۇ يۇيۇنۇۋاتقان ئىدى. جەۋىي ماتورنى ئۆچۈرۈپ ئۇلارغا كۈلۈمسىرىگىنىچە گەپ قىلىشقا باشلىدى. چوڭراق بىر قىز تۇرالغۇغا قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى.

بىردەمنىڭ ئىچىدە 3 ئەر يېتىپ كىلىشتى. ياشتا چوڭراقى جەۋىينىڭ گېپىنى چۈشىنەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن نېيت: ” ئۇلاردىن ھېلىقى ئايال توغرىلىق سورا باقە. ” دېدى.

” بەك ئالدىراپ كەتمەڭ. مەن ئۇلارنى بىزنى تىرىك كۆيدۈرىۋەتمەسلىككە كۆندۈرۈۋاتىمەن. “

يەنە بىر مۇنچە ئىندىيانلار يېتىپ كىلىشتى. ئۇلارنىڭ كەپىلىرى يۈز مېتىر يىراقلىقتا، بۇ ئورمانلىقنىڭ بېشىدا ئىدى. بىر كىچىك بالا نېيتقا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ناھايىتى ئاستا نېيتقا ” ياخشىمۇ سىز؟ ” دەپ سالام بەردى. نېيت ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەرگە توغرا كەلگەنلىكىنى پەملىدى.

بىرەرسى بۇ بالىنىڭ گېپىگە دىققەت قىلمىغان ئىدى. نېيت ئالدىغا ئېڭىشىپ يېنىك تەلەپپۇزدا ” ياخشىمۇ سىز. ” دېدى ئۇ بالىغا.

” خەيرى-خوش، ” دېدى بالا. رىچېل بۇ بالىغا ھېچ بولمىسا مۇشۇ ئىككى ئېغىز ئىنگلىزچە سۆزنى ئۆگەتكەن ئىدى.

” ئىسمىڭىز نېمە؟ ” پىچىرلىدى نېيت.

” ياخشىمۇ سىز،” جاۋاب بەردى بالا.

ئىندىيانلارنىڭ ئەرلىرى دەرەخنىڭ ئاستىدا پاراڭلىشىۋاتاتتى.

” رىچېل توغرىلىق بىر نەرسە دېدىمۇ؟ ” نېيت جەۋىيدىن ياندۇرۇپ سورىدى.

” ئېنىق بىلمىدىم. پەرىزىمچە ئۇ مۇشۇ يەردىدەك قىلىدۇ. “

ئۇلار يەنە بىردەم پاراڭلىشىپ تۇرغاندىن كېيىن ئىندىيانلار تەرتىپلىشىپ، ئالدى بىلەن ئەرلەر، ئاندىن ئاياللار، ئاندىن كېيىن بالىلار كېتىپ قېلىشتى.

” سەن ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدۇڭمۇ نېمە؟ ” سورىدى نېيت.

” ئۇنداق ئىش يوق. ئۇلار يىغىن ئاچىمىز دەۋاتىدۇ. “

” سېنىڭ ئويۇڭچە رىچېل مۇشۇ يەردىمىدۇ؟ “

” مەنچە شۇنداق. ” جەۋىي قولۋاقتىكى ئورنىغا قايتىپ ئۇخلاشقا تەرەددۇت قىلدى.

 

ئۇلا چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە يولغا چىقتى. بىر توپ ياش ئىندىيان يىگىتلىرى ئۇ ئىككىسىنى ئېقىننىڭ بويىدىن ئېلىپ كەنتكە بارىدىغان يولنى بويلاپ يۈرۈپ كەتتى. بىردەمدىن كىيىن ئۇلار يەنە بىر ئورمانلىققا كىرىپ كەتتى. ئۇلار يەنە بىر كىچىك ئېقىندىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاخىرى يىراقتىن بىر كەپىنى كۆردى، ئاندىن بۇرنىغا ئىسنىڭ ھىدى كېلىشكە باشلىدى.

ئۇلار كەپىگە ئىككى يۈز مېتىر قالغاندا ئىندىيانلارنىڭ باشلىقى ئېقىن بويىدىكى بىر سالقىن جاينى كۆرسەتتى. نېيت بىلەن جەۋىي بىر ئۇزۇن ئورۇندۇقنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىندى ھەم ئىككى ئىندىيان ئۇلارغا قاراش ئۈچۈن قېلىپ قالدى، قالغانلىرى كەنت تەرەپكە كېتىشتى.

ئەگەر  رىچېل مۇشۇ ئەتراپتا بولمىغان بولسا ئىندىيانلار بۇ ئىككىسىنى بۇنچە يىراقتىن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلمىگەن بۇلار ئىدى. نېيت ئۇرۇندۇقتا دەم ئېلىۋاتاتتى. ئۇ  يىراقلاردىكى كەپىلەرنىڭ ئۈستىگە نەزەر تاشلىغاچ خىيال قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كاللىسىدا رىچېل توغرىلىق نۇرغۇن سوئاللار بار ئىدى: ئۇ قانداقراق ئايالدۇ؟  قانداق كىيىم كىيەر؟ ئۇنىڭ يېڭى زامانچە تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى كۆرمىگىنىگە قانچىلىك بولغاندۇ؟ ئۇ بۇ كەنتكە كەلگەن تۇنجى ئامرىكىلىقمىدۇ؟ مېنى كۆرسە قانداق ئىپادە بىلدۈرەر؟ مىراسنىڭ گېپىنى ئاڭلىسىچۇ؟

كەنت تەرەپتىن شەپە ئاڭلانغاندا ئىككىلى ئىندىيان قاراۋۇل ئۇخلاپ قالغان ئىدى. بىر توپ ئىندىيان ئەرلەر ئۇلار تەرەپكە كېلىۋاتاتتى. رىچېلمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە ئىدى. نېيت يىراقتىن رىچېلغا قاراۋاتاتتى. ئۇ قوڭۇر بەدەنلىرىگە سۇس سېرىق رەڭلىك كۆڭلەك كىيىۋالغان بولۇپ، شىلەپىسى ئاستىدىن چىرايى پارقىراپ تۇراتتى. رىچېل باشقا ئىندىيانلارغا قارىغاندا ئازراق ئېگىز بولۇپ، بىر خىل ناز بىلەن گۈللەر ئارىسىدا مېڭىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

ئىندىيانلار توختاپ قېلىشتى. رىچېل ئالدىغا مېڭىۋاتاتتى. ئۇ قالپىقىنى ئېلىۋەتتى. ئۇنىڭ چاچلىرى ناھايىتى قىسقا ۋە قوڭۇر رەڭدە بولۇپ ئازراق ئاقارغان ئىدى.  ئۇ 42 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ لېكىن خېلى ياش كۆرۈنەتتى. ئۇ نېيت ئىككىسى بىلەن قول ئېلىشىپمۇ كۆرۈشمىدى ھەم ئىسمىنىمۇ دېمىدى.

” مېنىڭ ئىسمىم نېيت ئوۋرايلى. مەن بىر ئادۇكات، ۋاشىنگتوندىن كەلدىم. “

” سىز كىم بولىسىز؟ ” سورىدى ئۇ جەۋىيدىن.

” مېنىڭ ئىسمىم جەۋىي كاردوزوۋ، كورۇمبادىن. مەن نېيتنىڭ يول باشلىغۇچىسى. “

ئۇ يېنىك كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئۇلارغا بىردەم سەپ سېلىپ قاراپ تۇردى. ئۇ ئازراقمۇ خۇشال بولمىغاندەك كۆرۈنەتتى.

” سىلەر قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كەپ قالدىڭلار؟ ” سورىدى ئۇ.

” مەن رىچېل لېيننى ئىزدەپ كەلدىم. ئادۇكاتلىق شىركىتىمىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم بىر قانۇنىي ئىشى بار ئىدى. “

” قانداق قانۇنىي ئىش ئۇ؟ “

” رىچېلدىن باشقىلارغا دېيەلمەيمەن. “

” كەچۈرۈڭلار، مەن رىچېل لېين ئەمەس. “

جەۋىي ئۇھ تارتىپ قويدى. نېيتنىڭ مۈرىلىرى چۈشۈپلا كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىپ تۇراتتى. ” قورسۇقىڭلار ئاچقاندۇ ھەقاچان؟ ” سورىدى ئۇ.

ئۇ ئىككىلىسى بېشىنى لىڭشىتتى. رىچېل ئىندىيانلارنى چاقىردى. ” جەۋىي، ” دېدى ئۇ، ” بۇ كىشىلەر بىلەن كەنتكە بېرىپ قورسىقىڭىزنى توقلاپ كېلىڭ. ئۇلار سىزگە ئوۋرايلى ئەپەندى ئۈچۈن يېمەكلىكلەرنى بىرىدۇ. “

ئىندىيانلار جەۋىينى ئېلىپ كەنت تەرەپكە ماڭغاندا رىچېل نېيت بىلەن ئۇرۇندۇقتا گەپ قىلماي قاراپ ئولتۇراتتى. جەۋىي نېيتتىن ئەنسىرەپ ئارقىسىغا بىر قېتىم قاراپ قويدى.

” رىچېل لېين يوقاپ كەتكىلى خېلى يىللار بوپ قالدى، ” نېيت بىلەن قېلىپ قالغان ئايال يىراقتىكى كەنتكە قاراپ گەپ باشلىدى،” مەن ‘ لېين’ نى تاشلىۋېتىپ ‘رىچېل’ نى ئۆزۈمگە ئىسىم قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ ناھايىتى مۇھىم ئىش بولسا كېرەك، بولمىسا سىز بۇ يەرلەرگە كېلىپ يۈرمەستىڭىز. ” دېدى ئۇ ئاستا ئاۋايلاپ.

” تروي ئۆلۈپ كەتتى. ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. “

رىچېل بېشىنى بىر ئازراق پەسلەپ كۆزىنى يۇمغىنىچە ئۇزاق، ئەمما ئاددىي  دۇئا-تىلاۋەت قىلدى. ئۇ ئۈن-تۈنسىز ئولتۇرۇۋاتاتتى.

” سىز ئۇنىڭ بىلەن تونۇشمىدىڭىز؟ ” رىچېل ئاخىرى ئېغىز ئېچىپ سورىدى.

” بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇنى بىر قېتىم كۆرگەن. لېكىن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشمايتتىم. “

” مەنمۇ شۇ. ئۇ مېنىڭ دادام، ئەمما ھەمىشە ماڭا ناتونۇش بىلىنەتتى. مېنى قانداق تاپتىڭىز؟ “

” تروي ئۆلۈۋېلىشتىن ئىلگىرى سىزنىڭ ئىزدىرىكىڭىزنى قىلىپتىكەن، لېكىن تاپالماپتىكەن. ئۇ سىزنىڭ دۇنيا قەبىلىلەر مىسسىيونېرلار ئۆمىكىدە مىسسىيونېر ئىكەنلىكىڭىزنى، دۇنيانىڭ مۇشۇ تەرەپلىرىدە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىدىكەنتۇق. شۇندىن كېيىن سىزنى تېپىش مېنىڭ خىزمىتىم بوپ قالدى. ئۇ ئىنتايىن زور مىقداردا پۇل قالدۇرۇپ قويغان. بۇ مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمدىكى سەۋەب. نەق گەپنى قىلىشايلى. “

” تروي ماڭا بىرەر نەرسە مىراس قالدۇرۇپتىمۇ؟ “

” شۇنداق دېسىڭىز بولىدۇ. “

” مېنىڭ بۇ گەپلەرنى قىلىشقىم يوق. باشقا گەپنى قىلىشايلى. بىر سائەت ئىلگىرى ئاۋۇ بالىلار كېلىپ بىر ئامېرىكىلىقنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىشتىن بۇرۇن مەن خۇشال ھەم ئېغىر بېسىق ئىدىم. ئۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كەپەمگە يۈگۈرۈپ كىرىپ خۇدادىن ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بېرىشىنى تىلىدىم.”

 ” مەن سىزنى بىر مىسسىئونېر دەپ ئويلىغان ئىدىم. “

” توغرا، مەن بىر مىسسىئونېر، ھەم بىر دوختۇر. ئالى مەكتەپتىنى تۈگىتىپ دوختۇرلۇق مەكتىپىگە بېرىشتىن ئىلگىرى ئىسمىمنى ئۆزگەرتكەن. مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مېنىڭ ئىزدىرىگىم  بولمىغانغۇ دەيمەن. “

ئېقىن تەرەپتىن مەيىن شامال چىقىۋاتاتتى. ئۇ نېيتنىڭ سائىتىگە قاراپ قويدى دېدى: ” بالىلار چېدىرلىرىڭىلارنى مۇشۇ يەرگە تىكلەپ بىرىدۇ. “

” بىز بۇيەردە تۇرساق بىخەتەر، شۇنداقمۇ؟ “

” شۇنداق. خۇدايىم سىلەرنى قوغدايدۇ. دۇئا قىلىڭ! “

” بۇ ئىندىيانلار ئاقكۆڭۈلمۇ؟ “

” ئاساسەن شۇنداق. لېكىن بۇلار باشقا كىشىلەرگە ئىشەنمەيدۇ. “

” ئۇنداقتا سىزگىچۇ؟ “

” مەن 11 يىلدىن بۇيان مۇشۇ يەردە تۇرۇۋاتىمەن. ئۇلار ماڭا كۆنۈپ قالدى. مەن كېلىشتىن بۇرۇن بۇ يەردە بىر جۈپ ئەر-ئايال مىسسىيونېر تۇرغان ئىكەن. ئۇ ئىككىسى بۇلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىپ، ئىنجىلنى بۇلارنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىكەنتۇق. مەن دوختۇر بولغاچقا ئاياللار يەڭگىگەندە ياردەملىشىپ يۈرۈپ بۇلار بىلەن دوست بولۇپ كەتتىم. “

جەۋىي بىر توپ ئىندىيانلار بىلەن قايتىپ كەلدى. ئىندىيانلارنىڭ بىرسى رىچېلغا كىچىك بىر تۆت چاسا سېۋەتنى ئۇزاتتى. ئۇ سېۋەتنى نېيتقا سۇندى. نېيت سېۋەتتىن كىچىك بىر پۇچۇق قاتتىق بولكىنى ئالدى.

” بۈگۈن كەچ مۇشۇ يەردە تۇرىدىكەنمىز، ” دېدى نېيت جەۋىيگە.

” بۇ ئەڭ ياخشى جاي، ” دېدى رىچېل، ” ئەسلىدە سىلەرنى كەنت ئىچىدىكى بىرەر يەرگە جايلاشتۇراي دەپ ئويلىغان، لېكىن ئاق تەنلىك كىشىلەرنىڭ كەنتكە كىرىشىگە قەبىلە باشلىقى چوقۇم قوشۇلمىسا بولمايدۇ. “

” مەن ئەتە چۈشتە ماڭايمىكىن دەۋاتىمەن، ” دېدى نېيت.

” بۇنىڭغىمۇ قەبىلە باشلىقى قوشۇلمىسا بولمايدۇ. “

” يەنى، بىز كېتىشنى خالىساقمۇ كېتەلمەمدىمىز؟ “

” قەبىلە باشلىقى كەتسە بولىدۇ دېگەندە كېتەلەيسىلەر. ئەنسىرىمەڭلار. “

” سىز قەبىلە باشلىقى بىلەن يېقىنمۇ؟ “

” ئىشقىلىپ بوپ قويىدۇ. “

رىچېل بىر نەچچە مىنۇت نېيت بىلەن جەۋىينىڭ چېدىر بىلەن ھەپلەشكىنىگە قاراپ تۇرغاندىن كيىن ” مەن قايتتىم، ” دېدى ئۇ، ” ئەنسىرىمەڭلار، بۇ يەردە سىلەرگە ھېچنېمە بولمايدۇ. “

” بۇ يەردىكى كىشىلەر نەچچىلەردە ئورنىدىن تۇرىدۇ ئەتىگەندە؟ “سورىدى نېيت.

” كۈن چىقىشتىن بىر سائەت بۇرۇن. “

” مەن شۇ ۋاقىتتا تۇراي ئەمسە، ” دېدى نېيت چېدىرغا قاراپ تۇرۇپ،” ئەتە ئەتتىگەنراق كۆرۈشسەك بۇلارمۇ؟  بىز دېيىشىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. “

” بولىدۇ. ئەتىگەندە مەن سىلەرگە يەيدىغان نەرسە ئەۋەتىمەن. شۇ ۋاقىتتا پاراڭلاشساق بولىدۇ. ئوۋرايلى ئەپەندىم، دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. “

ئۇ قاراڭغۇلۇق ئارىسىغا كىرىپ كەتتى ۋە كۆزدىن غايىب بولدى.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72