6- باب: يوللۇق رىقابەت

6- باب: يوللۇق رىقابەت

جەۋىي كېيىنكى كۈنى ئەتتىگەن دەريا تەرەپكە قاراپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەتتى. ئۇ قىرغاقتا يېقىن كېلىپ توختىدى ۋە كېمە سەنتا لورانىڭ تېخى قوزغالمىغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ۋېلىينىڭ كېلىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى يايراپ كەتتى. ۋېلىي تېخى 18 ياشقا كىرمىگەن بولۇپ، ئۇ تاماق ئېتەلەيمەن، كېمە ، ئايروپىلان ھەيدىيەلەيمەن، ھەم يول باشلاش دېگەندەك ئىشلارغا پۇختا دېگەن ئىدى. لېكىن جەۋىي ئۇنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى.
” ئوۋرايلىي ئەپەندىمنى كۆردۈڭمۇ؟ ” سورىدى جەۋىي.
” ھېلىقى ئامېرىكىلىق كىشىنىمۇ؟ ياق. ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرمىدىمغۇ. “
ئۇ مېھمانخانا تەرەپكە نېيتنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ماشىنىلىق يۈرۈپ كەتتى. مېھمانخانا مۇلازىملار رايونىدىكى قىز بۈگۈن ئوۋرايلىي ئەپەندىنى كۆرمىگەن ئىدى. مۇلازىمەتچى قىز ئۇنىڭ ياتىقىغا تېلېڧۇن قىلدى، لېكىن تېلېڧۇن ئېلىنمىدى. جەۋىي ئۇ قىزغا بىرنېمىلەرنى دەپ يۈرۈپ ياتاقنىڭ ئاچقۇچىنى ئالدى.
ئىشىك ئىچىدىن ئېتىكلىك بولۇپ، لېكىن تولۇق قۇلۇپ سېلىنمىغان ئىدى. جەۋىي ياتاققا ئاستا كىردى. ئۇنىڭ كۆزىگە بىرىنچى بولۇپ قۇرۇپ كارىۋات چېلىقتى، ئاندىن بوتۇلكىلارنى كۆردى. بوتۇلكىلارنىڭ بىرى قۇرۇقدالغان بولۇپ يەنە بىرنىڭ يېرىمى قالغان ئىدى. ئۇ بىر يالاڭئاياق پۇتنى كۆرۈپ قالدى ۋە ئالدىغىراق ماڭدى. نېيت كارىۋات بىلەن تامنىڭ ئارىلىقىدا سوزۇلۇپ ياتاتتى. جەۋىي ئۇنىڭ تاپىنىغا ئاستا تېپىپ بېقىۋىدى، پۇتلىرى مىدىرلىدى.
ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ئۆلۈپ قالمىغان ئىدى.
جەۋىي نېيتنى يەردىن تارتىپ يۈرۈپ كارىۋاتقا ئاچىقتى. ئۇنىڭ چىڭ يۇمۇلغان كۆزلىرى ئىششىپ كەتكەن بولۇپ،چاچلىرى قالايمىقان، ھەم تىنىقلىرىمۇ ناھايىتى ئاستا ئىدى.
” نېيت! ” جەۋىي توۋلىدى،” گەپ قىلىڭ! “
نېيت ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. جەۋىي مۇنچىغا كىرىپ بىر لۆڭگىنى سوغۇق سۇدا ھۆل قىلىپ ئاچىقتى ۋە ئۇنى نېيتنىڭ بوينىغا يۆگىدى. نېيت بىرنېمىلەرنى دېيىش ئۈچۈن لەۋلىرىنى مىدىرلاتتى.
” مەن نەدە؟ ” ئۇنىڭ تىلى ئېغىزىغا چاپلىشىپ قالغان ئىدى.
” بىرازىلىيەدىكى مېھمانخانا ياتىقىڭىزدا. “
” مەن ھاياتكەنمەن-دە. “
” ھە، شۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ. “
جەۋىي نېيتنى مۇنچىغا يۆلەپ ئەكېلىپ، ئۇنى دۇشقا ئەكىردى. نېيت ئۆزىنى پىلاستىك پولغا تاشلىدى.
” مەن ئالدىڭدا بەك خىجىل، ” نېيت بىر نەچچە قېتىم جەۋىيدىن ئەپۇ سورىدى. جەۋىي قېنىق قەھۋە ئىچىش ئۈچۈن پەسكە چۈشۈپ كەتتى.

ۋېلىي ئۇلارنىڭ كېمىگە قايتىپ كېلىۋاتقىنى كۆرگەندە سائەت ئىككى بولاي دېگەن ئىدى. جەۋىي ماشىنىنى قىرغاقتا توختاتتى. لېكىن ئامېرىكىلىق كۆرۈنمەيتتى. بىردەمدىن كېيىن بىرى ماشىنىدىن بېشىنى ئاستا چىقاردى. ئىشىك تەرەپنى سايە توسۇۋالغان بولۇپ، بىرى شەپكىسىنى ناھايىتى ئاستا ئېلىۋاتاتتى. جەۋىي ئارقا ئىشىك تەرەپكە بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئىشىكتىن ئوۋرايلىي چۈشۈپ كەلدى. ئۇنىڭ چىرايى ئاقىرىپ كەتكەن ھەم تەرلەپ كەتكەن بولۇپ، ئۆزى يول يۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇپ، قارىغاندا خېلى قاتتىق ئاغرىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. جەۋىي ئۇنى يۆلىگەنچە قىلىپ كېمىگە چىقاردى، ئاندىن ئۇنى سەگەنچۈككە ياتقۇزدى.
” ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟ ” سورىدى ۋېلىي.
” مەست بوپ قاپتۇ. “
” مۇشۇ چاغدىمۇ، سائەت ئەمدى ئىككى بولغان تۇرسا. “
” ئۇ خېلى بۇرۇنلا ئىچىۋالغان ئىكەن. “
كېمە سەنتا لورا قىرغاقتىن قوزغىلىپ، ئاستا-ئاستا كورۇمبادىن يىراقلاشتى.
نېيت 4 سائەت ئۇخلىغاندىن كېيىن ئويغانغىنىدا سەنتا لورا شىمالاغا قاراپ ئاستا كېتىۋاتاتتى. قۇياش يىراقلاردا چوقچىيىپ تۇرغان بېلىۋىيا تاغلىرىنىڭ ئارقىسىغا پېتىۋاتقان ئىدى. ھاۋا ئۇچۇق ۋە ئازراق سوغۇق ئىدى.
” ھازىر سۇ ئورنى يۇقىرى، ” دېدى جەۋىي،” قايتىشىمىزدا تېزراق ماڭالايمىز. “
ئۇ خەرىتىدىن بىر جاينى كۆرسەتتى، ” بىز ئۆتىدىغان بىرىنچى ئىندىيانلار كەنتى بۇ يەردە. بەلكىم 2 ياكى 3 كۈندە بېرىپ بولۇشىمىز مۇمكىن. “
نېيت ئۇنىڭ گېپىنى تىڭشىماي قويدى. ئۇنىڭغا يانچۇقىدىكى سائەت توختاپ قالغاندەك، ۋاقىت مېڭىشتىن توختاپ قالغاندەك بىلىنىۋاتاتتى. ئۇ ئۆلۈمدىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالىدى، ھەر بىر كۈن بىر سوۋغات ئىدى.
” ھازىر قانداقراق؟ ” سورىدى جەۋىي.
” ياخشى، ياخشى. قارىغاندا بۇ سەپەر ماڭا ياراشقۇدەك. “
جەۋىي كۆپ نەرسىلەرنى سورىماقچى ئىدى لېكىن نېيتنىڭ كۆپ گەپ قىلغۇسى يوقتەك كۆرۈنەتتى. نېيت جوش بەرگەن ھېلىقى ماتېرىياللارنى ئېلىپ سەگەنچۈك تەرەپكە ماڭدى. ئۇ ھاشارەت ئۆلتۈرۈش سۇيۇقلۇقىنى بىلەك ۋە پۇتلىرىغا چاچقاندىن كېيىن يېتىپ ماتېرىياللارنى ئوقۇشقا كىرىشتى.

سوتخانا ڧىلەن ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئادۇكاتلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، باش سوتچى ۋىيكىلىڧ سائەت 10 دا كىرىپ كەلدى. ئۇ ئالدىدىكى ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردى. زال ئىچى ناھايىتى جىمجىت ئىدى. ” خەيرىلىك ئەتىگەن،” ئۇ گېپىنى باشلىدى.
سوتخانا ئىچىدىكىلەر ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. ئۇ زالنىڭ لىق تولغانلىقىدىن ناھايىتى رازى بولغان ئىدى.
” كېلىشكە تېگىشلىك كىشىلەر كېلىپ بولدىمۇ؟ ” سورىدى ئۇ،” ھەممىڭلار بىلەن تونۇشۇپ چىقاي. ” بىرىنچى بەتتە رەكس ڧىلەننىڭ ئىسمى تۇراتتى.
خاك گەدىيس ئورنىدىن تۇردى. ” جانابلىرى، مەن خاك گەدىيس بولىمەن، ” دېدى ئۇ ئۈنلۈك قىلىپ.،” مەن رەكس ڧىلەن ئەپەندىمنىڭ ئادۇكاتى. “
” رەھمەت. ئولتۇرسىڭىز بولىدۇ. “
ۋىيكىلىڧ مىراسخورلار ۋە ئۇلارنىڭ ئادۇكاتلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بىر-بىرلەپ ئاڭلاپ چىقتى. 6 بالا، 3 ئايال ھەممىسى سوت زالىغا ھازىر بولغان ئىدى.
” 22 نەپەر ئادۇكات، ” دېدى ۋىيكىلىڧ ئۆزىگە.
“سىتەڧورد ئەپەندىم، ۋەسىيەتنامىنى ئېلىپ كەلدىڭىزمۇ؟ ” سورىدى ئۇ.
جوش بىر ماتېرىيالنى كۆتۈرگىنىچە تۇردى. ” شۇنداق، ئېلىپ كەلدىم. “
” سىز تروي ڧىلەننىڭ ئادۇكاتى، ” سورېدى ۋىيكىلىڧ، ” ۋەسىيەتنامىنى ئۇنىڭغا سىز تەييارلاپ بەرگەنمۇ؟ “
” مەن ئۇنىڭغا بىر نەچچە قېتىم ۋەسىيەتنامە تەييارلاپ بەرگەن. “
” ئۇنىڭ ئاخىرقى ۋەسىيەتنامىسىنى سىز تەييارلاپ بەرگەنمۇ؟ “
ئۇ بىردەم تۇرۇۋالدى. ڧىلەننىڭ ئۆيىدىكىلەر تېخىمۇ ئالدىغا ئېڭىشتى.
” ياق. ئاخىرقىسىنى مەن تەييارلاپ بەرمىگەن. ” دېدى جوش ئاستاغىنا. ئۇ ناھايىتى يېنىك سۆزلەۋاتاتتى، لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىرى خۇددى ھاۋانى يېرىپ مېڭىۋاتقان چاقماقتەك چىقىۋاتاتتى. سوتخانا ئىچى بىردەم جىمىپ قالدى.
” ئاخىرقى ۋەسىيەتنامىنى كىم تەييارلىغان؟ ” سورىدى ۋىيكىلىڧ.
” ڧىلەن ئەپەندى ئۆزى تەييارلىغان. “
” ئو، ۋاي خۇدايىم، ” دېدى خاك گەدىيس پەسلا، لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنداق ئۈنلۈك چىقىپ كەتتىكى، ھەممە ئادەم ئاڭلىدى.
” تروي ۋەسىيەتنامىگە قاچان ئىمزا قويغان؟ “سورىدى ۋىيكىلىڧ.
” بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋېلىشتىن ئىلگىرىلا ئىمزا قويغان. “
” ئۇ سىز بار يەردە ئىمزا قويغانمۇ؟ “
” ھەئە، شۇنداق. باشقا گۇۋاھچىلارمۇ نەق مەيداندا بار ئىدى. ھەم ئىمزا قويغان جەريان سىنغا ئېلىۋېلىنغان. “
” ۋەسىيەتنامىنى ماڭا بەرگەن بولسىڭىز، ئەپەندىم. “
” بۇ قانداق ئەھۋال؟ ” كىچىك تروي ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ئولتۇرغان ئادۇكاتقا پىچىرلىدى. ئادۇكات گەپ قىلمىدى. ڧىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى تېخىمۇ قورقۇنچ بېسىۋالغان ئىدى. ئۇلارغا تەگمەكچى بولغان پۇللار يوقاپ كەتكەنمىدۇ؟ لېكىن ئۇلار ھېچنېمە قىلالمايتتى.
ۋىيكىلىڧ گېلىنى قىرقىپ قويغاندىن كېيىن ” قولۇمدا تۇرغىنى تروي ڧىلەننىڭ بىر بەتلىك ۋەسيەتنامە ھۆججىتى. مەن ھازىر ئۇنى تۈزلا ئوقۇپ ئۆتىمەن. “
باش سوتچى ۋەسىيەتنامىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ۋەسىيەتنامە ھەتتا رەمبېل ئاڭلاپ چۈشىنەلىگۈدەك دەرىجىدە ئېنىق ئىدى. جىينا ۋە كوۋدىي يېنىك يىغلاشقا باشلىغان ئىدى. رەكس يۈزىنى قاماللىغىنىچە ئالدىغا ئىڭىشۋالغان ئىدى. مەۋرىي روۋز كۆزلىرىنى توسۇۋالغان، ئادۇكاتى ئۇنىڭ تىزىنى قۇچاقلىۋالغان، يولدىشى بولسا يەنە بىرىنىڭ تىزىنى قۇچاقلىۋالغان ئىدى.
مۇخبىرلار جانلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار خاتىرە قالدۇرماقچى بولۇشاتتى لېكىن بىرەر سۆزنى چالا خاتىرىلەپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيتتى. بەزىلىرى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي چىشلىرىنى چىقارغىنىچە كۈلۈشۈۋاتاتتى.
باش سوتچى ھۆججەتنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن ۋەسىيەتنامىنى بىر ياقىغا قويۇپ قويدى ۋە ئەتراپقا قارىدى. ڧىلەن ئائىلىسىدىكىلەر باشلىرىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئولتۇرۇشاتتى. 24 نەپەر ئادۇكاتلارنىڭمۇ زۇۋانى تۇتۇلغان ئىدى. ئۇلار ئۆزىچە كۈلۈمسىرەيتتى. چۈنكى ئۇلار ئەمدى باي بولۇپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ خېرىدارلىرىنىڭ يەتكۈچە قەرزلىرى بار، ئۇلارنىڭ ۋەسىيەتنامىگە قارشى تۇرماقتىن باشقا ئامالى يوق. بۇنداق بولغاندا بۇ دەۋا بىر نەچچە يىل داۋاملىشاتتى.

شىمالى ئامېرىكا مىسسىيونېرلار ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بىر ئايال بولۇپ، ئىسمى نېيۋا كالىيا ئىدى. ئۇ نيۇگېنى تاغلىرىدا 11 يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ، 900 ئادەمنى تەشكىللەپ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى چۈشىنەتتى.
ھەم ئۇ رىچېل پوتېرنىڭ رىچېل لېين دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ تروي ڧىلەننىڭ نىكاھسىز قىزى ئىكەنلىكنى بىلىدىغان بىردىن بىر ئادەم ئىدى. تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن رىچېل ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن ئىسىمىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىككىلىسى ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ ترويدىن باشقا ئائىلە ئەزالىرى يوق ئىدى. رىچېل بولسا تروينى ھاياتىدىن چىقىرىش تاشلاشنى بەك ئارزۇ قىلاتتى. دۇنيا قەبىلىلەر مىسسىيونېرلار ئۆمىكىدىكى تەربىيەلىنىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن، رىچېل سىرلىرىنى نېيۋا كالىياغا دەپ بەرگەن، نېيۋا رىچېل توغرىلىق – ئۇنىڭ شىمالى ئامېرىكىدا ئىكەنلىنى ھېچكىمگە تىنمايدىغانلىق ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى.
نېيۋا ھيۇستوندىكى كىچىك ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ ڧىلەن ئەپەندىنىڭ ئادەتتىكىدىن تاشقىرى كۆپ مىراسى توغرىلىق بېرىلگەن خەۋەرنى ئوقۇۋاتاتتى. ڧىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندىن باشلاپ ئۇ بۇ خەۋەرلەرگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتاتتى.
ئۇ رىچېل بىلەن ئۇزاقتا بىر ئالاقە قىلاتتى. ئۇلار بىر يىلدا 3- ۋە 8- ئايلاردا ئىككى قېتىم خەت يېزىشاتتى. رىچېل بىر يىلدا بىر قېتىم، كورۇمباغا لازىمەتلىكلەر ئۈچۈن كەلگەندە ئاممىۋى تېلېڧۇندىن تېلېڧۇن قىلاتتى. نېيۋا ئالدىنقى يىلى ئۇنىڭ بىلەن تېلېڧۇندا پاراڭلاشقان ئىدى. . 1992- يىلى رىچېل ئاخىرقى قېتىم دەم ئالدى. ئۇ ئامېرىكىغا ئازراقمۇ قىزىقمايتتى. ئامېرىكا ئۇنىڭ ۋەتىنى ئەمەس ، ئۇ ئۆزى بىللە تۇرۇۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرگە مەنسۇپ ئىدى.

ئادۇكاتلار بىر مېھمانخانىنىڭ ئۈستەللىرى چاسا شەكىلدە رەتلىك قويۇلغان بىر چوڭ ياتىقىقا يىغىلغان ئىدى. ياتاقتا 15 ئادەم بار بولۇپ، ڧىلەن ئائىلىسىدىكىلەر كەلمىگەن بولۇپ، بۇلار پەقەت ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىللىرى ئىدى.
خاك گەدىيس بۇ يىغىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇ ھەر بىر ئادۇكاتتنىڭ ئويلىغانلىرىنى قىسقىغىنا ئېيتىپ ئۆتۈش تەكلىپىنى بەردى. مەۋرىي روۋز ڧىلەن جەكمەن ۋە ئۇنىڭ يولدىشى تەكلىپ قىلغان ئادۇكات گرىت ئورنىدى تۇردى ۋە ئويلىغانلىرىنى دېيىشكە باشلىدى.
” بىز چوقۇم بۇ ۋەسىيەتنامىگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. تروي نېرۋىسى جايىدا بولمىغاچقا بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالدى. ئۇنىڭ ھەممە دۇنيالىقىنى نامەلۇم بىرىگە مىراس قالدۇرغىنى ئالجىغانلىق. بىز روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرىنى ئىزدىسەك، ئۇلار تروينىڭ ساراڭلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. “
” ئۇ بىنادىن سەكرىۋېلىشتىن ئىلگىرى ئۇنى تەكشۈرگەن ئۈچ مۇتەخەسسىسىنىڭ دېگەنلىرىچۇ؟ ” دېدى ئۈستەلنىڭ قارشىسىدا ئولتۇرغان بىرى.
” ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان، ” دېدى گرىت،” ڧىلەن ھەممىمىزنى ئەخمەق قىلىپتۇ. “
جىينا ۋەكوۋدىيگە ۋەكىل بولغان ئادۇكاتلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بىر ئايال بولۇپ، ئىسمى لەڭھورنى ئىدى. ئۇ جورجتون قانۇن مەكتىپىدە پىروفېسسور ئىدى. ئۇ 10 مىنۇت سۆز قىلدى، سۆزلىرىدە بەزى كىچىك ئاساسلىرىنىمۇ تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىنى ۋەسىيەتنامىگە قارشى چىقىش، ھەم بۇ دەۋانىڭ سوتخانىدا ئەمەس باشقا جايدا سورۇلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلەن يەكۈنلىدى.
ئارقىدىن لايبىيجيېلنىڭ ئادۇكاتى ۋولى بىرايت سۆزلىدى. ۋولىينىڭ ئۆز ئالدىغا كىچىك بىر شىركىتى بار بولۇپ، كۆپىنچە نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋالىرىنى ئىشلەيتتى. ئۇ كىرلىشىپ كەتكەن كاستۇم كىيىۋالغان بولۇپ، تاقىۋالغان گالستۇكى ئاز دېگەندىمۇ 20 يىل تاقاپ كەلگەن گالستۇك ئىدى. ئۇ ھېچنېمە تەييارلىمىغان، ھەم خاتىرە قالدۇرمىغان بولغاچقا، كاللىسىدا نېمە دېيىش توغرىلىق بىرەر ئوي يوق ئىدى. ئۇ يىغىپ توشاپ كېلىپ ئادالەتسىزلىك توغرىسىدا بىردەم گەپ قىلغان بولدى.
لىلىيىننىڭ ئىككى ئادۇكاتى تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇۋېلىپ، بىرى گەپنى باشلىسا يەنە بىرى ئاخىرىنى چۈشۈرۈپ دېگەندەك قىلىپ يۈرۈپ باشقىلار تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن نۇقتىلارنى قايتىلاپ چىقتى.
ئادۇكاتلارنىڭ ھەممىسى ۋەسىيەنامىگە قارشى چىقىشقا بىرلىككە كەلگەن ئىدى. چۈنكى بۇنداق قىلسا ئۇلار ھېچقانداق زىيان تارتمايتتى ھەم ئۇلارغا بۇنىڭدىن باشقا قىلىدىغان ئىشمۇ يوق ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇلار ۋەسىيەتنامىگە قارشى تۇرۇش جەريانىدا ئىشلىگەن سائىتىگە قاراپ ھەق بېرىلەتتى. بىرى ۋەسىيەتنامە ھەققىدىكى مۇنازىرە ئاخىرلاشقانلىقىنى تىلغا ئالغىنىدا ئاللىقاچان بىر سائەت ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار يەنە مۇنازىرە قىلىۋەرسە، مىراسخورلار تروي قالدۇرغان ئاشۇ ئازغىنە نەرسىلەرنىمۇ كۆككە سورۇۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇلار بۇ توغرىلىق ئانچە ئويلاپ كەتمىدى. ئۇلار ۋەسىيەتنامىگە قارشى تۇرۇشنىلا ئويلايتتى، چۈنكى ئۇلار ئاچكۆز خېرىدارلىرىنىڭ ئۇلار نېمە دېسە شۇ دەپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىشەتتى. بىرەرسىمۇ دادىللىق بىلەن ۋەسىيەتنامە كۈچ ئىگە بولسۇن دېيەلمىدى.
ئۇلار رىچېل توغرىلىق بىردەم تالاش-تارتىش قىلىشتى. رىچېلنىڭ قەيەردىلىكى، ئۇنى تېپىش كېرەكمۇ يوق دېگەنلەرنى مۇنازىرە قىلىشتى. لېكىن ئاخىردا ئۇنى ئىزدىمەسلىك قارارىغا كىلىشتى. چۈنكى ئۇلار رىچېلنى تېپىپ قالسا نېمە قىلىش ھەققىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ يىغىلىشى كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشتى. ئادۇكاتلارمۇ ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىشقان نەتىجىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئادۇكاتلار خېرىدارلىرىغا بۇ دەۋادا قانچىلىك ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى پەخىرلىك ھالدا دوكلات قىلىش ئۈچۈن تارقىلىشتى.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72