5- باب: قايتا تۇتقان خۇمار

 

نېيت قانغان مىلىنىپ كەتكەن پېتى ھوشىغا كەلدى. يامغۇر تېخىچە يېغىۋاتاتتى. مىلتون، جەۋىي ئىككىسى بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە مىنگىشىپ قالغان بولۇپ، ئورۇنلىرىدىن چىقماقچى بولۇشۇپ تەسلىكتە مىدىرلاۋاتقان ئىدى.
نېيت بىر دېرىزىنى تېپىپ ئاچقاندىن كېيىن بېشىنى سىرتقا چىقاردى. ئايروپىلان يانچە بولۇپ قالغان بولۇپ، بىر قانىتى سۇنۇپ كەتكەن، ئايروپىلاننىڭ كابۇنى ئاستىغا قاتلىشىپ تىقىلىپ قالغان ئىدى. ھەممە يەر ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن ئەمەس، كالىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان ئىدى.
بايامقى قولىدا بىر تاياق كۆتۈرۈۋالغان بالا ئۇلارنى بىر كىچىك كەپىگە باشلاپ كەلدى.
مىلتون شىۋىرغاندا تىزلانغىنىچە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار بۇ مەينەت يەردە يامغۇرنىڭ يېغىشقا قاراپ، بوراننىڭ گۈركىرىشىگە قۇلاق سېلىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئويلىشىپ ئۈن-تۈنسىز ناھايىتى ئۇزۇن ئولتۇرۇشتى.
بىر سائەتتىن كېيىن كالىنىڭ ئىگىسى ماركو پەيدا بولدى ۋە نىيت ۋە جەۋىي بىلەن كالىنى قىممىتى توغرىسىدا تازا تالاش-تارتىش قىلدى.
” مەن كالىسىنى تۆلەپ بېرىمەن، ” دېدى نېيت جەۋىيگە.
جەۋىي ماركودىن قانچە پۇل دەپ سورىغاندىن كېيىن دېدى:
” يۈز دوللار دەيدۇ. “
” ئۇ ئامېرىكا تىز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ ئىناۋەت كارتىسى(American Express ) ئىشلىتەمدىكەن؟ ” سورىدى نېيت. لېكىن ھازىر بۇنداق يۇمۇر مەنىسىز ئىدى،” مەن تۆلەيمەن. ماركو قانچىگە رازى بولسا شۇنچە تۆلەپ بىرىمەن. “
بۇ مەسىلە ھەل بولغاندىن كېيىن ماركو نېيتنىڭ ئامېرىكىدىن كەلگەنلىكنى بىلىپ ئايالى ۋە باللىرىغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى مېھمان قىلماقچى بولدى. ئۇلار كىچىك بىر ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ گۈرۈچ تامىقى ۋە قارا پۇرچاق يېيىشتى. بالىلار ئۈستەلنىڭ يېنىدا يەردىلا گۈرۈچ ۋە پۇرچاق يېگەچ نېيتنىڭ ھەربىر ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ئولتۇراتتى.
ماكرونىڭ كىچىك بىر ماتورلۇق قولۋىقى بار ئىدى. پىرىگىرىېي دەرياسى بۇ يەردىن 5 سائەتلىك يول بولۇپ، بەلكىم ماتورنىڭ يېتەرلىك مېيى باردۇ ياكى يوقتۇ، لېكىن ئۈچىنى ئېلىپ ئۇ يەرگە بارالىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.
جەۋىينىڭ ئويلىغىنى بار ئىدى. كورۇمبانىڭ چېگىرىسىدا بىر ھەربىي بازا بار ئىدى. ھاۋا ئېچىلغاندا نېيت سومكىدىن سۈنئىي ھەمراھلىق تېلېفوننى ئېلىپ قوزغاتتى. تېلېفون سىگنالى كۈچلۈك ئىدى. ماركو ۋە ئۇنى ئائىلىسىدىكىلەر نېيتنىڭ يېنىغا ئولىشىۋالغان ئىدى. نېيت بۇلار مۇشۇ كەمگىچە تېلېفون دېگەن نەرسىنى كۆرگەن بولغانمىدىۋىلا دەپ ئويلاپ قالدى.
جەۋىي بىر دوستىغا تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭدىن ھەربىي ئەمەلدار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھازىرقى ئەھۋالنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ، ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىشىنى سورىدى. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇلار ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئۇچۇردى ئەمەسمۇ. ئاخىرى ھەربىي كوماندىر تېلېفوننى ئۆزى ئالدى. ئۇ جەۋىي بىلەن 5 مىنۇت ئەتراپىدا قەيەرلەرگە بارغانلىقى، تونۇيدىغان ئادەملەر دېگەندەك ھەربىيچە پاراڭلارنى قىلىشقاندىن كېيىن، جەۋىي نىمىش يۈزبەرگەنلىكىنى چۈشەندۈردى.
” چاتاق يوق. ھازىر بىر تىك ئۇچار تەييارلاپ ئەۋەتەي، بىر سائەت ساقلاپ تۇرۇڭلار.” دېدى كوماندىر. مولتىننىڭ يۈزىگە بۈگۈن تۇنجى قېتىم كۈلكە يۈگۈردى.
بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى. قۇياش بىردەمدىن كېيىنلا غەربكە پېتىپ، قاراڭغۇ چۈشكىلىۋاتاتتى. ھەربىي قىسىم كېچىدە ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى.
ماكرونىىڭ بالىلىرىڭ ئەڭ كىچىكى توماس ئايروپىلاننىڭ ئاۋازنى بىرىنچى بولۇپ ئاڭلىغان ئىدى. ئۇ بىر نەرسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاۋاز كەلگەن تەرەپنى كۆرسەتتى. ئاۋاز كۈچىيىۋاتاتتى. بىردەمدىن كېيىن ئۇلار تىك ئۇچار ئايروپىلاننى كۆردى. تىك ئۇچۇر يەرگە قوندى. تۆت ئەسكەر ئايروپىلاندىن سەكرەپ چۈشۈش ئۇلار تەرەپكە يۈگۈرۈپ كەلدى. نېيت بالىلارنىڭ ئارىسىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە 10 دوللاردىن پۇل بەردى. ئاندىن سومكىسىنى كۆتۈرۈپ تىك ئۇچارغا قاراپ يۈگۈردى.
يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۇلار ئۇچۇپ كورۇمبا ئاسمىنىغا يېتىپ كەلدى. تېخىچە تاڭ ئاتمىغان ئىدى. ھەربىي بازىنىڭ ئايروپىلان توختىتىش ئورنى شەھەرنىڭ غەرىپىدە بولۇپ، ھەربىي كوماندىر ئۇلارنى شۇ يەردە كۈتۈۋالدى. ئۇلار كوماندىرغا كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتىشتى. كوماندىر ئۇلارنى بىر ياش ئەسكەر ھەيدىگەن ھەربىي ماشىنىدا شەھەرگە يولغا سېلىپ قويدى.
ماشىنا شەھەرگە كىرىپ بىر كىچىك چەرچىن ماللار دۇكىنىنىڭ ئالدىدا توختى. جەۋىي ماشىنىدىن چۈشۈپ دۇكاندىن 3 بوتۇلكا پىۋا ئىلىپ چىقتى. بىرىنى مىلتونغا، بىرىنى تېيىتقا تەڭلىدى.
بىردەملىك ئىككىلىنىشتىن كېيىن نېيت پىۋىنىڭ ئېغىزىنى ئاچتى. پىۋا ناھايىتى سۇلۇق ۋە سوغۇق بولۇپ، ئۇنىڭغا شۇنداق ياقتى، ھەم بۈگۈن روجىستۇۋا بايرىمى ئىدى. ئۇ بۇنچىلىك پىۋىنى كۆتۈرەلەيتتى.
ئاندىن كېيىن ماشىنا بىرىنچى بولۇپ نېيتنى مېھمانخانىغا تاشلاپ قويدى. نېيت ياتاققا كىرگەندىن كېيىن كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ مۇنچىدا 20 مىنۇت يۇيۇندى.
توڭلاتقۇدا 4 بوتۇلكا پىۋا بار ئىدى. نېيت جىق ئىچمەيمەن، ھەممە ئىش نورمالغۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قېچىپ قۇتۇلدۇم مانا، نېمىشقا بۇنى تەبرىكلىسەم بولمىغۇدەك؟ بەرىبىر ھېچكىم بىلمەيدىغۇ، ئازراق پىۋا ئىچىپ قويغاننىڭ نېمە يامىنى دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بەرگەچ بىر سائەتتىلا 4 بوتۇلكىنىڭ ھەممىسىنى ئىچىپ تۈگىتىۋەتتى.

تېلېفۇننىڭ جىرىڭلىشى نېيتنى ئويغىتىۋەتتى. ئۇنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندە يارىلانغان بويۇن، مۈرە، بىلەكلىرى قارىداپ كەتكەن ئىدى.
” قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ” تېلېفوننى ۋالدىر قىلغان ئىدى، ” جەۋىي سىزنى ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ دېگەنتى. “
” مەن ياخشى، شۇ بەدەنلىرىم ئازراق ئاغرىپ تۇرىدۇ. “
” ئۇنداقتا ياخشى. بىر خۇشخەۋەر بار. تۈنۈگۈن بىر كېمە ئىجارە ئالدىم. “
” ياخشى بوپتۇ. قاچان ماڭسام بولىدۇ، ئۇنداقتا؟ “
” ئەتە ماڭسىڭىز بولارمىكىن. ئۇلار كىمىنى تەييارلاۋېتىپتۇ. جەۋىي كېمىچىلەرنى تونۇيدۇ. “
” ھازىر كېمە بىلەن مېڭىشنىلا ئارزۇ قىلىمەن. بولۇپمۇ تۈنۈگۈندىن بۇيان. “
ۋالدىر تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن نېيت ئورنىدىن تۇرۇپ ياتاقتا ئاستا ئۇياق-بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى. ئەخلەت چىلىكىدە قۇرۇق پىۋا بوتۇلكىلىرى تۇراتتى. بولدىلا، بۇ ئۇنىڭ كونا خۇمارىغا قايتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۇ بۇ ئىشلارنى كېيىنچە ھەل قىلىپ كېتەلەيدۇ. تۈنۈگۈن تېخى ئۆلگىلى تاسلا قالغان، مۇشۇ ئىشلارنى ئۆزگەرتتى. ھازىر ھەر بىر كۈن بىر سوۋغات تۇرسا، نېمىشقا خۇشاللىق بىلەن سوۋغىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرمەيدۇ. ئازراق پىۋا ۋە ھاراققۇ شۇ، ھېچقانچە نەرسىلەر ئەمەس بۇ.
نېيت كىيىملىرىنى كىيىپ شەھەرگە قاراپ ماڭدى. يول بويىدىكى دۇكانلار تاقاق بولۇپ، كوچىلارمۇ قۇپ-قۇرۇق ئىدى. ئۇ كەينىگە يېنىپ ھېلىقى باغچىغا كەلدى ۋە ئالدىدا كەڭرى يېيىلىپ ياتقان پەتنەنېلغا نەزەر تاشلىدى.
ئالدىدىكى كۆز يەتكۈسىز سازلىقلارنىڭ بىر يېرىدە رىچېل لېين بار ئىدى. رىچېل ئاز كۈن ئىچىدە دۇنيادىكى ئەڭ باي ئاياللاردىن بولۇپ قالاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئامىتىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا قانداق بوپ كېتەر؟ رىچېلنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى قىياسەن ئويلاپ نېيت بىر خىل بىئاراملىق ھېس قىلدى.
ئۇلار رىچېل توغرىلىق ناھايىتى ئازلا ئۇچۇرغا ئىگە ئىدى. رىچېلنىڭ ئانىسى ئەۋىلىن كانىڭخەم لۇۋىسىيانانىڭ دەلى دەيدىغان بىر كىچىك بازىرىدىن ئىدى. ئۇ 19 يېشىدا باتۇنرۇژغا يۆتكىلىپ كەلگەن ۋە تروي ڧىلەننىڭ شىركەتلىرىنىڭ بىرىدە كاتىپلىق خىزمىتىنى قىلغان ئىدى. ئۇ بەكلا چىرايلىق قىز ئىدى. تروي نىيۇيوركتىن زىيارەتكە كەلگەن ئارىلىقتا ئۇنىڭغا قول ئۇزاتقان، بىر نەچچە ئاينىڭ ئىچىدە ئۇ ئېغىر ئاياق بوپ قالغان ئىدى.
تروينىڭ ئادەملىرى ئۇنى نىيۇ ئورلىيندىكى بىر دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بولۇپ، رىچېل 1954- يىلى 11- ئايدا مۇشۇ دوختۇرخانىدا تۇغۇلغان ئىدى. تروي رىچېلنى تېزلىكتە مونتانادا تۇرىدىغان بىر مىنىستىر ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا مەخسۇس بالا قىلىپ بېقىلىۋېلىشقا بېرىۋەتكەن بولغاچقا، ئەۋىلىن رىچېلنى كۆرۈپمۇ باقمىغان ئىدى. ئەۋلىن 10 مىڭ دوللار پۇل ئالغاندىن كېيىن دېلىغا قايتىپ كەتكەن بولۇپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن تۇراتتى. ئاساسەن سىرتقا چىقىپ كەتمەيتتى ۋە قىزىنى سېغىناتتى.
ئۇ ترويغا كۆپ خەت يازدى لېكىن جاۋاب كەلمىدى. يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئەۋىلىن تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ 1959- يىلى 11- ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى رىچېلنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئىدى. ئۇ ئۆيدىكىلىرىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ بازارنىڭ چەت يېرىگە كېلىپ ئۆزىنى كۆۋرۈكتىن تاشلىۋالغان ئىدى.
رىچېل يالغۇز بالا بولۇپ، بېقىۋالغان دادىسى لېين ئەپەندىم ئۇ 17 ياشقا كىرگەن يىلى ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە تروي ئۇنىڭ ھاياتىغا قايتىدىن كىرىپ كەلدى. بەلكىم ئۇ ئۆزىنى گۇناھكار دەپ ئويلىغان بولىشمۇ، رىچېلنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇشىدىن ئەنسىرىگەن، ھەم ئالى مەكتەپ چىقىملىرىنى قانداق كۆتۈرۈپ بۇلار دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. رىچېل ئۆزىنىڭ بېقىۋېلىنغانلىقىنى بىلسىمۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكىگە ئازراقمۇ قىزىقىپ باقمىغان ئىدى.
1972- يىلى يازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى تروي رىچېل بىلەن كۆرۈشتى. 4 يىل ئۆتكەندە، ئۇ مونتانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇش پۈتتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇرلار ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى . نېيت پەقەت ئىككى كىشىلا ئارىدىكى باغلىنىشنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ دەپ گۇمان قىلاتتى. ئۇلارنىڭ بىر ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن، يەنە بىر بولسا ئىندىيانلاردەك مىڭلىغان دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر ئېقىن بويىدا ياشاۋاتاتتى.
نېيت مېڭىپ بازار رايونىغا يېتىپ كەلدى. بىر ماشىنا ئۇنىڭ يېنىدىلا توختاپ جەۋىي دېرىزىدىن بېشىنى چىقاردى.
” ماشىنىغا چىقىڭ، ” دېدى ئۇ،” سىزگە كىمىنى كۆرسىتىپ ئەكېلەي. مېنىڭ دادام ئىلگىرى كېمە باشلىقى ئىدى. “
” داداڭ ھازىر قەيەردە؟ “
” ئۇ قاتتىق بوراندا سۇغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن. “
” خوپ بوپتىكەن. ” كۆڭلىدە ئويلىدى نېيت.
ئۇلار دەريانىڭ بويىدىلا ئۆزلىرى ئىجارە ئالغان كېمە- سەنتا لورا-دىن زوقلىنىش ئۈچۈن توختىدى.
” قانداقراقكەن، ياقتۇردىڭىزمۇ؟ ” سورىدى جەۋىي.
” بىلمىدىم، ” دەپلا جاۋاب قايتۇردى نېيت. كېمە ئاز دېگەندىمۇ يەتتە مېتىر ئۇزۇنلۇقتا، ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ، كېمىنىڭ ئارقا تەرىپىگە پالاق ۋە ماتورلىرى بولغان كىچىك بىر قولۋاق باغلاپ قويۇلغان ئىدى. بۇ كېمە نېيتنىڭ ئويلىغىنىدىن چوڭراق ئىدى.
” بۇ كېمىگە چىقىدىغان باشقا يولۇچى يوقمۇ؟ ” سورىدى نېيت.
” يوق، پەقەت سىز، مەن ۋە ماتروس ۋېلىيلا ئۈچىمىز. ھە راست، ۋېلىي تاماقمۇ ئېتەلەيدۇ. “
نېيت مېڭىپ كېمىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتتى، بۇ يەردە بىر سەگەنچۈك بار ئىدى.
” بۇ سىزنىڭ ” دېدى جەۋىي،” ئۇخلايدىغان ھەم كىتاب ئوقۇيدىغانغا يېتەرلىك ۋاقتىڭىز بار. “
نېيت سەگەنچۈكتە ئاۋايلاپ ئولتۇردى، ئاندىن ئۇياق-بۇياققا بۇرۇلۇپ يۈرۈپ سەگەنچۈككە تولۇق چىقتى. جەۋىي ئۇنى يېنىكلا تەۋرىتىپ قويغاندىن كېيىن تېخنىك ئىشچى بىلەن پاراڭلاشقىلى كېتىپ قالدى.
كەچ بولاي دېگەندە نېيت مېھمانخانىدىن بىر نەچچە كوچا يىراقلىقتىكى بىر كىچىك دۇكاننىڭ ئالدىدا توختىدى. ئۇ دۇكانغا بىر ياكى ئىككى بوتۇلكا پىۋا ئىزدەپ كىردى. ئۇ دۇنيانىڭ يىراق بىر چېتىدا تىكەندەك قالغان ئىدى. ھەم بۇ روجىستۇۋا بايرىمى ئىدى، لېكىن ئۇ بۇ بايرامنى بىرگە ئۆتكۈزگۈدەك بىرسىمۇ يوق ئىدى. يالغۇزلۇق ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىنىپ، كونا خۇمارى تۇتۇشقا باشلاۋاتتى.
كۆز ئالدىدا ئېغىزلىرى ئېچىلمىغان ھاراق بوتۇلكىلىرى تۇراتتى. نېيتنىڭ ئېغىزى قۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ پوكەيگە يۆلەندى. نېيت تۇرۇپلا جوشنى، دوختۇرخانىدىكى سېستراسى سېرجىيو، شۇنداقلا قاتتىق ئازابلانغان ۋاقىتلىرىدا كۆپ قېتىم ئۇرغان ئاياللىرىنى ئويلاپ قالدى-يۇ، لېكىن يەنىلا ۋوتكىدىن ئىككى بوتۇلكا سېتىۋالدى.
ئۇ مېھمانخانىغا قايتىپ كەلدى. يەنە بىر سائەتتىن كېيىن كەچ كىرىپ، كورۇمبا ئاستىغىنا جانلىنىپ كېتەتتى. يول بويىدىكى قەھۋەخانا ۋە قاۋاقخانىلار ئېچىقلىق ئىدى. نېيت ياتىقىغا قايتىپ كىردى ۋە ئىشىكنى تاقاپ، بىر چوڭ پىلاستىك ئىستاكانغا لىقلاپ مۇز سالدى. ئۇ بوتۇلكىلارنى يانمۇيان قويۇپ قويغاندىن كېيىن بىرسىنىڭ ئېغىزىنى ئاچتى. ئاندىن مۇز ئۈستىگە ۋوتكىنى ئاستا قۇيغاچ ئۆزىگە ” ئىككى بوتۇلكىنى ئىچىپ قۇرۇقداپ ئاندىن توختىمىسام ” دەپ ۋەدە بەردى.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72