4- باب: پەنتەنېلغا كىرىش

ۋالدىر رۇزىي ناھايىتى يېقىشلىق ئادەم ئىدى، ئۇ كۆپلىگەن بىرازىلىيەلىكلەرگە ئوخشاشلا خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئۇنىڭ كىچىكلا بىر ئىشخانىسى بولۇپ، ئۆزى ۋە بىر كاتىپىلا ناھايىتى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنگلىز تىلىدىن پەخىرلىنەتتى.
ئۇ چوڭ بىر خەرىتىنى ئالدى-دە، پەنتەنېلنى كۆرسەتتى: ئادەتتىكى يولمۇ، ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولمۇ يوق. 100 مىڭ كىلومېتىردىن ئوشۇقراق سازلىق خەرىتىدە سوزۇلۇپ ياتاتتى.  خەرىتىنىڭ غەرب تەرەپىنى بويلاپ، بولىۋىياغا يېقىنراق يەردە 4 دانە قىزىل رەڭلىك بەلگە بار ئىدى.
” قەبىلىلەر مانا بۇ يەرلەردە تۇرىدۇ، ” دېدى ئۇ نېيتقا خەرىتىدىكى بەلگىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،” گۇۋاتو (Guató) ۋە ئايپىكىس (Ipicas) قەبىلىسى. “
” بۇ قەبىلىلەر خېلى چوڭمۇ؟ “
” بىزمۇ ئېنىق بىلمەيمىز، ” جاۋاب بەردى ۋالدىر. ۋالدىر ناھايىتى ئاستا ھەم ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۆزلەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنگلىز تىلى بىلەن بۇ ئامېرىكىلىقنى ھەيران قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتاتتى. ” يۈز يىل ئىلگىرى ئۇلار خېلى كۆپ ئىكەنتۇق. لېكىن قەبىلىلەر ناھايىتى ئاستا كۆپىيىدۇ، ھەم ئۇلارنىڭ سىرت بىلەن ئالاقىسى ئىنتايىن ئاز، ئۇلار 1000 يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى تاشلىماي كېلىۋاتىدۇ. “
” مىسسىيونېرلار قەيەردە تۇرىدۇ، بۇلارنى بىلىشكە بۇلارمۇ؟ “
” بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. ” دېدى ۋالدىر خەرىتىدىكى 2 بەلگىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ” بۇ يەرلەردە گۇۋاتو (Guató) قەبىلىسى تۇرىدۇ، بەلكىم مىسسىيونېرلار مۇشۇ ئەتراپتا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەك، بىرازىلىيەدە ئامېرىكا ۋە كانادىن كەلگەن مىسسىيونېرلىق بىلەن مەشغۇل بولىدىغان ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلاردىن ئاز دېگەندىمۇ يىگىرمىسى بار. بىرازىلىيەگە كىرمەك بەك ئاسان. ئۇيان-بۇيان ئايلىنىپ يۈرسىڭىزمۇ، كىملەر بۇ دۆلەتكە كىردى، كىملەر چىقىپ كەتتى، ئۇلار نېمىش قىلىۋاتىدۇ ھېچكىمنىڭ كارى يوق. “
نېيت خەرىتىدىن كورۇمبانى كۆرسىتىپ، ئاندىن يەنە بىر قىزىل بەلگىنى تۇتتى ۋە سورىدى :
” بۇ يەردىن بۇ يەرگە قانچىلىك ۋاقىتتا بېرىپ بولغىلى بولىدۇ؟ “

” ئايروپىلاندا بارساق بىر سائەت ئەتراپىدا، كېمىدە بارساق ئۈچ كۈندىن بەش كۈن ئەتراپىدا كېتىدۇ. “
” ئايروپىلاننى نەدىن تاپىمەن؟ “
” بۇ ئۇنداق ئاسان ئەمەس، ” دېدى ۋالدىر خەرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،” بۇ يەر كالا ڧىرمىسى. ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بۇ يەرگە كېمە بىلەن بارالىغاچقا، ئۇلار كىچىك ئايروپىلان ئىشلىتىدۇ. ماۋۇ كۆك رەڭدە بەلگە قىلىنغىنى ئايروپىلان ئۇچۇش يولى. مۇشۇ يولنى بويلاپ ماڭغان تەقدىردىمۇ، ئىندىيان قەبىلىلىرىگە بېرىش ئۈچۈن كېمىدە ئولتۇرىسىز. “
” ئايروپىلان ئۇچۇش يولى خېلى ياخشىمۇ؟ “
” ھەممىسى يايلاق ئۈستىدە. بەزى ۋاقىتلاردا كالىلار يولدا ئوتلاۋاتقان بولغاچقا يەرگە قونماق خېلى تەس. “
” ئايروپىلاندا پەنتەنېلغا بېرىپ، ئاندىن قولۋاق ئىجارە ئېلىپ ماڭسامچۇ؟ “
” ئۇنداق قىلالمايسىز. قولۋاقلارمۇ، يول باشلىغۇچىلارغمۇ كورۇمبودىلا بار. “
” مەن بۇ رايوندىن ئۇچۇپ ئۆتۈشنى ئويلاۋاتىمەن. ” دېدى نېيت.
ۋالدىر خەرىتىنى يىغىۋېتىپ :” مەن بىر ئايروپىلان ۋە ئۇچقۇچىنى تېپىپ بېرەلەيمەن. “
” كېمەچۇ؟ “
” ئىزدىنىپ كۆرەي. ھازىردىكىدەك كەلكۈن مەزگىلىدە كۆپىنچە كېمىچىلەر ئىشلەيدۇ. بۇ يەردىكى دەريالار يۇقىرىسىغا ئاقىدۇ. ئاگاھلاندۇرمىسام بولمايدۇ، ئايروپىلاندا مېڭىش خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىن. ئايروپىلانلار بەك كىچىك، ئەگەر ماتوردىن بىرەر چاتاق چىقسا، بۇنداق ئەھۋالدا ئايروپىلاننى قوندۇرۇدىغان يەر يوق. بىر ئاي بۇرۇن بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى، ئۇلار ئايروپىلاننى بىر ئېقىنغا يېقىن يەردىن، تىمساھلار ئارىسىدىن تېپىپتۇ. “
” ئايروپىلاندىكى كىشىلەرچۇ؟ “
” بۇنى تىمساھتىن سورىسىڭىز بولىدۇ. “
ئۇلار دېرىزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ سىرتتا ئۆتۈشۈپ تۇرغانلارغا قارىدى. ” مەنچە يولباشلىغۇچى تېپىلدى، ” دېدى ۋالدېر،” ئاۋۇ يىگىت ئەمدىلا ھەربىيلىكتىن قايتقان. ئىنگلىزچىنى ياخشى سۆزلەيدۇ، ئۇ يىگىتنىڭ دادىسى ئىلگىرى سۇ يولى يول باشلىغۇچىسى ئىدى. “
كوچىنىڭ قارشى تەرىپىدە قىزىل رەڭلىك ۋىۋىسكا ئېسىلغان بىر كىچىك قاۋاقخانا بار بولۇپ، ئىچىگە 3 دانە ئۈستەل قويۇلغان ئىدى. مۇشۇنداق ئىسسىق، كۆڭۈل يىغىلىشنى خالاپ تۇرىدىغان كۈندە ئىككىيلەن بىر ئۈستەلگە چوڭ بوتۇلكىلىق پىۋىنى تىكلىۋېلىپ، سوغۇق ئىچىملىك ئىچسە ئادەمنىڭ كۆڭلىگە راسا ياقاتتى.
نېيتنىڭ بېشى قېيىپ، يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىپ، تىنىقى توختاپ قالغاندەك بولدى. ئۇنىڭ قوللىرى تىترەۋاتاتتى. ئۇ پىۋىنىڭ تەمىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇنىڭ يامان ئادەتلىرى يەنە باشلىناي دەۋاتاتتى. ئۇ چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋالدى-دە، پىۋا خۇمارى غايىب بولدى. ئۇ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
نېيت ۋالدېرغا رەھمەت ئېيتىپ ئىشخانىدىن ئايرىلدى. ئۇ دەريا تەرەپكە  كېلىپ كىچىك بىر باغچىدا توختىدى. كەچ بولۇپ قالاي دېگەن بولسىمۇ ھاۋا ئىسسىق ئىدى. ئۇنىڭ بەدەنلىرى تەرلەپ، كۆڭلىكى مەيدىسىگە چاپلىشىپ قالغان ئىدى. بايام ۋالدېرنىڭ ئىشخانىسىدا كۆڭلىدىن كەچكەن يامان ئويلار ئۇنى قورقىتىپ قويغان ئىدى. ئۇ دالا تامىقى ئۈستىلىنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ كۆز ئالدىدا كەڭرى سوزۇلۇپ ياتقان پەنتەنېلغا نەزەر تاشلىدى. كۈن  بۇ يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان بولىۋېيان تاغلىرىنىڭ كەينىگە ئۆزىنى ئېتىۋاتقاندا بىر مۇزىكانت گىتار چېلىشنى باشلىغان ئىدى.

بىر ئۇچقۇچى بۇرۇنراق ئۇچۇپ، چۈشكىچە  كورۇمبوغا قايتىپ كېلەلىسە  ئۇچۇشقا قوشۇلدى، چۈنكى روجىستۇۋا ھارپىسى  كەپ قالغان ئىدى.
ۋالدېر جەۋىي ئىسىملىك بىر يول باشلىغۇچىنى تاپتى، ئۇ 24 ياشقا كىرگەن بولۇپ، توي قىلمىغان ھەم كۈچلۈك ئىدى. ئۇ بېشىغا چىغ قالپاق، ئاستىغا قىسقا ئىشتان، پۇتىغا قارا رەڭلىك ھەربىيلەر ئۆتۈكى كىيىۋالغان، بېلىگە پارقىراق پىچاق ئېسىۋالغان پېتى ئوردا مېھمانخانىسىغا (Palace Hotel ) يۈگۈرگىنىچە يېتىپ كەلدى. نېيت ئۇنى تىزلا ياقتۇرۇپ قالدى.
بۇ يىگىتنىڭ ماشىنىسى كونا بولسىمۇ ئەمما ئورمانلىقلاردا تازا چېپىپ قوياتتى. ئۇلار قىزىل چىراغلاردا ماشىنا سۈرئىتىنى ئازراق ئاستىلىتىپ، توختاش بەلگىلىرىگە دىققەتمۇ قىلماستىن ماشىنىنىڭ گۈدۈكىنى ( لابا ) ئۇرغىنىچە كورۇمبا كوچىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتتى. جەۋىي خۇددى مۇسابىقىگە چۈشكەن شوپۇردەك سۆزلەپلا تۇراتتى. لېكىن نېيتنىڭ قۇلىقىغا بىر سۆزىمۇ كىرمىدى.  ماشىنا ھەر بىر تۆت كوچا دوقمۇشىغا كەلگەندە ئۇنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك بۇلاتتى.
ئايروپورت قۇرۇق تۇراتتى. ئۇچقۇچىنىڭ ئىسمى مىلتونمۇ، ئىشقىلىپ ئۇ ئىنتايىن چىقىشقاق ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ روجىستۇۋا بايرىمىدىن بۇرۇن ئۇچقۇسى ياكى خىزمەت قىلغۇسى يوقلىقى مانا دەپلا چىقىپ تۇراتتى.
” قورقمايۋاتقانسەن-ھە، ” ئۇچقۇچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچقىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندا نېيت جەۋىيدىن سورىدى.
جەۋىي كۈلۈپ تۇرۇپ:
” نېمىشقا قورققىدەكمەن. ئۇچقۇچىمىزنىڭ كىچىكلا 4 بالىسى ۋە چىرايلىق ئايالى تۇرسا، ئۇ ئالدىراپ ئۆزىنىڭ ھاياتنى دوغا تىكمەيدۇ. “
ئۇلار بىردەمدىلا  كورۇمبا ئاسمىنىغا كۆتۈرۈلدى. شەرق ۋە شىمال تەرەپتە بىر نەچچە كىچىك ئېقىنلار ئەتراپلارنى ئايلىنىپ ئېقىپ بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كېتەتتى. كەلكۈن مەزگىلى بولغاچقا  ئېقىنلاردا لىق ئېقىۋاتقان سۇلار نۇرغۇن جايلاردا ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ كېتەتتى.
غەرب تەرەپتە يىراقلارداچوقچىيىپ تۇرغىنى بىلىۋىيا تاغلىرى ئىدى. تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئاسمان قاراڭغۇراق كۆرۈنەتتى. مىلتون ئايروپىلانى بۇلۇتلارنىڭ ئاستى تەرەپتىكى 4000 مېتىر  ئېگىزلىككە پەسلەتتى. ئۇ ھاۋانىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتاتتى.
” قېنى يەنە بىر نەچچە مىنۇت ئۇچۇپ باقايلى. ” دېدى جەۋىي. مىلتوننىڭ ئۆيگە قايتقۇسى كەپلا تۇراتتى… نېيت بولسا ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئىندىيانلار كەنتىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن قايتىشنى ئويلايتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە  بولسا ئايروپىلان بىلەنلا رىيچېل بار يەرلەرگە بېرىپ، ئاندىن ئۇنى ئېلىپ كورۇمباغا قايتىپ كەلسەمكەن، ئاندىن ياخشىراق بىرەر قەھۋەخانىغا كىرىپ  چۈشلۈك تاماق يېگەچ ئولتۇرۇپ تروي ئەپەندىمنىڭ ۋەسىيىتى توغرىسىدا پاراڭلاشساقكەن دېگەن ئارزۇسى غۇۋا پىلىلداپ تۇراتتى.
ئايروپىلان دېرىزىلىرىگە يامغۇر تامچىلىرى چۈشۈشكە باشلىدى. مىلتون 3000 مېتىر ئېگىزلىككە پەسلىدى. تاغ تەرەپتىن قاتتىق شىۋىرغان ئۇلار تەرەپكە قاراپ يالماپ كېلىۋاتاتتى. بوران ئايروپىلانغا ئۇرۇلۇشى بىلەن ئايروپىلان تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كەتتى. نېيت ئايروپىلاننىڭ ئۈستىگە ئۈسۈۋالدى، ئۇ قورقۇپلا كەتكەن ئىدى.
” دەرھال ئارقىمىزغا قايتايلى! ” توۋلىدى جەۋىي.
مىلتوننىڭ پېشانىلىرى تەرلەپ كەتكەن ئىدى. ئايروپىلان ئوڭ تەرەپكە ناھايىتى تەستە يۆتكەلدى. كورۇمبا تەرەپنىڭ ئاسمىنى قاراڭغۇچىلىق قاپلىغان ئىدى. مىلتون ئايروپىلاننى تېزلىكتە شەرققە بۇرىدى ۋە جەۋىيگە بىرنەرسىلىرىنى دېدى.
” ھازىر كورۇمبا تەرەپكە ئۇچالمايدىكەنمىز،”  توۋلىدى جەۋىي،” مىلتون ئايروپىلان ئۇچۇش يولى بولغان بىرەر مەيداننى ئىزدەۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاندا بىز  بوران ئۆتۈپ كەتكۈچە شۇ يەردە قونۇپ تۇرالايمىز. “
نېيت دېرىزىدىن سىرتقا قارىدى. سىرت قاپقاراڭغۇ بولۇپ، ئايروپىلان ئۇچۇش يولى بولغان كىچىكرەك بىرەر مەيدانمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئىككى سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئايروپىلان 100 مېتىر پەسلەپ بولغان ئىدى. مىلتون ئايروپىلاننى يەرگە قارىتىپ رولنى بېسىۋاتاتتى. ئۈستىدە  گۈلدۈرلەپ چېقىۋاتقان چاقماق ئاۋازى ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىگىچە ئۆتەپ كەتمەكتە ئىدى.
نېيتنىڭ كۆزىگە ئۇلارنىڭ ئاستىدا ئېقىۋاتقان بىر ئېقىن چېلىقتى. تۇرۇپلا  ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ھېلىقى تىمساھلار ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ سازلىقلارغا چۈشۈپ كەتكۈسى يوق ئىدى.
مىلتون ئايروپىلاننى 300 مېتىر ئېگىزلىككە پەسلەتتى. مۇشۇنداق بولغاندا  بىرەر مەيداننىڭ ئازراق قىسمىنى بولسىمۇ كۆرگىلى بولاتتى. تېيت يەردە بىر ئاق نەرسىنى كۆرۈپ قالدى ۋە ” كالا! كالا! ” دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى.
ئۇلار ئايروپىلان يولىنى بەك كېچىكىپ كۆرگەن ئىدى، بۇنداق بوراندا ئۇلار قونالمايتتى، شۇنداق بولسىمۇ مىلتون قاتتىق بورانغا قارىماي ئايروپىلاننى قوندۇرماقچى بولدى. نېيت تاياق كۆتۈرۈۋالغان بىر بالىنىڭ ئوتلاقنى كېسىپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ تەرەپتە بولسا بىر كالا ئايروپىلان يولىدىن يۈگۈرگىنىچە قېچىۋاتقان ئىدى. نېيت جەۋىيغا قارىدى. جەۋىي كۆزلىرىنى،ئېغىزىنى يوغان ئاچقىنىچە دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ قېتىپ قالغان ئىدى. ئايروپىلان يەرگە سوقۇلدى. بوران ئايروپىلاننى ھاۋاغا بىر كۆتۈرۈپ يەرگە قاتتىق تاشلىدى.
” كالا! كالا! “
ئايروپىلان پەۋقۇلاددە يوغان بىر كالىغا قاتتىق سوقۇلغان بولۇپ، ھەممە دەرىزىلەر ئاجراپ ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى.  ئۇ ئۈچىسى ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى توۋلاشقىنىچە يەرگە قاتتىق سوقۇلدى.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72