3-باب: نېينىڭ ۋەزىپىسى

 

3-باب: نېينىڭ ۋەزىپىسى

نېيت دېرىزە ئالدىغا كېلىپ بىر كىلومېتىر تۆۋەندىكى مىششىن جىلغىسىغا نەزەر تاشلىدى. مىششىن جىلغىسى يېڭى ياققان قار بىلەن قاپلانغان ئىدى. ئۇ تۇرۇپلا روجىستۇۋا بايرىمى يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى-دە،كۆڭلى يېرىم بولدى. پەستە بالىلارمۇ كۆرۈنمەيتتى، ئۇلار چوڭ بولۇپ كەتكەن ياكى ئانىلىرى ئېلىپ كەتكەن ئىدى. نېيت يەنە بىر روجىستۇۋا كەلسە، باشقا ئىچەرمەنلەر بىلەن بىرەر قاۋاقخانىدا بىر ئولتۇرۇۋېلىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتى.
ئۇ ئەتىگەنلىك تاماققا سېستراسى سىرجىيو بىلەن قەھۋە ئىچكەن ئىدى. يېقىنقى تۆت ئايدىن بۇيان سىرجىيو نېيتنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ نېيت ئوۋرايلىنىڭ قىرتىق ھاياتىغا ئائىت ھەممە نەرسىلەرنى بىلەتتى.
” بۈگۈن بىر مېھمىنىڭىز بار. سىتەڧورد ئەپەندىم سىزنى يوقلاپ كەپتۇ.” سىرجىيو ئېيتتى.
“ۋاھ، بەك ياخى بولدى.”
جوش ئۇنى ھەر ئايدا بىر قېتىم يوقلاپ تۇراتتى. جوش ياتاققا  كىرىپ كەلگەندە نېيت ئارام ئېلىۋاتقان ئىدى.
” قارىماققا يامان ئەمەس تۇرغاندەك قىلىسەن،” ئېيتتى جوش ،” ئەھۋالىڭ قانداق؟ “
” جوش، مەن بۇ يەردىن چىقىپ كەتسەم بۇلاتتى.”
“دوختۇرۇڭ بىر ياكى ئىككى ھەپتىدىن كېيىن چىقىپ كەتسە بولىدۇ دەيدىغۇ. “
” بەك ياخشى بولدى، ئۇنداقتا مەن شىركەتكە قايتالايمەندىكەندە؟ “
” ئۇنداق ئالدىراپ كەتمە، نېيت. يەنە باشقا ئازراق باش ئاغرىقىڭ بار. سەن ۋەيران بولۇشتىن ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ، لېكىن باج مەسىلىسى يەنىلا بېشىڭدىلا. “
1992- يىلىدىن 1995- يىلغىچە نېيت باشقا يەردىن كەلگەن 600 مىڭ دوللار ئەتراپىدىكى كىرىمىنى يوشۇرغان ئىدى.
” ئۇنداقتا مەن نېمە قىلسام بولىدۇ؟ ” سورىدى نېيت،” سېنىڭچە مەن تۈرمىگە كىرىپ كېتەرمەنمۇ؟ “
” تروي ڧىلەن ئۆلدى،” دېدى جوش. نېيت بىر ئازدىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ گېپىنى چۈشەندى.
” مەن بىلمەيدىكەن، بۇ قاچان بولغان ئىش؟ “
“4  كۈن بۇرۇنقى ئىش، بىنادىن سەكرەپ. ئۇ ئىككى ۋەسىيەتنامىگە ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىن دېرىزىدىن ئۆزىنى تاشلىۋالدى. ۋەسىيەتنامىنىڭ بىرىنى مەن تەييارلىغان، يەنە بىرىنى ئۇ ئۆزى تەييارلىغان ئىكەن. ئۇ ھەممە بايلىقىنى نىكاھسىز تۇغۇلغان، مەن ئىلگىرى ئاڭلاپمۇ باقمىغان قىزىغا مىراس قالدۇرۇپتۇ. مەن سېنىڭ ئۇنى تېپىپ چىقىشىڭنى ئىستەيمەن.”
” مەن؟ “
” ھەئە، بىز ھازىر ئۇنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمىز. “
” تروينىڭ قانچىلىك بايلىقى باركەن؟ “
” باجنى چىقىرىۋەتكەندە، تەخمىنەن بىر مىليارد بىر يۈز مىليون دوللار ئەتراپىدا. “
” ئۇ قىزى بۇنى بىلەمدىكەن؟ “
” ياق. ئۇ تروينىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. “
” ئۇ ھازىر نەدىكەن؟ “
” ئويلىشىمچە، ھازىر بىرازىلىيەدىكەن. ئۇ بىر مىسسىيونېر ئىكەن.  بىر ئىندىيان قەبىلىسىدە ئىشلەۋېتىپتۇ. “
” قانچىلىك ۋاقىت كېتەر مەن ئۇنى تاپقۇچە؟ “
” بۇ پەقەت مۇنداقلا پەرەز، لېكىن 10 كۈن ئەتراپىدا كېتەرمىكىن. ئۇنداق ئالدىرىمىساقمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى تاپماق بەك تەس بولۇشى مۇمكىن. “
” ئۇ بىرازىلەينىڭ قەيىرىدە تۇرىدىكەن؟ “
” غەربىدە، بېلىۋىياغا يېقىن بىر يەردە.  ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقان مىسسىيونېرلار ئەترىتى خىزمەتچىلىرىنى يىراق ئورمانلىقلارغا، يەنى تاش دەۋرىدە قالغان ئىندىيان قەبىلىلىرى ياشايدىغان يەرلەرگە ئەۋەتىدىكەن، ئۇلار قەبىلىلەرگە ياردەم بېرىدىكەن. “
” سەن دېمەكچى، مەن ئاشۇ ئورمانلىقلارغا بېرىپ، ئاشۇ ئىندىيانلارنى تاپىمەن. ئاندىن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ ئامېرىكىدىن كەلگەن بىر دوستانە ئادۇكات ئىكەنلىكىمنى ئېيتىمەن. ئاندىن ئۇلار ماڭا ياردەملىشىپ باشقىلارنىڭ ئۆزىنى بايقاپ قېلىشىنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىغان ھېلىقى ئايالنى تېپىشىپ بىرىدۇ. “
” ھەئە، شۇنداقراق. سەن بۇلارنى بىر تەۋەككۈلچىلىك ساياھىتى دەپ ئويلىساڭلا بولمىدىمۇ. شۇ بىرىمىز چوقۇم بېرىشىمىز كېرەك، نېيت.  مەركىزىمىزدىن بىر ئادۇكات ئۇ ئايال بىلەن يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا بۇ ۋەسىيەتنامىنىڭ كۆپەيتمىسىنى كۆرسەتمىسە، ئۇنىڭغا بۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۇنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىنى ئاڭلىمىسا بولمايدۇ. بۇ ئىشنى بىرازىلىيلىك بىرەر ئادۇكات پۈتتۈرەلمەيدۇ. “
” ئەگەر مەن ياق دېسەمچۇ؟ ” سورىدى نېيت.
جوش كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
” ئۇ چاغدا باشقا بىرسىنى تاپىمىز-دە. ئۇنى بىر دەم ئېلىش دەپ ئويلىساڭلا بولمىدىمۇ. سەن قويۇق ئورمانلىقلاردىن قورقمايسەن، شۇنداققۇ؟ “
” ئەلۋەتتە، قورقمايمەن.”
” ئەمسە تاماشا قىلغاچ بېرىپ كەلسەڭ بولمىدىمۇ.  قوشۇلساڭ، كېلەر ھەپتە ماڭساڭ بولىدۇ. “
” مەن ئۇ يەرلەرگە دەم ئېلىشقا بارغۇدەكمەن؟ بەك ياخشى پىكىركەن بۇ!! “
” سېنىڭ روجىستۇۋانى ئۆتكۈزگۈڭ يوقمۇ؟ بالىلىرىڭ قانداق قىلىدۇ روجىتسىۋۇدا بايرىمىدا؟ “
نېيتنىڭ ھەر بىر ئايالىدىن ئىككىدىن تۆت بالىسى بار ئىدى. بىرى ئاسپىرانتلىق ئوقۇۋاتاتتى، يەنە بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيتتى، قالغان ئىككىسى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيتتى.
” مەن ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەيۋاتىمەن.”
” كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلمىغىن.” دېدى جوش. نېيت ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى قىلىپ تۇراتتى. ئايالىنىڭ ئىككىلىسىنىڭ ئادۇكاتى بار ئىدى، تېلېفون قىلىپ پۇل سورايتتى. ئالدىنقى يىلى چوڭ بالىسىغا  مەكتەپ راسخوتى ئۈچۈن پۇل لازىم بوپ قالغاندا،  بالىسى جوشقا دادىسىنىڭ سالامەتلىكنى سوراپ ئەمەس بەلكى دادىسىنىڭ شىركەتتىكى پېيىنىڭ پايدىسىنى سوراپ  تېلېفون قىلغان ئىدى.
” ئۇ يەر ئامازون تەرەپتىمۇ؟ “
” ياق. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سازلىق پەنتەنېلدا. “
” مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نېمىش بولىدۇ؟ مەن ئىشخانامغا قايتامدىمەن، ھەم ئىزچىل شىركەتنىڭ خادىمى بولامدىمەن؟ “
” مەن بىلمەيمەن، نېيت. بۇ سېنىڭ 10 يىل ئىچىدە تۆتىنچى قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىشىڭ. ھازىر ئىشقا چۈشىمەن دېسەڭ، بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئادۇكاتلاردىن بولۇپ 6 ئاي ئىشلەرسەن. كونا دوستلىرىڭنى، كونا قاۋاقخانىلارنى، كونا ئۈلپەتداشلىرىڭنى تاشلارسەن، ھەم ياخشى ئىشلەپ كېتەرسەن. ئاندىن بىر يەرلەردىن يەنە چاتاق چىقار. يا بىر كونا دوستۇڭ سېنى ئىزدەپ كېلەر، يا باشقا يەردىن بىر قىز ساڭا ئۇچراپ قالار. شۇنداق قىلىپ يەنە يامان خۇيۇڭنى تېپىۋالارسەن. لېكىن مەن بۇنداق ئىشلارنىڭ بولۇشىنى خالىمايمەن.”
” بىرازىلىيەنىڭ سازلىقلىرىدا بىر نەچچە ھەپتە يۈرسەم.. ھىم، ئاڭلىماققا خېلى ياخشىدەك بىلىنىدىكەن. “
” ئۇنداقتا، سەن بېرىشقا قوشۇلدۇڭ؟”
” ھەئە. “
جوش ئۇنىڭغا ڧىلەننىڭ بايلىقىغا ئائىت بىر دانە قېلىن ماتېرىيالنى بەردى، ئۇنىڭدا بۇ يېڭى سىرلىق مىراسخورنىڭ ئىسمى بار ئىدى.  نېيت شىمالى ئامېرىكا ئىندىيانلىرىغا ئائىت ئىككى كىتابنى سەككىز سائەت كۆرۈپ چىقتى. ئۇ تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ بۇ تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىگە قىزىقىپلا كەتتى.
سېرجىيو ئۇنى تەكشۈرگىلى كىرگەندە، نېيت كارىۋاتتا ئولتۇرۇۋالغان بولۇپ، ئەتراپىدا قەغەزلەر چېچىلىپ  ياتاتتى. ئۆزى بولسا باشقا بىر دۇنيانى خىيال قىلىۋاتاتتى.
” ئەمدى دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان ۋاقىت كەلدى.” دېدى نېيت.
” ھەئە، شۇنداق.” دېدى سېرجىيو جاۋابەن.

مىراسخورلار يېڭى ئۆيلەرنى ئېلىشىپ، يېڭى ماشىنىلارغا مىنىشكەن ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەڭ ياخشى شەخسى ئايروپىلانلارنى تېپىپ بېرىدىغان، قانداق ئاتنى سېتىۋېلىش ھەققىدە يول كۆرسىتىدىغان كىشىلەرنى ياللىۋالغان ئىدى. بەزىلىرى بۇرۇنقى ئادۇكاتلىرىنى ئىشتىن بوشىتىپ، يېڭى ئادۇكاتلارنى ياللاپ ئىشلەتكەن ئىدى. مىراسخورلار قاتتىق قەرزگە بوغۇلغان ئىدى.

ڧىلەن دەۋاسىنىڭ ھۆججەتلىرى سوتچى ڧ. پار ۋىيكىلىڧنىڭ ئۈستىلى ئۈستىگە قويۇلغان ئىدى. ڧ. پار مىيكىلىڧ بۇنىڭدەك بىر داڭلىق دەۋانى قولىغا ئالغانلىقىدىن ناھايىتى ھاياجانلانغان بولۇپ، ئۇ جوش سىتەڧوردنى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا بۇيرىدى.
” تروي ۋەسىيەتنامە قالدۇرغانمۇ؟ ” سورىدى سوتچى.
” ھەئە، ۋەسىيەتنامە قالدۇرغان. “
” ۋەسىيەتنامە ھازىر نەدە؟ پۇللار قاچان مىراسخورلارغا تاپشۇرۇلىدۇ؟ “
” ۋەسىيەتنامە ،” دېدى جوش،” ماڭا بۇ دەۋانى ھاۋالە قىلغۇچى مەندىن 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ساقلىشىمنى سورىغان. “
” نېمە ئۈچۈن؟ “
بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي ئىدى. تروي ئاچكۆز بالىلىرىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئۆزلىرىگە ھېچنېمە قالدۇرۇلمىغانلىقىنى بىلىشتىن بۇرۇن كۆپلىگەن پۇللىرىنى خەجلەپ تۈگىتىۋېتىشنى ئويلىغان ئىدى.
” مەن بىلمەيمەن،” دېدى جوش.
” ۋەسىيەتنامىدە نېمىلەر دېيىلگەن؟ “
” مەن ھازىر دېسەم بولمايدۇ. “
” مەن ڧىلەن ئائىلىسىگە ھېسداشلىق قىلىۋاتىمەن، ” دېدى سوتچى،” ئۇلارنىڭ ۋەسىيەتنامىدە نېمىلەر يېزىلغانلىقىنى بىلىش ھوقۇقى بار. مەن 12- ئاينىڭ 27-كۈنى ۋەسىيەتنامىنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشنى قارار قىلىمەن. “
ڧىلەننىڭ ئاياللىرى، ئۇلارنىڭ ئادۇكاتلىرى، ئۇلارنىڭ يېڭى دوستلىرىنىڭ ڧىلەننىڭ ئۇلارغا ھېچنېمە قالدۇرمىغانلىقىنى چۈشەنگەندىكى يىغلاشلىرى ،قاغاشلىرىنى ئويلاپ، گېزىتنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپىدىغانلىقى ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئويلاپ جوشنىڭ كۈلگۈسى كەلدى. لېكىن  ئۆزىنى تۇتۇۋالدى.
” 12- ئاينىڭ 27- كۈنى بولسا مەن قوشۇلىمەن. ” دېدى جوش.
” ياخشى، ”  دېدى سوتچى،” مەن ھەممە كىشىلەرگە بىلدۈرىمەن. ھەم نۇرغۇن ئادۇكاتلارمۇ كېلىدۇ. “
” تروينىڭ ئۈچ ئايالى ۋە 6 بالىسى بار. شۇڭا  توققۇز نەپەر ئادۇكاتلار باشلىقى بولغىنى تۈزۈكمىكىن. “
” سوتخانىمىز بۇنچىلىك كۆپ ئادەملەرنى سىغدۇرىدۇ. “
” مەن ۋەسىيەتنامىنى سىزنىڭ ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ” دېدى جوش.
سوتچى ۋىكىلىڧنىڭ شۇنداق قىلغۇسى بار ئىدى. ئۇ ئاشۇ كۈندە نېمىشلار بولىدىغانلىقى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆردى: توپلىشىپ كەتكەن كىشىلەر، ئۇ لىپاپىنى ئاچقاندا شۇنداق جىمجىت بىر كۆرۈنۈش. بىر مىليارد بىر يۈز مىليون پۇلنى ئايرىپ بېرىدىغان بىر ۋەسىيەتنامىنى ئوقۇش ۋىكىلىڧ ئەڭ قانائەتلىنىدىغان بىر ئىش ئىدى.
” مۆلچەرىمچە، بۇ ۋەسىيەتنامە چوقۇم قىزىقارلىق….” دېدى سوتچى.
” ھەئە، شۇنداق. “
سوتچىنىڭ يۈزىدە كۈلكە جىلۋىلەندى.

جوش بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا  نېيتنى دوختۇرخانىدىن ئاچىقىشنى ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلىدى. ئۇ دوختۇرخانىغا بىر سومكا كىيىم، پاسپورت، بېلەت ۋە يېتەرلىك پۇلنى كۆتۈرگىنىچە يېتىپ كەلدى.
” قانداقراق ھېس قىلىۋاتىسەن؟ ” ماشىنىنى شىمال تەرەپكە ھەيدىگەچ سورىدى جوش.
” ئەڭ يېقىندىكى دۇكاندا توختىساڭ بوپتىكەن؟ “
” ئەلۋەتتە، بولىدۇ. ئەمما نېمىشقا؟ “
” ئازراق پىۋا سېتىۋالاي دەيمىنا. “
” قىزىقچىسەن-ھە! “
“چوڭ قۇتىلىق كوكا كولانى سەت سېغىندىم. “
نېيت ماشىنىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جوش دېدى:
” سېنىڭ ئايروپىلانىڭ ساپپوۋلۇغا بارىدۇ. ئاندىن كەمپو گرەند دەيدىغان بىر شەھەرگە بارىسەن. “
” ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئىنگلىزچە سۆزلەمدۇ؟ “
” ياق، ئۇلار بىرازىليەلىك. بىرازىلىيەلىكلەر پورتۇگال تىلىدا سۆزلىشىدۇ. “
” كەمپو گرەند دېگەن بۇ شەھەر چوڭمۇ؟ “
” بىر يېرىم مىليون نوپۇسى بار. لېكىن ئۇ يەر سەن بارىدىغان مەنزىل ئەمەس. سەن بۇ شەھەردە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، كۇرۇمبا دېگەن يەرگە   ئۇچىسەن. بۇ يەردە سېنى ۋالدىر رۇزىي ئىسىملىك بىر ئادۇكات كۈتۈۋالىدۇ. ئۇ ئىنگلىزچە سۆزلىيەلەيدۇ، ئۆزىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئادەم.
” ۋالدىر دېگەن بۇ ئادەم بىلەن نېمە ئىش قىلىمەن مەن؟ “
” ئۇ سېنى پەنتەنېلغا قولۋاق بىلەن ئاپىرىپ قويىدىغان يول باشلىغۇچى ئىزدەۋاتىدۇ. پەنتەنېل ئاساسەن سازلىق ۋە ئېقىنلار بىلەن قاپلانغان رايون. “
” ھەقاچان يىلان، تىمساھلارمۇ بار. “
” ۋاي، قورقمىساڭمۇ بولىدۇ، ” دېدى جوش ئارقا ئورۇندۇقتىكى سومكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،” سومكىنى ئاچقىنە. “

نېيت قوڭۇر رەڭلىك خرومدىن تىكىلگەن سومكىنى تىزىغا قويۇپ ئاچتى.
” بۇ ئويۇنچۇقمۇ نېمە،” دېدى نېيت.
” ياقەي، بۇ دېگەن ئەڭ يېڭىدىن بازارغا كىرگەن يانڧۇن. ئاۋۇسى ئەڭ يېڭى  كومپيۇتېر. بەك كىچىكمىكەن؟ “
” ھە راست شۇنداقكەن، مۇشۇلارنى سازلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ،يىلان،  تىمساھلار كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ تۇرىدىغان يەردە ئىشلىتىمەن دېگىنە. “
” سەن ئۇ ئايالنى ئۇچراتقان ۋاقتىڭدا، ماڭا دەرھال خەۋەر قىلىسەن. “
” بۇ نېمە؟ “
” ھە، ئۇ دېگەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى قۇرال. سۈنئىي ھەمراغا ئۇلىنىدىغان تېلېفون. سەن ئۇنى يەرشارىنىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئىشلىتەلەيسەن. باتارېيەلەرگە توك قاچىلاپ تۇر. شۇنداق بولغاندا مەن بىلەن دائىم ئالاقە قىلىپ تۇرالايسەن. “
” ئىندىيانلار رايونىدا توك بارمۇ؟ “
” ئەلۋەتتە ئۇ يەرلەردە توك يوق. “
” ئۇنداق بولسا قانداق توق قاچىلايمەن بۇ تېلېفونغا؟ “
” ئۆزۈڭ بىر ئامال قىلمامسەن. “
ئادەملەر بىلەن تولغان ئايروپورتتا ئۇلار سۇس تەييارلانغان قەھۋە ئىچىشتى، گېزىت ئۇقۇشتى. جوش قاۋاقخانىلاردىن يىراق تۇراتتى. نېيت ئۇنداق ئەمەس ئىدى.
” قانداقراق، چاتاق يوقتۇ؟”
“مەن ياخشى. شۇ سەن سەل تۇرۇپ كەتسەڭ، يۈگۈرۈپلا بېرىپ ۋوتكا ئىچىۋالايمىكىن دەيمەنغۇ. “
” ساڭا ئىشىنىمەن. ” جوش ئۇنىغا يالغان ئېيتتى.
” ئۇنداقتا كېتىۋەر. مەن بىر چوڭ ئەر، ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ. “
ئۇلار ئايروپىلانغا چىقىش ئىشىكى ئالدىدىلا خوشلاشتى. يېرىم كېچە بولغاندا، ئايروپىلان كارپ دېڭىزى ئاسمىنىدا ئۇچۇۋاتقاندا نېيت ئۇخلاپ قالدى.

ئايروپىلان يەرگە قونۇش بىلەن، ئۇچقۇچى چىقىپ كەمپۇ گىرەنەگە كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. نېيت قولىدىكى خاتىرىسىنى ئوقۇۋاتاتتى: 6 مىليون نوپۇسى بار، كالا سودىسى مەركىزى بار، ھەم نۇرغۇن پادىچىلار بار. تەرەققىياتى ناھايىتى تىز.
نېيت ئايروپىلاندىن چۈشكەندە، بىر ئىسسىق ھاۋا ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلدى. روجىستۇۋا بايرىمىغا ئىككى كۈن بولسىمۇ، بۇ يەردە ھاۋارايى 35 سىلېسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ئىدى.
كورۇمباغا كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا نېيت ئاساسەن ئۇخلاپ چىققان ئىدى. كورۇمبا بېلۋىيان بىلەن قوشنا شەھەر بولۇپ، پەنتەنېلنىڭ مەركىزى، 90 مىڭ نوپۇسى بار. سۇ يولى قاتنىشى ۋە سۇ يولى سودىسى بۇ شەھەرنىڭ بەرپا بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەب، بۇ ئىككىسى بولمىسا بۇ شەھەرمۇ بولمايدۇ. كورۇمبا كىچىك ھەم ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تۇرىدىغان بىر بازار:  سودىگەرلەر دۇكانلىرىنىڭ سىرتىدا ئۆز-ئارا پاراڭلاشقاچ خېرىدار كۈتۈشىدۇ؛ ياشلىرى موتوسىكلىت مىنىشىپ ماشىنىلار ئارىسىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزىشىدۇ؛كىچىك بالىلار بولسا يول بويىدىكى ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ ماروژنى يەيدۇ.
نېيت چۈشكەن ياتاق ئوردا مېھمانخانىسىنىڭ (Palace Hotel ) سەككىزىنچى قەۋىتىدە بولۇپ، ئىچىدە بىر تار كارىۋات، بىر ئۈستەل بىلەن بىر ئورۇندۇق،توڭلاتقۇ بار ئىدى. توڭلاتقۇ ئىچىدە بوتۇلكىغا ئېلىنغان سۇ ۋە پىۋىلار سېلىقلىق ئىدى.
ئۇ ھارغىن بەدەنلىرىنى كارىۋات ئۈستىدە سوزغىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72