خۇشاللىق ئىزدەش

يازنىڭ شوخ سۇلىرىغا قاراپ ئويغا چۆكۈپ كەتتىڭ. سەن ئويلايتتىڭ: ئەجەپ سۇلار-ھە! بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ھارمايدۇ، شىلدىرلاپ زادى ھارمايدۇ. بەزىلەر سېنىڭ دولقۇنلۇشۇڭنى ئۆزىنىڭ غەزەپلىنىشىگە سىموۋۇل قىلسا، سېنىڭ كېمەيگەنلىكىڭنى ئىچ پۇشۇقىغا ئوخشىتىشىدۇ. ئەمما سەن بۇلارغا پەرۋاسىز. لېكىن سەن خۇشاللىقنىڭ سىموۋۇلىسەن. چۈنكى ئۆزۈڭنىڭ ھەربىر تامچىسى ئارقىلىق قاغجىرىغان زىمىننى سۇغۇرىسەن، سۇلاشقان دەرەخلەرنى، گۈل-گىياھلارنى، ئوت-چۆپلەرنى ياشارتىسەن. دېمەك تەبىئەتنى بەھرىمەن قىلدۇرىسەن. شۇڭا سەن پەقەت خۇشاللىقنىڭلا سىموۋۇلىسەن، باشقا نەرسىنىڭ ئەمەس. خۇشاللىق ئىزدىگۈچىلەر سېنى ئىزدەشسۇن، سېنىڭ مېھنەتسىز روھىڭدىن ئۆگەنسۇن.

سەن سۇغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئويغا چۆمگەن ئىدىڭ. شۇنداق ئولتۇرۇۋىرىپ ساڭا سايىۋەن بولۇپ تۇرغان دەل-دەرەخلەرنىڭمۇ غازاڭ تاشلاشقا باشلىغانلىقىنى سەزمەيلا قالغان ئىدىڭ. بىرنەچچە تال ساپ-سېرىق يۇپۇرماق كۆز ئالدىڭدىن خۇددى ئۇسۇل ئويناۋاتقاندەك ئۇچۇپ چۈشكىنىدە ئاندىن كۈزنىڭ كىرىپ كەلگەنلىكىنى، پۇتۇڭنىڭ ئاللىقاچان تۆكۈلگەن غازاڭلار ئارىسىدا كۆرۈنمەيلا قالغانلىقىنى بايقىدىڭ. ئېغىر ئۇھسىنغىنڭچە يىراقلارغا نەزەر تاشلىدىڭ. بۇ پەيتتە يىراقتىن مۇڭلۇق ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى. كۆزلىرىڭگە يىراقتا قوي بېقىۋاتقان پادىچى بالا، شادا چېپىۋاتقان دېھقانلار تاشلاندى. يەنە ئويغا چۆمدۈڭ:نېمە دېگەن شادىمان كىشىلەر-ھە! توغرا، ئۇلار خۇشال بولۇشقا ھەقلىق. چۈنكى ئۇلار بەدەل تۆلەشنى ھەم بىلىدۇ، بەھىرلىنىشنىمۇ بىلىدۇ. يېزىچە تەرلەپ-پىشىپ ھاردىم دېمەي بەدەل تۆلەيدۇ. كۈزدە، قىشتا باشقىلار بىلەن ھوسۇلىدىن تەڭ بەھىرلىنىدۇ، خۇشال ناخشا ئېيتىشىدۇ. خۇشاللىق ئىزدىگۈچىلەر ئەنە شۇلاردىن ئۆگەنسۇن، قانداق بەدەل تۆلەشنى، قانداق ھۇزۇرلىنىشنى ھەم باشقىلارغا ھۇزۇر بەخش ئېتىشنى ئۆگۈنىۋالسۇن.

يۇپۇرماقلار شامالدا ھەريان ئۇچۇشماقتا. ئەمما ئويلۇرۇڭ ئاۋۋالقىدەكلا جىمجىت. ھاۋا تېخىمۇ سوۋۇپ، ئۆتكۈر خەنجەرلىرىنى يۈزلىرىڭگە سانجىماقتا. بىراق سەن يەنىلا ھەممىگە پەرۋاسىز، ھېچنىمىنى سەزمىگەندەك ئولتۇراتتىڭ. ئاخىرى ئاپئاق قار ئۇچقۇنلىرى كۆز ئالدىڭدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە ئاندىن قىش پەسلىنىڭ بۇ ماكانغا سالامغا كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدىڭ. لەپ-لەپ يېغىۋاتقان قار زىمىننى تازلىماقچى بولىۋاتاتتى. شۇنداق تۇرغىنىڭدا سوغۇق بىرنەرسە ئۇچۇپ كەلگەنچە يۈزىڭگە تەگدى. قار توپى ئۇچۇپ كەلگەن تەرەپكە قارىدىڭ. ئوماققىنە بىر قىز ساڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ قىز كۆزۈڭگە خۇددى قىزىل گۈلدەكلا كۆرۈنگىلىۋاتاتتى. قىزنىڭ سوغۇقتىن قىزىرىپ كەتكەن ئىككى مەڭزىدە كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، ئۇ ئاشۇ تاتلىق كۈلكىسى ئارقىلىق سېنى خۇشال قىلماقچى بولاتتى. ” ھوي، گالۋاڭ. ئولتۇرىۋەرمەي قوپۇڭە ئورنىڭىزدىن. قار ئېتىشىپ ئوينايمىز. ” سىڭلىڭنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، قولۇڭ سوغۇقتىن تىتىرەپ تۇرسىمۇ قارنى ئۇچۇمداپ ئېلىپ ئېتىشقا باشلىدىڭ. كۆڭلۈڭ تىل بىلەن تەرىپلىگۈسىز خۇشاللىققا تولىغىلىۋاتاتتى. سەن سىڭلىڭغا قار ئاتقاچ ئەتراپقا نەزەر تاشلىدىڭ. ئەتراپىڭ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىلەن تولغان ئىدى. سەن بۇ مەنزىرىلەرگە قاراپ ئۆزۈڭگە پىچىرلىدىڭ: مانا بۇ سىز، ئۇ ۋە مەن قاتارلىقلار ئىزدەۋاتقان خۇشاللىق. خۇشاللىق ئىزدىمەكچى بولسىڭىز مانا مۇشۇ كىشىلەردەك ئۆزىڭىزنىڭ كىچىككىنە ئەمگىكى ئارقىلىق، ئاددىيغىنا كۈلكىڭىز ئارقىلىق باشقىلارغا ھۇزۇر، خۇشاللىق تۇيغۇسى بەخش ئىتىڭ.

قاچانلاردىدۇ قولۇڭدىكى قارنىڭ ئىرىپ كەتكەنلىكىنى، ئەتراپىڭنىڭ يەنە يېشىللىققا پۈركۈنۈشكە باشلىغانلىقىنى بايقاپ قالدىڭ. ئاندىن ئۆزۈڭگە ” باھار كەپتۇ ” دەپ پىچىرلىدىڭ كۈلۈمسىرگىنىڭچە. راست، باھار كەلگەن ئىدى، يېشىللىق ئەلچىسى كەلگەن ئىدى. يىراقلارغا نەزەر تاشلىدىڭ. يېشىللىقتىن قانغۇچە ھۇزۇرلانماقچى بولدۇڭ. كۆزۈڭگە تاشلانغىنى لەگلەك ياساۋاتقان كىچىك بىر بالا بولدى. سەن ئۇنىڭغا ئاخىرغىچە قاراپ ئولتۇردۇڭ. ئۇ ئاخىرى لەگلىكىنى ياساپ بولدى. لەگلەك ئۈستىگە ” خۇشاللىققا چۆمگەن كۈنلەر ” دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىدى. ئۇ لەگلەكنى ئۇچۇردى. لەگلەكنىڭ ئۇچىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ چىھرىدا، ئەتراپتىكىلەرنىڭ چىھرىدا ھەم سېنىڭ چىھرىڭدىمۇ كۈلكە جىلۋىلىنىشكە باشلىدى. بالىلار لەگلەككە قاراپ چۇقۇرىشاتتى. كۈن چىقىش تەرەپتە بولسا بىرنەچچە كىشى يەر ھەيدەۋاتاتتى. ئۇلار تۇرۇپ-تۇرۇپ ناخشا توۋلاپ قويىشاتتى. شۇ ۋاقىتتا بىر بالىنىڭ ” تاغا، لەگلىكىمنىڭ يىپىنى ئىلىۋالدىڭىز ” دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. سەن ئۇ بالىغا قارىدىڭ. ئۇ سەبىيلەرچە كۈلۈمسىرەپ ساڭا قاراپ تۇراتتى. قاپقارا كۆزلىرى بولسا نېمىدىندۇر خەۋپسىرىگەندەك مۆلدۈرلەيتتى. ” لەگلىكىڭىزنىڭ يىپىنى تۇتىۋالسام نېمە بولىدۇ، ئوماق ئۇكام ” دەپ سورىدىڭ ئۇنىڭدىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ. ” نېمە بولاتتى، يىپى ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ-،دە لەگلىكىم چۈشۈپ كىتىدۇ. قىلغان ئەمگىكىم بىكار بولىدۇ، كۆڭلۈم غەش بولىدۇ، خۇشاللىغىم يوق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ئەتراپتىكى لەگلىكىمنىڭ ئۇچۇشىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان دوستلىرىمنىڭمۇ، سىزنىڭمۇ خۇشاللىغىڭىز يوق بولىدۇ ” دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ تەمكىنلىك بىلەن. كىچىك بالىنىڭ چۈچۈك تىلى بىلەن قايتۇرۇلغان جاۋاپ خىيال خۇشلىرىڭنى يەنە ئويغاتتى: راست،تۆلىگەن بەدەل بىكارغا كەتسە، زىيان تارتىدىغىنى سىزلا ئەمەس، بەلكى دوستلىرىڭىزمۇ زىياننى تەڭ تارتىدۇ، كۆڭۈللەر غەش بولىدۇ. سىز مەلۇم نەرسىدىن ئۆزىڭىزلا بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن پايدىلانسىڭىز ياكى ئۇنى توپلىسىڭىز بۇنىڭدىن ھەرگىز خۇشاللىق ھىس قىلالمايسىز. چۈنكى سىز ئادەم، ئادەم ئادەم بىلەنلا ئاندىن ئادەم. شۇڭا قىلغان ئىشلىرىڭىزدىن باشقىلارمۇ بەھىرلىنىشى كېرەك. شۇندىلا ئۆمۈرلۈك خۇشاللىقا ئىگە بولالايسىز.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72