قايتىش

قايتىش

قىپقىزىل گۆش كىچىك قۇش بولۇپ
تۇغۇلۇپ قالسام ئىدىم ناۋادا قايتا…

مۇمكىن ئەمەس
تۇغۇلغان سەن تۈمەن مىڭ يىللار ئىلگىرى
زەرىچە تۇغۇلغان ئاشۇ دەقىقىلەردە.
ئۆزى تۇرىۋاتقان يەردىن ھەيرەت ئىچرە تۇرۇپ قالمىغان
چۈشۈممۇ بۇ دەپ گۇمان ئىسكەنجىسىگە چۈشمىگەن
يۈزلىرىدىكى قاپقارا لايلارنى
قاپقارا لاي قوللىرى بىلەن ئېرتىۋېتىپ
“نۇر” نى كۆرۈپ، كۈلۈمسىرىگەن ئادەمنىڭ چىھرىدە.

گۆش بولۇپ ئۈسكەن سەن شۇنداق كۈنلەردە
ئەڭ سۈيۈملۈك بىر كىشى-
ئاياقلىرى جەننەت ئاچقۇچى
رازىلىقى دوزاق ياپقۇچى-
ئېغىر قورسىقىنى كۆتۈرۈپ
تىرىكچىلىك يۆلەكچىلىرى
زۇۋانسىز ئەمما مۆئمىن ھايۋانلارنىڭ رىسىقىنى ئىزدەپ،
خان يايلىقى دېگەن يەرلەردە
ساۋاتسىز باشلىقلارنىڭ قولىغا مىڭ قاراپ
ئىسسىقلاردا چېقىلىپ، تەرلىنىپ
بىر پارچە زەيكەش يەرنىڭ ئېگىسى بولغان ئاشۇ دەملەردە.

جىسمىڭ قوشۇلدى روھىڭغا بەلكىم
نەچچە تۈمەن مىڭ يىللاردىن كېيىن
ئەمما بىلمەيتتىڭ
دۇنياغا كېلىش قانداق مۆجىزە.
خەۋەرسىز ئىدىڭ
ياشاش دېمەك كۆيۈش دېمەك
بىراۋلارنى، قايسى بىر ئىدىيەلەرنى سۆيۈپ قالاتتىڭ
ئۆزۈڭدىن خەۋەرسىز، ئۆزگىلەر بىلەن بولۇپ كېتەتتىڭ؛
ياشاش دېمەك تاللاش دېمەك
ئەمما ياشايتتىڭ
بىر ئۆمۈر تاللاشلارنىڭ شاھى ئەمەس تاللىنىشنىڭ قۇلى بولۇپ
كۈچلۈك شاماللارغا مەيلىڭنى بېرىپ؛
ياشاش دېمەك غەۋغا كۆتۈرۈش
ئەمما غەۋاغالىرىڭ باشقىلارنىڭ ئارامىنى بۇزسا بۇزاتتىكى
ئۆز ئارامىڭنى بۇزالمايتتى، توساقلاردىن ئاشالمايتتى
ئاجىزلارغا، ساڭا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەرگە كۈچى يېتەتتى-يۇ
ئۆزۈڭگە، نەپسىگە كەلگەندە كۈچسىز
سەپسەتە ئۈچۈن يانتاياق، ھەقىقەت ئۈچۈن ئۇرتوقماق ئېلىپ؛

ياشاش دېمەك ئۆلۈش دېمەك
ئەمما ياشايتىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك
روھىيىتىڭ چاك-چاك يېرىلىپ.
ئەمما قايتىش ئوچۇق ھەقىقەت.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72