قەيسەر ئۇرۇق The Seeds


قەيسەر ئۇرۇق

بۇرۇنقى زاماندا تۆت دانە ئۇرۇقچە بولغان ئىكەن. ئۇلار بەك يېقىن دوستلاردىن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بېرىدە شامال ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ  بىر تاقىر دالىغا ئەكىلىپ تاشلاپتۇ. ئۇلار بىخلىنىپ چىرايلىق دەرەخ بولۇشنى ئۈمىد قىلىشىپ تۇپىنىڭ ئاستىدا ئۇزاق يېتىپتۇ.

لېكىن بىرىنچى ئورۇق بىخلىنىشقا باشلىغاندا ئۇلار كۆكلەپ دەرەخ بولۇشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى چۈشىنىشكە باشلاپتۇ. بۇ دالىدا بىر توپ مايمانلارمۇ ياشايدىغان بولۇپ، مايمۇنلارنىڭ ئەڭ كىچىكلىرى كۆزلىرىگە چېلىققانكى ئەمدىلا بىخ چىقىرىشقا باشلىغان  ئۆسۈملۈكلەرگە بانان ئېتىپ ئوينىشىدىكەن.  مايمۇنلار بۇ ئويۇن-تاماشاسى ئارقىلىق قانداق بانان ئېتىشنى ئۆگىنىدىكەن ھەم مۇشۇ سەۋەپلىك بۇ دالىدا ئۆسۈملۈك ئۆسۈپ ئايىنالمايدىكەن.

كىچىك مايمۇنچاقلار بىرىنچى بولۇپ كۆكلەپ كىچىك ئىككى نوتا چىقارغان ئورۇققىمۇ بىرمۇنچە بانان ئېتىپ ئويناپتۇ. بۇ ئۇرۇق باشقا ئۇرۇقلارغا بۇ ئىشنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى مايمۇنلار بۇ يەردىن كەتكەندىن كېيىن ئاندىن بىخلىنىپ چىقىشنىڭ ياخشىراق ئىكەنلىگە بىر پىكىرگە كېلىشىپتۇ.

ھېچ بولمىسا بىخلىنىپ چىقىپ كۆرۈپ باقماقدۇق دەپ ئويلايدىغان بىر تال ئۇرۇقتىن باشقىلىرى ھەممىسى بۇ پىكىرگە قوشۇلۇپتۇ. بىخلىنىپ چىقىپ بېقىشنى سىناپ باقماقچى بولغان ئۇرۇق يەر تىگىدىن شۇنداق بېشىنى چىقىرىپ ئىككى تال بىخ چىقىراي دىگەندە مايمۇنچاقلار ئۇنىڭغا بانان ئېتىشىنى باشلاپتۇ. باشقا ئۇرۇقلار ئۇنىڭدىن ئەمدى بۇنداق قىلماسلىقنى ئۆتۈنۈپتۇ. لېكىن بۇ كىچىك ئۇرۇق بىخلىنىپ چىقىپ دەرەخ بولۇشنى بەكلا ئارزۇ قىلدىكەن. شۇڭا ئۇ قايتا—قايتا بىخلىنىپ چىقىپتۇ. ھەرقېتىم ئۇرۇق يېڭىدىن بىخلىنىپ چىققاندا كىچىك مايمۇنلارنىڭ قولى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا چەنراق بولۇپ قالىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئەمدى بىخلانغان بىخچىنىڭ يېرىمى يوق بولىدىكەن.

لېكىن بۇ ئۇرۇق قەتئىي بەل قويىۋەتمەپتۇ. ھەرقېتىم مايمۇنلار ئۇنىڭغا بانانلىرىنى ئاتقاندا بۇ ئورۇقنى دوستلىرى توسۇپ قالماقچى بولىشىدىكەن، ئۇنىڭغا مايمۇنلار بۇ يەردىن كۆچۈپ كەتكۈچە سەۋىر قىلىپ تورۇشنى ئېيتىدىكەن. ئەمما بۇ ئورۇق تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بىخلانماقچى بولىدىكەن. مۇشۇ تەرەقىدە كۈنلەر، ھەپتىلەر، ئايلار ئۆتۈپتۈ، مايمۇنلار كىچىك بىخچىغا بانان ئېتىشى توختاتماپتۇ. ئۇلارنىڭ ئاتقان بانانلىرى ھەمىشىە كىچىك بىخچىلارنى سۇندىرىۋېتىدىكەن. كىچىك ئۇرۇقچە بىر نەچچە كۈن ئۇلارنىڭ ئاتقان بانانلىرىدىن بىخلىرىنى ئېلىپ قاچقانمۇ بولۇپتۇ. لېكىن كېيىنكى كۈنىلا قايسىدۇر بىر كىچىك مايمۇنچاق ئۇنىڭغا بانان ئاتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق قايتىدىن بىخ چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

كۈنلەر ئۆتۈپ شۇنداق بىر كۈن كەپتۇ، مايمۇنچاقلار ئۇنىڭغا بانان ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئېتىۋەرگەن بولسىمۇ بېرەسىمۇ ئۇنىڭ بىخچىسىنى باش ئەگدۈرەلمەپتۇ.بىخچا نۇرغۇن قېتىم بانان ھۇجۇمىغا ئۇچىراپ، قانچە قېتىم بېلى مۈكچىيىپتۇ، ئۇنىڭ چوڭىيىۋاتقان غولى نۇرغۇن سۇنۇق ئىزلىرىغا تولۇپتۇ. مانا مۇشۇلار سەۋەپلىك ئۇ باشقا ئورۇقلارغا قارىغاندا تېخىمۇ مەزمۇت چوڭىيىپتۇ. ئۇنىڭ كىچىكككىنە غولى تېخىمۇ توم ۋە چىدامچان بولۇپ كېتىپتۇ.  كىچىك دەرەخ ئەمدى مايمۇنلار ئۇنىڭغا بانان ئاتسىمۇ تىك تۇرالايدىغان ھالغا كېلىپتۇ. بۇ كىچىك ئورۇق بىخ چىقىرىپ شۇنداق بىر تۈپ  كۈچەت بولۇپ كېتىپتۇكى، كىچىك مايمۇنلارمۇ ئۇنى تارتىپ قومۇرۋېتەلمەيدىكەن. ئۇ ئاشۇ يەردە يىلتىز تارتىپ ئۆسۈۋېرىپتۇ.

كىچىك كۆچەت چوڭىيىپ دەرەخ بولۇپتۇ، غولى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچكە تولۇپتۇ. شۇنداق بولغاچقا بۇ دەرەخ ھەرقانداق بوران-چاپقۇنلاردىن ساق-سالامەت ئۆتەپ كېتەلەيدىغان ھالغا كېلىپتۇ. ئاخىرى بۇ قەيسەر ئۇرۇقتىن كۆكلەپ چىققان دەرەخ مۇشۇ دالىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك دەرەخكە ئايلىنىپتۇ.  ئۇنىڭ باشقا دوستلىرى بولسا ئەسكى مايمۇنلار توپىنىڭ بۇ دالىدىن كېتىشىنى ئارزۇ قىلىشقىنىچە توپىنىڭ ئاستىدا يېتىۋىرىپتۇ. ئۇلار ئاشۇ بىر توپ مايمۇنلارنىڭ ئۇلارغا بانان ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئېتىش ئارقىلىق ئۇلارنى تاۋلاپ چىقىدىغانلىقىنى،  شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۇچرايدىغان تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارغا تەييارلىق  كۆرگەچ تۇرالايدىغانلىقىنى بولسا قەتئىي ئويلاپ يېتەلمەپتۇ.


ئەسلى تېكىست:

The Seeds

Pedro Pablo Sacristán

Once upon a time there were four seeds who were good friends of each other. Taken up by the wind they finally landed in a jungle clearing. There they remained, hidden on the ground, hoping they would be able to grow up and become beautiful trees.

But when the first seed began germinating, they realized it wouldn’t be such an easy task. In that clearing there lived a group of monkeys, and the smallest monkeys would amuse themselves by throwing bananas at any plant they noticed was starting to grow. Using this game, the monkeys learnt how to throw bananas and they also kept the clearing free of vegetation.

They threw so many bananas at that first seed that it was almost split in two. And when it told the other seeds what happened, they all agreed it would be better to wait for that group of monkeys to move on, before they attempted to grow.

Well, they all thought that, apart from one, who thought she should at least attempt it. And when she tried she was pelted with bananas, and was left folded over in two. The other seeds got together and asked her to stop trying, but that little seed was completely determined to become a tree, and time and again she would try and try. On each new occasion the little monkeys had slightly improved their aim, and so the little seed ended up doubled over yet again.

But the seed didn’t give up. Every time they pelted her with bananas, she tried even harder, despite her friends begging her to stop, and telling her to wait until the monkeys left. And so, for days, weeks and months the little plant was attacked by the monkeys, and she always ended stooped and doubled over. For a few days she would manage to avoid the bananas, but then the next day some monkey would hit her, and it would all start over again.

And then, one day, she didn’t double over. She was hit by a banana, and then another, but none of them managed to make her stoop. She had taken so many blows, and been doubled over so many times, that she was full of hard knots and scars that helped her to grow more strongly than the other seeds. So, her slim trunk got thicker and more resistant, until it could withstand the impact of a banana. And she was already so well developed that nor could the little monkeys uproot her from the ground. And there she stayed, growing, growing and growing.

Thanks to the extraordinary strength of her trunk she could continue overcoming all difficulties, until she became the most majestic tree in the jungle. Meanwhile her friends remained hidden in the ground, and they continued as ever, hoping that those horrible monkeys would abandon the clearing, never realising that those very same monkeys were the only ones capable of strengthening the seeds’ trunks by their method of throwing bananas, something that would prepare the seeds for all the problems they would confront during their growth.

http://freestoriesforkids.com/


[ This Article is Taken from the Internet and Translated By Tivish .ئەسكەرتىش: ئىنگىلىزچە يازمىنىڭ كېلىش مەنبەسى: تور دۇنياسى ]

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72