دەرەخ كامىرىغا قاپسىلىپ قالغان ئاچكۆز تۈلكە


بۇرۇنقا زاماندا بىر تۈلكە بولغان ئىكەن. بىر كۈنى ئۇنىڭ قورسىقى قاتتىق ئېچىپ كېتىپ يەيدىغان نەرسە ئىزدەپ سىرتقا چىقىپتۇ. تۈلكە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ھەممە يەرنى ئارىلاپ چىققان بولسىمۇ يەيدىغان بېرەر نەرسە تاپالماپتۇ. تۈلكە مۇشۇنداق مېڭىپ يۈرۈپ ئاخىرى بىر ئورمانلىققا يىتىپ كەپتۇ ۋە ئورمانلىقتىن يەيدىغان نەرسە ئىزدەشكە باشلاپتۇ.تۈلكە تۇيۇقسىز كامىرى بار بىر تۈپ چوڭ دەرەخنى كۆرۈپ قاپتۇ.

تۈلكە بېرىپ قارىسا كامارنىڭ ئىچىدە بىر خالتا تۇرغان. قورسىقى ئېچىپ كەتكەن تۈلكىنىڭ كۆڭلىگە خالتىنىڭ ئىچىدە چوقۇم يەيدىغان نەرسە بار دىگەن خىيال كەپتۇ ۋە خوش بولۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈلكە ئۆزىنى دەرەخ كامىرىغا ئېتىپتۇ. خالتىننى ئېچىپ قارىسا خالتا ئىچىدە بىرمۇنچە يەيدىغان نەرسىلەر، بولكا، گۆش ۋە مىۋىلەر تۇرغان.
ئەسلىدە بۇ نەرسىلەرنى ئورمانلىققا دەرەخ كەسكىلى كېرىپ كەتكەن بىر قېرى ياغاچ كەسكۈچى قويۇپ قويغان بولۇپ، خالتا ئىچىدىكى يىمەكلىكلەر ئۇنىڭ چۈشلۈك تامىقى ئىكەن.

تۈلكە خوشال ھالدا يىمەكلىكلەرنى يېيىشكە باشلاپتۇ. تۈلكە يەيدىغاننى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇسسساپ كېتىپ، دەرەخ كامىرىدىن چىقىپ ئەتراپتىكى بېرەر بولاققا بېرىپ سۇ ئىچىشنى ئويلاپتۇ. ئۇ كاماردىن سىرتقا چىقماقچى بولۇپ ئۇنى قىلىپ بېقىپتۇ، بۇنى قىلىپ بېقىپتۇ، لېكىن دەرەخ كامىرىدىن زادىلا چىقالماپتۇ. تۈلكە نېمىشقا كارماردىن چىقالمىغاندۇ؟ چۈنكى تۈلكە بايام ئاچكۆزلىك قىلىپ بەك كۆپ يەۋالغان، شۇنىڭ بىلەن قورسىقى تومپىيىپ قېلىپ دەرەخ كامىرىغا پاتماي قالغان گەپ.

تۈلكىنىڭ بايامقى خوشلىقى غايىپ بولۇپتۇ. ئۇ كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا ئۆزىگە مۇنداق دەپتۇ: ” بۇ كامارغا كىرىشتىن بۇرۇنلا ئازراق ئويلىنىپ كۆرگەن بولسامچۇ كاشكى.”

كىچىك دوستلار، چۈشەنگەنسىلەر. مانا بۇ ” يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس” مىگەنلىكنىڭ، يەنى ئالدى-كەينىنى ئويلاپ قويمايلا بىر ئىشنى قىلىشقا چۈشۈپ كەتكەنلىكنىڭ ئاقىۋىتى.


ئەسلى تېكىست:

The Hungry Fox who got caught in the Tree Trunk

Once upon a time, there was a hungry fox that was looking for something to eat. He was very hungry. No matter how hard he tried, the fox could not find food. Finally he went to the edge of the forest and searched there for food. Suddenly he caught sight of a big tree with a hole in it.

Inside the hole was a package. The hungry fox immediately thought that there might be food in it, and he became very happy. He jumped into the hole and when he opened the package, he saw there were a lot of food, bread, meat and fruit in it!

An old woodcutter had placed the food in the tree trunk while he cut down trees in the forest. He was going to eat it for his lunch.

The fox happily began to eat. After the fox had finished eating, he felt thirsty and decided to leave the trunk and drink some water from a nearby spring. However, no matter how hard he tried, he could not get out of the hole. Do you know why? Yes, the fox had eaten so much food that he became too big to fit through the hole.

The fox was very sad and upset. He told himself, “I wish that I had thought a little before jumping into the hole.”

Yes children, this is the result of doing something without thinking about it first.

  http://www.kidsworldfun.com


[ This Article is Taken from the Internet and Translated By Tivish .ئەسكەرتىش: ئىنگىلىزچە يازمىنىڭ كېلىش مەنبەسى: تور دۇنياسى ]

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72