بىر كۆزى يوق ئانام My mom only had one eye


بىر كۆزى يوق ئانام 

ئانامنىڭ پەقەت بىرلا كۆزى بار  ئىدى.  ئۇ ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارغا تاماق ئىتىدىغان ئىشنى قىلاتتى. ئۇ ماڭا نىسپەتەن شۇنداق بىر تەڭقىسلىق ئىدىكى، ئۇنى بەكلا ئۆچ كۆرەتتىم.

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئانام مەندىن ئەھۋال سوراپ سېنىپىمىزغا كەپتۇ.  ئۇ كۈنى شۇنچىلىك ئوڭايسىزلاندىمكى، ئۇ نېمىشقا مېنى بۇنداق ئوڭايسىز ئەھۋالدا قويىدىغاندۇ دەپ ئاچچىقلاپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن  يىرگەنگەندەك بىرنى ئالايدىم-دە، ئۇنىڭغا پىسەنىتمۇ قىلماستىن  سىنىپتىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتىم. كېيىنكى كۈنى مەكتەپتە بىر ساۋاقدىشىم ” ئاپىڭىزنىڭ پەقەت بىرلا كۆزى بارئىكەنغۇ” دەپ كۈلۈپ كەتتى.

شۇنىڭ بىلەن  نەلەرگىدۇ مۆكۈۋالغۇم كېلىپلا تۇرىدىغان، ئانامنى كۆزدىن يوقالسا بوپتىكەن دەپ ئارزۇ قىلىدىغان بوپ قالدىم. شۇكۈنى ئۇنىڭغا ئۇچراپ قېلىپ ” ناۋادا سىز مېنى مازاققا قويۇشنىلا ئويلىسىڭىز، ئۆلۈپلا كەتسىڭىزلا بولغىنى.” دەپ سالدىم .

ئانام ھېچقانداق ئىنكاس بۈلدۈرمىدى… مەن بولسام ئۆزۈمگە ھاي بېرىپ ئاچچىغىمدا ئۇنىڭغا نېمە دېگەنلىكىمنى ئويلاپمۇ قويمۇدۇم، ئۇنىڭ ھېسياتىنى پۈتۈنلەي ئويلىماي قويغان ئىدىم.

شۇنىڭ بىلەن ئۆزەمنى ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك ھىس قىلىدىغان، ئۆيدىن چىقىپ كەتكۈملا كېلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ قاتتىق تىرىشىپ ئۆگەندىم. ئاخىرى چەتئەلدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشىتىم.

مانا ھازىر  توي قىلدىم، ئۆزۈمنىڭ شەخسى ئۆيى بار بولدى، پەرزەنتلىكمۇ بولدۇم. ئىللىق ئائىلەمدىن، بالىلىرىمدىن ، ھازىرقى بەھۇزۇر تۇرمۇشتىن ناھايىتى خۇشال ئىدىم.  بىركۈنى ئانام مېنى يوقلاپ كېلىپتۇ. ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشمىگىلى نەچچە يىللار بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ھەتتا ئۆزىنىڭ نەۋرىلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.

ئۇ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىدا بالىلىرىم ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈشىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا ” نېمىشقا تۇيۇقسىزلا چاقىرىلمىغان مېھمان بولۇپ كېلىسىز” دەپ توۋلاپ كەتتىم. ” ئۆيۈمگە كېلىپ بالىلىرىمنى قورقۇتۇشقا قانداقمۇ كۆڭلىڭىز ئۇنىدى؟” ئۇنىڭغا تازا ۋاقىرىدىم، ” ھازىرلا بۇ يەردىن يوقۇلۇڭ!”

مېنىڭ بۇ قىلغانلىرىمغا ئاپام جىملا جاۋاپ قايتۇردى: ” ھىم، خاپا بولمىغان  بولسىڭىز. مەن ئادېرىسنى خاتا تۇتىۋالغان ئوخشايمەن.” ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپلا كۆزدىن غايىپ بولدى.

بىر كۈنى ساۋاقداشلار يىغىلىشى توغۇرلۇق بىر پارچە خەت تاپشۇرىۋالدىم. ئايالىمغا بىر سودا ئىشى چىقىپ قالدى دەپ يالغان ئېيتىپ قويۇپ يىغىلىشقا باردىم. يىغىلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن بىر خىل قىزىقىش ئىچىدە كونا ئۆيىمىزنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن ماڭدىم.

كونا ئۆيىمىزگە يىتىپ كەلگەندىن كېيىن قوشنىلىرىمىزدىن ئانامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇم. كۆزۈمگە بىر تامچىمۇ ياش كەلمىدى. قوشنىىلىرىمىز ئانام ماڭا يېزىپ قالدۇرغان بىر پارچە خەتنى بەردى.

“مەن ئۈچۈن ئەڭ سۈيۈملۈك بولغان ئوغلۇم،

سېنى شۇنچىلىك سېغىنغان ئىدىم. ئۆيۈڭگە تۇيۇقسىزلا بېرىپ بالىلىرىڭنى قورقۇتىۋەتكەنلكىمنى كەچۈرگىن. سېنىڭ ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا كەلمەكچى بولغانلىقىڭنى ئاڭلاپ بەك خوش بولغان ئىدىم. مانا ھازىر كارىۋاتتا يېتىۋېتىپتىمەن، سېنى كۆرگىلى بارالمايدىغاندەك تۇرىمەن. بالىلىقڭدا ساڭا دائىم  پۇتلىكاشاڭ بولۇپ، ساڭا ئوڭايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنكىم ئۈچۈن ئالدىڭدا ناھايىتى خىجىلمەن…. ئوغلۇم، ناھايىتى كىچىك ۋاقىتلىرىڭ ئىدى.  سەن  بىر ھادىسىگە ئۇچىراپ بىر كۆزۈڭدىن ئايرىلىپ قالدىڭ. بىر ئانا بولۇش سالاھىيتىم بىلەن سېنىڭ بىر كۆزۈڭ يوق چوڭ بولىشىڭغا قەتئىي چىداپ تۇرالمايتىم. شۇنىڭ بىلەن ساڭا ئۆزۈمنىڭ بىر كۆزىنى بەرگەن ئىدىم. ئوغلۇم، سەن مېنىڭ كۆزۈم بىلەن، مېنىڭ ئورنۇمدا دۇنيادىكى پۈتۈن يېڭى نەرسىلەرنى كۆرۈپ كېلىۋاتىسەن، سەندىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن.

سنى جېنى بىلەن سۆيۈپ كەلگەن،

ئاناڭدىن. “


ئەسلى تېكىست:

My Mom Only Had One Eye

My mom only had one eye. I hated her… She was such an embarrassment. She cooked for students and teachers to support the family.

There was this one day during elementary school where my mom came to say hello to me. I was so embarrassed.

How could she do this to me? I ignored her, threw her a hateful look and ran out. The next day at school one of my classmates said, “EEEE, your mom only has one eye!”

I wanted to bury myself. I also wanted my mom to just disappear. I confronted her that day and said, “If you’re only going to make me a laughing stock, why don’t you just die?”

My mom did not respond… I didn’t even stop to think for a second about what I had said, because I was full of anger. I was oblivious to her feelings.

I wanted out of that house, and have nothing to do with her. So I studied real hard, got a chance to go abroad to study.

Then, I got married. I bought a house of my own. I had kids of my own. I was happy with my life, my kids and the comforts. Then one day, my Mother came to visit me. She hadn’t seen me in years and she didn’t even meet her grandchildren.

When she stood by the door, my children laughed at her, and I yelled at her for coming over uninvited. I screamed at her, “How dare you come to my house and scare my children! GET OUT OF HERE! NOW!!!”

And to this, my mother quietly answered, “Oh, I’m so sorry. I may have gotten the wrong address.” – And she disappeared out of sight.

One day, a letter regarding a school reunion came to my house. So I lied to my wife that I was going on a business trip. After the reunion, I went to the old shack just out of curiosity.

My neighbors said that she died. I did not shed a single tear. They handed me a letter that she had wanted me to have.

“My dearest son,

I think of you all the time. I’m sorry that I came to your house and scared your children.

I was so glad when I heard you were coming for the reunion. But I may not be able to even get out of bed to see you. I’m sorry that I was a constant embarrassment to you when you were growing up.

You see……..when you were very little, you got into an accident, and lost your eye. As a mother, I couldn’t stand watching you having to grow up with one eye. So I gave you mine.

I was so proud of my son who was seeing a whole new world for me, in my place, with that eye.

With all my love to you,

Your mother.”

http://academictips.org/


[ This Article is Taken from the Internet and Translated By Tivish .ئەسكەرتىش: ئىنگىلىزچە يازمىنىڭ كېلىش مەنبەسى: تور دۇنياسى ]

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72