تەڭقىسلىق

 

  ئىش بىجىرگۈچى راست-يالغان ھۆججەت ئىسپاتلارنى ئالدىغا تارتتى ۋە ھەربىرنى مۇنداقلا كۆرۈپ قويغاندىن كېيىن كۆز ئالدىدا بىر خىللا مەيۈسلىنىپ قاراپ تۇرغان كىشىگە ئىشنىڭ پۈتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى. ئۇ ئاخىرى ئىشىنى تۈگەتتى. يالغان ئېيتتى، نۇرغۇن ماددىي ئىسپاتلارنى تەييارلىدى، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئىشىنى ئاخىرى تۈگىتىۋالغان ئىدى. لېكىن ئۇ  ئۆزى تىزراق پۈتىشىنى ئارزۇ قىلغان بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى پۈتكەنلىكىدىن ئانچە خۇشال ئەمەستەك كۆرىنەتتى. ئۇ ئىش بىجىرىش ئورنىدىن ئېيتىپ بولغىلى بولمايدىغان بىر خىل ھارغۇنلۇق بىلەن قايتىپ چىقتى. يېرىم يولدا ئىگىز بىنالارنىڭ ئارىسىدا كۆزگە چېلىقمايلا قالغان، مىھمان-خېرىدارلىرى بارغانسىرى ئازلاۋاتقان سالىھلار جەمگاھىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلىدى. جەمگاھقا كىرىپ چىقىۋاتقان كىشىلەر ئۇنىڭغا خۇددى كىرگەن-چىققان كىشىلەرنى مارىلاپ كىچىكلىرىنى، يات-ياۋايىلىرىنى خىللاپ خاتىرلەيدىغان ئىشىك باقارلارغا قارىغاندەك سوغۇق نەزەردە قارىشىپ ئۆتۈپ كىتىشەتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن بىر خۇدادىن باشقا ھېچكىم خەۋەرسىز ئىدى. ئۇمۇ ئۆتىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆزى توغۇرلۇق نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىشكە ئامالسىز ئىدى، راستىنى ئېيتقاندا ئۇ بۇنداق ئىشلارغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيتتى ھەم ياقتۇرمايتتى. ئۇ قۇلىدىكى سومكىغا قارىغنىچە خىيالغا چۆكۈپ كەتتى.

ھەمىشە راستچىل ئادەم بولۇشنى ئىستەيسەن-يۇ، ئەمما ئەتراپىڭدىكى كىشىلەر، ئەمەلىيەتلەر سېنى ھەر دائىم يالغان ئېيتىشقا، ياكى ساختىلىق قىلىشقا ئۈندەپلا تۇرىدۇ. بەزىدە قېيىشىپ تۇرۇپ دۇرۇس ئادەم بولماقچى بولىسەن، دۇرۇس، راست يول بىلەن ئىشلىرىڭنى ھەل قىلماقچى بولىسەن. لېكىن يالغانغا، ماددىغا كۈنۈپ كەتكەن كىشىلەر سېنىڭ بۇ دۇرۇسلىقىڭغا قوڭىدا كۈلۈشۈپ قويىشىدۇ-دە، ئالدىدىكى ھەرخىل رەڭلەردە بويىلىپ كەتكەن سۆزلەردىن ئۆزىگە لازىملىق گەپلەرنى ئىزدەشكە چۈشىدۇ. قىسىلىسەن، ئوڭايسىزلىنىسەن. دورۇسلىقىڭ، سەمىمىيتىڭ تەڭقىسلىقىڭغا ئايلىنىدۇ. بەزىدە ئاتا-ئاناڭغا، يېقىن دوست بۇرادەرلىرىڭگە راست گەپ قىلىشنى ئويلايسەن-دە، سۆز ئېچىش قىيىن بولسىمۇ، راست سۆزىڭنىڭ ۋەزنى بەك ئېغىر بولسىمۇ ئىشنىڭ ئەسلىنى ئېيتىسەن. ئويلىمىغان يەردىن ئاتا-ئاناڭ، دوست-يارەنلىرىڭنىڭ قاپاقلىرى تۈرىلىپ، سېنى ئەيىپلەشكە چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ ھال سېنى ئويغا سېلىپ قويىدۇ: ئەگەر باشقىچىراق بىر ھىكايە ئويدۇرۇپ چىققان بولسام ئۇلار ” ھە چۈشىنىشلىك ” دېيىشكەن، قاپاقلىرىدىن مۇز ياغمىغان بولار ئىدى.  بىرى سىنى چىڭ سىقىۋاتقاندەك بىر خىل ھىسياتقا كېلىپ قالىسەن. ئىشلار بىردەمدىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، لېكىن يۈرىكىڭدىكى يالغانچىلىق ۋە راسچىللىق، سەمىمىيەت ۋە ساختىپەزلىك جېڭى داۋاملىشىدۇ، لېكىن شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىدۇ، يۈرىكىڭنىڭ سىقىلىشلىرى غايىپ بولىدۇ، قەلبىڭدە ئۇنداق ئوڭ-سول قاراپ تۇرۇپ قالىدىغان، ئىككى خىل قارمۇ-قارشىلىقنىڭ ئۇرۇشىدىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ: بىر بولسا ماددىيەتكە قۇل بولغان، ئادەمنىڭ سەمىمىيتىدىن قەغەز-رەڭلەرگە بەكراق ئىشىنىشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ قاتارىغا ئۆتۈپ كېتىسەن-دە، سەمىمىيەتنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن ئىتراپ قىلىپ، ماددىيەتكە بېشىڭچە كېرىپ كىتىسەن، ئۆزلۈك ئىسپاتى ئۈچۈن نۇرغۇن كۆرۈنمەس بۇتلارنى تىكلەيسەن، ھەريەرگە بارساڭ بۇتلارغا ئېھتىياجىڭ چۈشىدۇ، ئۆزلۈك، قابىلىيىتىڭنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇتلارغا ئىلتىجا قىلىسەن؛  بىر بولسا ” ھەقىقەت ئاچچىق بولسىمۇ سۆزلەش” نى ئەۋزەل بىلىپ سەمىمىيتىڭدە، دەۋايىڭدا مەھكەم تۇرىسەن. سەمىيمىيتىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان بىر پارچە ئوت بولسىمۇ ئۇنى مەھكەم سىقىمدايسەن. مۇشۇ ئىشىڭ ئۈچۈن بەلكىم باشقىلار سېنى مەسخىرە قىلىشى، ساڭا ئىچ ئاغىرتىپ ساڭا ئوتنى تاشلىۋېتىش ھەققىدە دەرس ئۆتىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلار ئەمەلىيەتتە بۇ ئوتنىڭ ساڭا نىسپەتەن خۇددى ئىبراھىمنىڭ ” ئوت كەپىسى” دەك ئىكەنلىكىنى بىلىشمەيدۇ.  تەڭقىسلىقتىن قۇتۇلغان ئاشۇ روھلارغا، ئۆزلۈك ئىسپاتى ئۈچۈن كۆرۈنمەس بۇتلارنى ئەمەس، سەمىمىيەت ۋە راستچىللىق سېپىلى سوقىۋاتقان ئاشۇ ئەزىزلەرگە ئامانلىق بولسۇن.

” ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم” كىمدۇر بىرىنىڭ ئاۋازى ئۇنى خىيالى دۇنيادىن ئەمەلىي دۇنياغا قايتۇرۇپ كەلدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈردى. كۆز ئالدىدا خېزىر سۈپەت بىر بوۋاي ئۆزىگە كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى.

-مەسچىتكە كىرگىلىۋاتقىنىمدا مۇشۇنداق خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپتىكەنسىز، ئوغلۇم،- دېدى بوۋاي،- چىقساممۇ يەنە مۇشۇنداق ئولتۇرۇپسىز. بۇنداق ئولتۇرۇش سىز دىمەتلىك ئوتتۇرا ياش ئەرگە قەتئىي ماس كەلمەپتۇ. بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچۇرغان بولسىڭىز كېرەك. جۈرۈڭ ئوغلۇم! چايخانىغا بېرىپ بىر پىيالىدىن چاي ئىچىپ كېلەيلى.

ئۇ كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرىدىن بىر خىل ھەيران بولغىنىچە تۇرۇپ قالغانىدى. ئەمما پۈتۈن بەدىنى بولسا بىرخىل ئىللىق سىزىم قاپلىغىلىۋاتاتتى.

-ياخشى كۆڭۈللىرىگە رەخمەت بوۋا،- جاۋاپ قايتۇردى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ،- باشقا ئىشمۇ يوق. شۇ بىرخىل تەڭقىسلىقتا، ئۆزەم توغۇرلۇق ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن.

-ئۆزى توغۇرلۇق ئويلىنىش ناھىيىتى ياخىشى ئىش بالام. خۇدايىم سىزنى بۇ خىل ئىبادەتنىڭ ھۇزۇرىدىن مەھرۇم قىلمىسۇن. لېكىن تەڭقىسلىقتا يۈرۈپ يەنە بىر ھۇزۇردىن مەھرۇم قالماڭ. يېنىڭىزدا مەسچىت تۇرۇپتۇ. كىرىپ تاھارەت ئېلىپ قانداق تەڭقىسلىقىڭىز بولسا، تىلەكلىرىڭىز بولسا ياراتقۇچىغا ئېيتىڭ. شىكايەتلىرىڭىزنى ياراتقۇچىغا بايان قىلىڭ. كەرەملىك ياراتقۇچى ھەممە ئىشلىرىڭىنى ياخشى قىلىپ بەرگۈسى.

تۇنىمايدىغان بىر بوۋاينىڭ قېرىنداشلارچە ئېيتىلغان بىرنەچچە ئېغىز سۆزى ئۇنىڭ قەلىب تارىنى چىكىپ، روھىنى ئويغاتقىلىۋاتاتتى. ئۇ بوۋايغا يەنە بىر قېتىم رەخمەت ئېيتتى ۋە ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سالامەتلىك تىلىدى. ئاندىن بوۋاي بىلەن خوشلىشىپ تىرەن قەدەملەر بىلەن سالىھلار جەمگاھىغا كىرىپ كەتتى. قەلبىدە قالايمىقان ئۇچۇشۇپ يۈرۈشكەن تەڭقىسلىق بۇلۇتلىرى سۇلايمان قالپىقىنى كىيىپ نەلەرگىدۇ يوقالغان ئىدى، بەلكىم يەنە كىملەردۇر بىرى ۋەياكى دۇنيا ئىشلىرى ئۇنىڭ قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىغۇغىچە ئۇ يوقلۇق ئالىمىدە سەپىرىنى داۋاملاشتۇراتتى.

 

 

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72