قاتىل ۋە سوتچى

سوتخانا ئىشىكى ئۇچۇق ئىدى. مانا بۇ سوتنى ھەقىقى ئۇچۇق سوت دېيىشكە بولاتتى. ئۇ سوتخانا ئىچىگە كىرىپ ھەيران قالغىنىچە تۇرۇپ قالدى:  كۆز ئالدىدا كەڭ كەتكەن بىر مەيدان، نە تۆت تەرەپتە تېمى، نە دەرىزىسى يوق؛ ھەتتا سودىيە ئۈستىلىمۇ، جاۋاپكارلار تۇرىدىغان، ئادۇكاتلار ئولتۇرىدىغان ئورۇنمۇ يوق. ئۇ كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئويلىغىنىچە بولسا سوتخانا دىگەن سىرتتىن قارىماققا بىر قاراشتىنلا ئادەمنى ئەيمەندۈرۈپ قويغۇدەك دەرىجىدە ھەيۋەتلىك بولسا بولاتتى. سوتخانا ئىچى بولسا سىرتىدىن سۈرلۈكرەك بولىشى كېرەك ئىدى – سۆرۈن تەلەت سوتچىلار خاس كىيىملىرىنى كىيىشىپ ھۆكۈم كېسىشكە يەڭلىرىنى تۈرۈپ تەييار بولۇپ تۇرۇشى، يېزىلما ۋە باشقا ئىسپاتلارنىڭ دورۇس ياكى ئەمەسلىكى بىلەن ئانچە ئېتىشىپ كەتمەيدىغان ئادۇكاتلار بولسا ھۆججەت قىسقۇچلىرىنى قولتۇقلىرىغا قىستۇرىۋېلىپ ياكى ئۈستەلگە رەتلىك تىزىپ قويۇپ، جاۋاپكارنى سوتلاشقا ئۆزىنى تەل قىلىپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن كۆز ئالدىدا سوزۇلۇپ ياتقان مەنزىرە باشقىچە. ئۇ  ئامېرىكا كىنولىرىنى زىيادە كۆرۈپ كەتكەن بولسام كېرەك دەپ  ئۆزىگە تەسەللى بەرگىلىۋاتاتتى.
ئۇ تۇرۇپلا ئادەم چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدىغان بىر خىل سىرلىق قىياپەتتە كۈلۈمسىرىدى. ” نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ قەبرىسى مۇشۇنداق ئىكەنمىش. نە تۆت تېمى، نە دەرىزىسى يوق. پەقەت ئالدى تەرەپتە بىر ئىشىكىلا بار.” ئۇنىڭ كۆڭلىدىن تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقىتتا ئەدەبىيات مۇئەللىمىدىن ئاڭلىغان گەپلەر ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭچە بۇ سوتخانا نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ قەبرىسىگە مەلۇم مەنىدىن ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى.

-نېمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرىسەن ھوي؟ ماڭا  ئالدىڭغا. كىمدۇر بىرى ئۇنى سىلكىشلىگىنىچە ئالدىغا مېڭىشقا بۇيرىۋاتاتتى.

– ئاۋازى ئەجەپ تۇنۇشيا ما ھارامزادە گۇينىڭ.  ئۇ ئىچىدە كۇسۇلدىغىنىچە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىدى. ئەتراپىدا بېرەر ئادەمنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.

-ئەجەپ ئىش،- ئويلاۋاتاتتى ئۇ،- كىمدۇر ئۇ مېنى سىلكىشلىۋاتقان؟ ئاۋازىمۇ ئەجەپ مېنىڭ ئاۋازىمغىلا ئوخشايدىكەن دېسە. ئۇ شۇنداق ئويلىغىنىچە سوتخانا ئىچىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەلدى.

-قېنى ئۇ سوتچىلار؟ چۈش كۆرمەيۋاتقاندىمەن-ھە؟

-ما نۇمۇسسىزنىڭ گەپلىرىنى. چۈشىڭ ئەمەس بۇ، ئوڭۇڭ. بايامقى ئاۋاز يەنە جاراڭلاۋاتاتتى.

-نېمىشقا سودىيەنى، ئادۇكاتلارنى، سوتقا كەلگەنلەرنى كۆرۈلمەيمەن. ئالدىمدا ئۇچۇق كەتكەن مەيداندىن باشقا ھېچنىمە يوققۇ.  ئۇ ئاۋازى ئۆزىنىڭكىگە قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان ئاشۇ سىرلىق كىشىدىن گەپ سورىۋاتاتتى.

-ئەلۋەتتە كۆرەلمەيسەن-دە، ھۇ باسقۇنچى. چۈنكى مەن-سەن؛ سوتچى مەن؛ ئادۇكات سەن؛ گۇۋاھچى مەن؛ سوتقا كەلگەنلەرمۇ سەن ھەم مەن.

– نېمانچە قاتتىق ھەم چۈشىنىكسىز گەپ قىلىسىز؟ گېپىڭىزنى ئازراق چۈشەنىلىگەن بولسام نېمە دەي؟

– تولا تىلىڭنى چىشلىمەي گۇناھىڭنى ئىقرا قىل. ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىڭگە ئىقرارمۇ سەن؟

– نېمە، ئادەم ئۆلتۈرۈش؟ ئادەمگە قارا چاپلىماڭە، سوتچى، ياق گۇۋاھچىكا.

– ھەي يۈزسىز. تېنىۋالماقچىما؟ سەن ئادەم ئۆلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۆز پۇشتۇڭنى ئۆلتۈردۈڭغۇ؟ مەن قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر ھەم ئورگانلار  بۇنىڭغا گۇۋاھ بولالايمىز. قېنى تەپسىلى بايان قىل، نېمىشقا ئۆز پۇشتۇڭنى ئۆلتۈرىسسەن؟

– توۋا، نېمە دەيدىغانسىز؟ ئۆز پۇشتۇمنى ئۆلتۈردۈمما؟ بۇ قانداقسىگە مۇمكىن بولسۇن؟ مەن تېخى توي قىلمىغان تۇرسام، نەدىن كەلگەن “پۇشتۇم”كەن ئۇ؟

-ھەي، نۇمۇس دېگەننى بىلمەيدىغان خۇمسى! ئۆتكەندە دورا يەپ ئوغۇرلۇقچە چۈشۈرىۋەتكىنىڭ نېمە؟ يەنە بار تېخى، ئالدىنقى قېتىم  يەنە بىرنى يىتىلىگەنچە دوختۇرخانىغا شورپا ئىچكىلى باردىڭمۇ يا قاتىللىق قىلغىلى؟ تولا ئوغامنى قايناتماي ئىقرا قىلە.

– نېمە دەيدىغاندۇ دەپتىمەن. ئەسلى مۇشۇ گەپمىدى…ئۇ مۇندا..

– ھەي، ئىزا تارتىش دىگەننى بىلمەيدىغان داپشاق! تېخى پەخىرلىنىۋاتىسىنا قىلغان ئىشلىرىڭدىن. سوتچىمۇ، ئادۇكاتمۇ، ياكى گۇۋاھچىمۇ ئەيتاۋۇر بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان ھېلىقى كىشى ئۇنىڭ گېپىنى زەردە بىلەن بۆلىۋەتتى.

-سىزچە قانداق قىلسام بۇلاتتى ئەمسە؟ تېخى توي قىلماي تۇرۇپ مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرىپ قالدى. بىزمۇ شۇندا ئېھتىيات قىلغان بولمىسا. ھەممە گۇناھ ئاشۇ ئوغۇل دوستۇم دىگەن گۇيدا، ئۇنداق قىلمايلى دېسەم قەتئى ئۇنىمىغان. مەندە گۇناھ يوق. ھەم مەن ئادەممۇ ئۆلتۈرمىدىم، شۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن قورسۇقۇمدا پەيدا بولۇپ قالغان بىر پارچە گۆشنى چۈشىرىۋەتتىم.

–  ئۇنداق يۈزسىزلىك قىلماڭە،- قايسى تەرەپتىندۇر يىگىتنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايدىغان بىر ئاۋاز كەلدى، قىززىق يىرى بۇنىڭ ئاۋازىمۇ مۇشۇ سوتخانىدا گەپ قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى,- ئەينى چاغدا توي قىلماي تۇرۇپ ئۇنداق ئىش يۈز بەرمىسۇن دېسەم، ھېچقىسى يوق ئۇنداق ئىش بولمايدۇ دەپ تۇرۇپ بوينۇمغا گىرە سالغان كېمۇ؟  چوڭلاردا بىر سەت گەپ بولىدىغان ” ھىڭگايمىسا يەنە بىر نېمە بولمايدۇ ” دەيدىغان. ھەممىسى سىزنىڭ ئاشۇ شەيتانلارچە كۈلۈشلىرىڭىز، ھەييارلارچە قىلىقلىرىڭىزدىن كەپ چىققان ئىش بۇ.

– نېمانچە نۇسۇمسىز نېمىلە سەن؟ ھەي خۇمسى! يالغان-ياۋىداق بىلەن تويۇنغان شىرىن گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ قىزنىڭ ئىشتان بېغىغا قول ئۇزاتقان سەن ئەمەسما؟  ئا قىزنىڭ قولىدىن يىتىلەپ دوختۇرخانىغا ئاپارغان سەن ئەمەسما؟ ئەمدى ھەممە گۇناھ قانداقسىگە قىزدا بوپ قالدى؟ ئىككىلىڭ نۇمۇس دىگەننى بىلىشمەيدىغان نېمىلەركەنسەن.

-ئەمدى كۆڭۈل دىگەننى باشقۇرۇپ بولغىلى بولمايدىكەن قاراڭ. سوتچى، ياقەي، نېمە دەپ ئاتىسام بولا سىزنى؟ بولدى تەنسىز ئادەم دەپلا تۇراي. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قايسى ۋاقىت دەيسىز؟ توي قىلغاندىلا قىز بالىنىڭ قولىنى تۇتىدىغان، قولىنىڭ ئۇچچىنى يىگىتىگە تۇتقۇزىدىغان ۋاقىت كەلمەسكە كەتتى. توي قىلاي دېسە تېخى، شارائىت يار بەرمىگەن. ئەتراپىمىزدىكى ھەممە ئادەم جۈپ-جۈپ يۈرىشىۋاتسا، ئۆرۈك-ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولماي تۇراتتىمۇ. يەنە كىلىپ ئاز كۈنلەردىن كېيىن ئۇ نىكاھ دېگەن نەرسىلەرنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتىدۇ. ..

-تىلىڭنى يىغىشە ۋا ئىككى يۈزسىزلە!،- تەنسىز ئادەمنىڭ ئاۋازى يەنە جاراڭلىدى،- ئىسسىق پوقاڭنى يېيىشپسە. نىكاھ دېگەن ئىلاھى سوۋغات. تولا قاتىللىقىڭغا باھانە ئىزدەشمەي گۇناھلىرىڭنى ئۈستىڭگە ئېلىش.

-ۋوي، بىزدە ھېچقانداق گۇناھ يوق،- قوش ئاۋاز تەڭلا جاۋاپ قايتۇردى،- باشقا ئىش قىلمىدۇق، شۇ كىچىككىنە بىر پارچە “ئۆسمە”نى كەستۈرىۋەتكەنلا يېرىمىز با.ناۋادا بۇ جىنايەت ھېساپلانسا، مۇنداق “قاتىللار” دىن كۈرمىڭ. قايسى كۈنى بىر ئېنىقسىز مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ھەر يىلى 8 مىليۇندىن ئارتۇق “ئۆسمە” كېسىلىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم بىر خەۋەردىن. ئويلاپ بېقىڭە، تەنسىز كىم. ئەمەلىي سان بۇنىڭدىن ئارتۇق بولىشمۇ مۇمكىن. “ئۆسمە” كەستۈرگىلى بارىدىغانلا بىز ئىككىمىزلا ئەمەس.

– ئاغىزىڭىزنى يۇمۇشە. زادى ئىقرامۇ گۇناھلىرىڭغا؟

– ئېيتتىققۇ ھازىرلا. بىز جىنايەتچى ھېسابلانساق، بىزگە مۇشۇ شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن كىشىلەرمۇ قاتىل. مۇشۇ “ئۆسمە” نى كەسكەن، چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەمدەمدە بولغان ئورگان، دوختۇرخانا، ئاشۇ ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرمۇ قاتىل. ھەممىمىز قاتىل. 8 مىليۇن دىگەن خېلى  چوڭ بىر قەۋىمنىڭ سانى بىلەن باراۋەر. شۇنداق بولغاندا ھەممىمىز باسقۇنچى، ھەممىمىز قاتىل، سىزمۇ بار شۇنىڭ ئىچىدە.

– سەنلەرنى بورىغا يۆگەپ ئوت قويۇپ بەرمىگەن ئادەم ئادەم ئەمەستەك قىلىدۇ زادى.

– ئەجەپ بىزنى سوراققا تارتىپ كەتتىڭىز، سىز كىمۇ زادى؟ يا ئۆزىڭىزنى كۆرسەتمەيسىز؟ تولا ئادەم چالماي ئۆزىڭىزنى زاھىر قىلىڭە. بولمىسا ئادەم چېلىشنى ئۆگىنىپ كېلىڭ.

-ھېي، سېنى چالمايۋاتىمەن، سوراق قىلىۋاتىمەن،-كىملىكىنى بىلگىلى بولۇپ بولغىلى بولمايدىغان سوتچى سەل چېچىلىپ قېلىۋاتاتتى،- قېنى ما جاللاتلار! تۇتۇڭلار ما ئىككى خۇمسىنى، ئاچىقىپ ئوت قويۇپ بېرىڭلار.

چاچلىرىغا ئاق كىرگەن بىر نەچچە بوۋاي-موماي پۇتلىرىنى ئاران يۆتكەپ شەكىلسىز سوتخانا ئىچىگە كىرىپ كەلدى.  كىردى-يۇ، كۆز ئالدىدا قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ تۇرغان كىشىلەرگە قاراپ ئاغىزلىرىنى ئاچقىنىچە تۇرۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئالىدا كىچىكىدىن يىمەي يىگۈزۈپ، كىيمەي كىيگۈزۈپ بىر قوللۇق چوڭ قىلغان نەۋرىسى كىمدۇر بىرىگە ھۆمەيگىنىچە كۆكتاتلىققا تىكلەپ قويغان قارانچۇقتەك تۇراتتى. بوۋاي، مومايلار بايام ئاۋاز كەلگەن يەرگە بويۇنلىرىنى سوزۈشۇقىنىچە تەلمۈردى.

-نېمىگە قاراپ تۇرۇشىلا؟ ئېلىپ مېڭىشسىلا ما قاتىللارنى. سوتچىنىڭ ئاۋازى يەنە جاراڭلىدى.

-كىمگە گەپ قىلىۋاتىسىز؟ كىمنى نەگە ئېلىپ ماڭىدۇ؟ ئىچىمنى ئەجەپ سىقتى ما شەكىلسىز كىم.  گەپ قىلمىسام ئەجەپ يەلكەمگە مىنىپ بۇزەك قىلغىلىۋاتىدىغۇ ماۋۇ سوتچ..ياقەي، گۇۋاھچ… ھۇ بىر نىمەڭنى. كىم بولساڭ ئاڭلاپ تۇر، مەن قاتىل ئەمەس. ئەكسىچە مەن جەمئىيەتكە مەلۇم مەنىدىن تۆھپە قوشىۋاتقان، كەلگۈسىدە سېنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك ئۇزۇق، بوشلۇق مەسىلىسى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەسسە قوشىۋاتقان ئاشۇ 10 نەچچە مىليۇن، توغىرىسى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ، كىشىلەرنىڭ بىرى مەن. تولا مېنى سوتلايمە، ماڭا نىكاھ-پىكاھ، قانۇن-ئەخلاقتىن دەرس ئۆتىمە دىمەي ئاستا سىيىپ كىرىپ چالا قالغان ئۇيقۇڭىزنى ئۇخلاڭ. تەنسىز ئادەملەردىن كېلىۋاتقان ئاۋازلار يىگىتنى قاتتىق چېچىلدۇرغىلىۋاتاتتى. ” ئەمدى گەپنىڭ جىڭىنى قىلدىڭىز، يىگىتىم. ” قوشۇپ قويدى قىزنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر ئاۋاز. سوتچى بولسا جاللاتلارغا سوئال نەزىرىدە تىكىلگىنىچە قاراپ تۇراتتى.

بوۋاي، مومايلار نېمىگىدۇر ئەپسۇسلانغاندەك باشلىرىنى چايقاپ قويۇشۇپ ئۆزلىرىنىڭ ۋە نەۋرىسىنىڭ پۇت-قولىنى كىشەنلىدى. نېمىشقىدۇر تەنسىز سوتچى ۋە يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇت-قولىمۇ بۇ كىشەنگە چۈشۈپ قالغان ئىدى. قاتىل، سوتچى، جاللاتلار بىر كىشەن ئىچىدە ئۇزۇن سىزىق ھاسىل قىلغىنىچە ئېنىقسىز  جازا  لاگىرىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

 

 

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72

ئىنكاسلار

  1. ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،ئاداش!
    ماشا ئاللاھ!بۇ ئەسىرىڭلىمۇ ئىلگىركى ئەسىرىڭلىگە ئوخشاشلا بەك ئىسىل چىقپتۇ. قولۇڭلىغا دەرت تەگمىسۇن.تېخمۇ كۆپ ئىسل،نادىر ئەسەرلەرنى ھۇجۇتقا كەلتۈرۈشۈڭلارغا تىلەكداشمەن.
    ھەر قېتىم ئەسەرلىرىڭلىنى ئوقۇغان چاغدا قەلەم قۇۋۋىتىڭلارغا ئاپرىن ئېيتماي تۇرالمايمەن.ئەسەرلىرىڭلىدىكى ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان مول مەزمۇنلۇق ئوي – پىكىرلاردىن سىرت ،ئادەمنى ھەممىدىن بەك قايىل قىلىدىغنى شۇنچە ئىنچىكە،شۇنچە جانلىق بولغان مۇھىت تەسۋىرى،ئوبراز تەسۋىرى ۋە پسخىك تەسۋىرى.
    داۋامىنى تىزراق يېزىپ يوللاڭلا ئاداش!

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. غېرىپ كۈلبەمدە ئىزلىرىڭلىنى كۆرۈپ بەكمۇ سۆيۈندۈم ئاداش. ياخشى پىكىرىڭلەرگە ۋە تىلەكلىرىڭلەرگە تەشەككۈرلەر. يوقاپ كەتمەي پات-پات يوقلاپ تۇراسىلە.

Comments are closed.