سۆيگۈ ئىزھارى

– سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن.

– قانداقسىگە دەيسىز؟

– سىز بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقىتتا ئۆزۈمنى شۇنداق بىخەتەر ھىس قىلىمەن. گەرچە ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى شۇنداق يىراق بولسىمۇ، سىزنىڭ ئۇچۇرۇڭىزنى قۇبۇل قىلغان ۋاقتىمدا، نىمىشقىكىن خۇددى قوغدۇغۇچى پەرىشتەم يېنىمغا كەلمەكچى بولغاندەكلا خۇشال بولۇپ كىتىمەن. سىز بولغاچقىلا يوچۇن بىر شەھەردە خاتىرجەم يۈرىۋاتىمەن. سىز بولغاچقىلا خېلى -خېلى يەرلەرگە كىملىكىمنى كۆتۈرۈپلا كىرىپ چىقىمەن.قەلبىمنى ئۇنداق بۇلارمىكىن، مۇنداق بۇلارمىن دەيدىغان “مىكىن” لار قاپلىۋالمايدۇ. خۇددى بىرى قۇلۇمدىن يىتىلەپ مېڭىۋاتقاندەكلا خاتىرجەم ھىس قىلىمەن ئۆزۈمنى.

– شۇنداقمۇ؟

– ھەئە، شۇنداق.

– لېكىن بىز تۇنۇشمايدىغان تۇرساق. مەن سىزنى تۇنىمىسام، سىز مىنى تۇنىمىسىڭىز. بۇ قانداقسىگە مۇمكىن بولسۇن.

– يوق گەپنى قىلماڭە، بىز بۇرۇندىنلا تۇنىشاتتۇق، تۇغۇلىشىمىزدىلا تۇنىشاتتۇق.

– گىپىڭىزنى پەقەت ئاڭقىرالمايۋاتىمەن. ئادەمنى تۇلا قايمۇقتۇرمىسىڭىز قانداق. باشقا گەپ بولمىسا مەن ماڭاي. ئازراق ئالدىرايتتىم.

– ۋۇييۇ، نېمىگە ئالدىرايسىز دەيمەن.  بىر قېتىم بولسىمۇ كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشساق بولمامدۇ؟

– لېكىن مەن سىزنى تۇنىمايدىغان تۇرسام.

– بەك گالۋاڭكەنسىز جۇمۇ. سىز مەن، مەن سىز  ئەمەسمۇ. بەزىدە سىزنى تاشلاپ قويىمەن، بەزىدە سىزدىن رەنجىپ كىتىمەن، بەزىدە سىزگە بولغان ئىشەنچىم يوقاپلا كىتىدۇ. ئەمما سىز قولۇمنى چىڭ تۇتقىنىڭىز تۇتقان، نەگە بارسام ماڭا ئەگەشكىنىڭىز ئەگەشكەن. سىز پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدا. بەزىدە سىزنى بىراقلا چۆرۈپ تاشلىغۇم كىلىدۇ، چۈنكى سىز سەۋەپلىك نۇرغۇن پىشكەلچىلىككە ئۇچراپلا تۇرىمەن. ئەمما سىز مەندىن ھۆددەس زىرىكىپ قالمىدىڭىز. ئەجەپ بۈگۈن زىرىكىپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ بىرەر ئىشىنى خاتا قىلدىممۇ يا؟

– ياقەي، ياقەي. سىزدىن زىرىكىپ قالىدىغانغا يا مەن  ئادەم ياكى جىن -شاياتون بولمىسام. گەپنىڭ راستى سىزنى تۇنۇيالمىدىم. بىلەمسىز، ھەركۈنى مىڭلىغان، يۈزمىڭلىغان ئادەملەرنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقىمەن. كىملەرنىڭ خىيالىدىن كىچىپ، كىملەر ئۆزىنى قايتىدىن ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېسىمدە تۇتۇپ بولالمايمەن ھەم بۇنداق قىلىشىمنىڭ ھاجىتىمۇ يوق. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىيالىغا دائىم كىرىپ-چىقىپ يۈرگەچكىمۇ ئۇلار مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار مېنى ئەمەس ئۆزلىرىنى قايتىدىن ياخشى كۆرۈپ قېلىشتى شۇ؛ يەنە بەزىلەر مەندىن زىرىكىپ، مېنىڭ سىگىنالىمنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ بولغاندۇ، شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ خىيالىغا، ئويلىرىغا كىرىپ بولالمايدىغاندىمەن. سىز شۇ ئاشۇ ئويلىرىغا قۇلۇپ سېلىۋالمىغان مىڭلىغان كىشىلەر ئارىسىدىكى بىرىدۇرسىز. ئەمەلىيەتتە سىزمۇ ئىلگىرى ئۆزىڭىز زېرىككەن، ئاۋارىچىلىق ھىس قىلغان ھەقىقى ئۆزىڭىزنى قايتىدىن سۆيۈپ قالغانسىز. ئىلگىرى ئەينەككە قاراشتىن، رىئاللىقتىكى ئۆزىڭىزنى كۆرۈشتىن يىرگىنىدىغان، ئۆزىڭىزنى زورلاپ باشقا بىرىگە ئايلاندۇرۇپ چىقماقچى بولغان بولسىڭىز، مانا ھازىر ئەينەككە دادىللىق بىلەن قارالايدىغان، ئۆزىڭىزنى سۆيەلەيدىغانغا جۈرئەت قىلايدىغان بولغانسىز.

– راست دەيسىز. ئەجەپ ئويۇمغا كىرىپ چىققاندەكلا گەپ قىلدىڭىزا.

– دېدىمغۇ، سىزنىڭ ئويلىرىڭىزغا نەچچە كېرىپ، نەچچە چىقىپ سىزنى زىرىكتۈرۈپمۇ بولغانمەن. لېكىن ئاخىرى غەيرەتكە كەلدىڭىز نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش. ئۈمىدىم قەلىب ئېتىزىڭىزغا تېرىپ قويغان ئورۇقچىلار قۇرۇپ قالمىسا. يەنە قايتىدىن ئۆزىڭىزدىن يىرگىنىدىغان، ئۆزگىلەرگە كانىدەك چاپلىشىپ، ئۆزىڭىزدىن ئۈركىپلا تۇرىدىغان بىرى بولۇپ قالمىسىڭىزلا بولغىنى.

– راست دەۋاتىمەن. سىزنى راستىنلا سۆيۈپ قاپتىمەن. سىزدىن ئايرىلالمايمەن. ئۇنداق قىلماي مەن بىلەن بىر ئۆمۈر تۇرۇپ قېلىڭ.

– گېپىمنى چۈشەنمەيۋاتىسىز. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنى، ئۆزلىكىڭىزنى قايتىدىن سۆيۈپ قالدىڭىز، مېنى ئەمەس. مەن پەقەت ئۆزىڭىزنى بايقىۋېلىشىڭىزدىكى بىر ۋاستە. ئەمەلىي ھەرىكەتسىز مەن پەقەت ئۆلۈك خىيالدىنلا ئىبارەت.

– ئەمسە ھېچ بولمىسا ئىسمىڭىزنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، قەلب خاتىرەمگە يېزىۋالسام، كېيىن ئوغۇل-قىزلىرىم بولۇپ قالسا ئۇلارغا سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى مىراس قىلىپ قالدۇرسامكەن دەيمەن.

– ئىسمىم تەپەككۇر.

– كۆڭلۈم شۇنداق سۆيۈندى، سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن.

-دەۋايىڭىزدا راستىچىل بولسىڭىز، ئەما كۆزلىرىڭىز ئېچىلىپ دۇنيادىكى ھەممە گۈزەل ئىشلارنى كۆرەلىگۈسى، گاس قۇلاقلىرىڭىز زىللىشىپ قايتىدىن پۈتۈن كائىناتنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالىغۇسى.

– سىزنى سۆيۈشۈم دەۋايىمدا مۇستەھكەم تۇرۇشىمغا مەدەت بەرگۈسى.

 

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72

ئىنكاسلار

  1. دەسلەپكى قۇرلارنى ئوقۇپ بىرخىل ئىككى تورداشنىڭ دىئالوگىدەك يېقىملىق تەسىر بەرگەن ئاخىرغا بارغانچە مۇھاكىمە قوينىغا تاشلاپ قويدى !ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولغاي!

    • يازمىنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن ۋە ياخشى تىلەكلىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم. قەدەملىرىڭىزنى يېڭى بلوگىمدا، پىكىر-تەنقىدلىرىڭىزنى تاققۇ-تۇققۇ يازمىلىرىمدا دائىم كۆرۈشنى ئىستەيمەن.

Comments are closed.