سەھىپە ۋەسىيەتنامە

John Ray Grisham, Jr. born February 8, 1955, is an American bestselling writer, attorney, politician, and activist best known for his popular legal thrillers. His books have been
translated into 42 languages and published worldwide.
ۋەسىيەتنامە ناملىق بۇ كىتاپ ئامېرىكىلىق يازغۇچى جون رېي گرىسخەم جئار نىڭ كىتابى، بۇ ئادەم ئەڭ بازارلىق كىتاپلارنىڭ ئاپتۇرى، ئەسەرلىرى 42 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بىلەن 43 تىل بوپ كەتتى) قىسقىچە مەزمۇنى: ئامېرىكىلىق بىر چوڭ باي ئۆمرىنىڭ ئاخىرغا كەلگەندە سىرلىق بىر ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ قويۇپ ناھايىتى ئېچىنىشلىق بىر ئۇسۇل بىلەن ئۆلىۋالىدۇ. ئۆلىمىنىڭ ئالدىدا بىر قانچە ئادۇكاتنىڭ ئالدىدا بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئايالى، شۇنداقلا ئۇلاردىن بولغان باللىرىغا ئۆزىنىڭ مىراسىنى تەخسىملەش ھەققىدە بىر ۋەسىيەتنامە قالدۇرىدۇ. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسى ئادۇكاتى بىلەن باشقا ئايرىم بىر ۋەسىيەتنامە ئىمزالايدۇ ۋە بۇنى باشقىلاردىن مەخپى تۇتىدۇ ۋە ۋەسىيەتنامىدىكى ئىشلارنى ئۆز ئادۇكاتىغا تاپشۇرىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن بۇ مىليونىر پۈتۈن بايلىقىنى نىكاھسىز بولغان، باشقىلار ۋە ئۆزىمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان قىزىغا مىراس قالدۇرىدۇ. ھىكايە بۇ مىليونىرنىڭ ئۆلىمدىن باشلىنىدۇ…. كىتاپ قىززىقارلىق ۋە جەلپ قىلارلىق بولۇپلا قالماي ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن يېڭى بولغان ئۇچۇرلارنىمۇ تەمىنلەيدۇ.

15- باب: پەنتەنېلغا قايتا سەپەر

  15- باب:  پەنتەنېلغا قايتا سەپەر ( پەنتەنېلغا قايتىش )   جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ڧىل نېيتنى ماشىنا بىلەن بالتىمور-ۋاشىنگتون ئايرودۇرۇمىغا ئاپىرىپ قويدى. ئۇ 9 سائەتتىن كېيىن كورۇمباغا يېتىپ باراتتى. ئۇ جوش بىلەن رىچېل ئۈچۈن بىر ھاۋالە قىلىش ھۆججىتى يازغان…

14- باب: ئاخىرقى كېلىشىم

14- باب: ئاخىرقى كېلىشىم ھەپتە ئاخىرىدا نېيت شەھەردىن يېنىپ چىقتى. ئۇ ڧىلەننىڭ مىراسخورلىدىن 9 كۈنىدىن بۇيان سوئال سوراپ يۈرۈپ چارچاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىر خىل خىجىللىق ھېس قىلاتتى ۋە ڧىلەننىڭ بالىلىرىغا ئېچىناتتى، ئوبدانراق ياشاشنى ئويلىغان بىچارە سىنىيدقا ئىچ ئاغرىتاتتى. ئىككى…

13- باب:  سوتخانىدىكى دەۋالىشىش

  2- ئاينىڭ 17- كۈنى دۈشەنبە بۇ دەۋانىڭ بىرىنچى باسقۇچى باشلاندى. تروي ڧىلەننىڭ بايلىقىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۆلگۈدەك تىرىشۋاتقان بارلىق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر ئىدى. نېيت بولسا ئۇلارنىڭ  ھەقىقىي گۇۋاھچى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇلاردىن سوئال سورىسا…

12- باب: رىچېلغا خەت

  دۈشەنبە كۈنى ئەتتىگەندىلا مەۋرىي روۋز ئادۇكاتى گرىتنى ئىشتىن بوشاتتى. خاك گەدىيس ھازىر تروينىڭ تۇنجى ئايالىدىن بولغان تۆت بالىسىنىڭ ئادۇكاتى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ مىراستىن ئالىدىغان ئۆلۈشىمۇ 17.5 پىرسەنتكە چۈشكەن ئىدى. لېكىن ئۇنىڭغا تېگىدىغان پۇلنى سوممىسى ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئۇ باشقا…

11- باب: يېڭى بىر باشلىنىش

11- باب: يېڭى بىر باشلىنىش نېيت يېرىم كېچە بولغان ئاخىرى ئويغاندى. ئۇ ئاغرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ قويدى. پېشانىسى ناھايىتى قىزىق ئىدى. نېيت قاتتىق ئۇسساپ كەتكەن بولۇپ، ئاخىرقى قېتىم قاچان تاماق يېگىنى ئېسىگە ئالالمايۋاتاتتى. قاراڭغۇ ياتاقتا بىرسىنىڭ سايىسى كۆرۈندى، بۇ سايە…